ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: تەۋەككۈل قىلىشتىكى قورقۇشنى يېڭىش

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: تەۋەككۈل قىلىشتىكى قورقۇشنى يېڭىش

ۋاقتى: 2015-07-03 ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


تەۋەككۈل قىلىشتىكى قورقۇشنى يېڭىش
كارخانىغا نىسبەتەن، رەھبەرلەرنىڭ زىيان كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ھەددىدىن زىيادە تەتقىق قىلىشى، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ماھىيىتىگە سەل قارىشى ناھايىتىمۇ چوڭ بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيانغا بولغان قورقۇنچ دائىملا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى چىرمىۋالىدۇ-دە، يېڭىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولغان ھالەتتىمۇ، كىچىككىنە خەۋپنى دەپ ئۇلارنى چىكىندۈرگۈزىدۇ.
تاشپاختىنى مىسالغا ئالساق، نەچچە ئەسىردىن بۇيان، كىشىلەر تاشپاختىنى ناھايىتى سىرلىق ماددا دەپ ئويلايتتى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سۆز كۆپ ھاللاردا ئۆپكىگە تاشپاختا ئولتۇرۇشۇش كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان كانچىلارنىڭ  سىماسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ خىل ئۆپكە كېسەللىكى نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. يەنە بەزىلەر تاشپاختىنىڭ سەۋەبىدىن قوۋزاق بۆرتمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇ خىل جان ئالىدىغان راك كېسىلى تاشپاختا زەررىچىلىرىنىڭ نەپەسلىنىش يوللىرىغا كىرىشىدىن كېلىپ چىققان.
شۇڭلاشقا، خېيشې گۇرۇھىنىڭ ئانالىز قىلغۇچىلىرى شىركەت تاشپاختا ئىگىلىكىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندا بۇ سودىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەرگەن. «دەسلەپكى ئىنكاس بولسا "تاشپاختا دېگەن بۇ نەرسىدىن يەنىلا يىراق تۇرغان ياخشى، ئۇ شىركەتنى ھالاك قىلىدۇ"» بۇ خېيشې گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى شىۋارسمەننىڭ (STEVE SCHWARZMAN)ئەسلىمىسى. خېيشې دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي پاي ھەسسىدارلىق فوند شىركىتىنىڭ بىرى.
لېكىن، شىۋارسمەن تاشپاختىدىن قورقمايلا قالماي، ئۇنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەگەردە خېيشېنىڭ تاشپاختا خەۋپىگە بولغان چۈشەنچىسى باشقا رىقابەتچى شىركەتلەردىن كۆپ بولسا، بۇ شىركەتكە نىسبەتەن قايىل قىلارلىق قوللاش بولاتتى. ئۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدە، ئەڭ دەسلەپكى تاشپاختا ماتېرىيالىنىڭ پېچەتلەنگەن مېتال ئەسۋاب ئىچىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى، ئەسلا سىرتقا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. خەۋپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئېھتىماللىق ناھايىتى كىچىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خېيشې داۋاملىق بۇ تۈرنى سېتىۋىلىپ، شىركەتكە چوڭ پايدا ئېلىپ كەلدى.
خېيىم-خەتەرنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
1)  خەۋپنى نېمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلىش كېرەك. سىز بىر خېيىم-خەتىرى سەل چوڭ بولغان قارارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىڭىزدىن قايسى ئامىللارنىڭ بۇ خەۋپ-خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ئۇچۇرلارغا تايىنىپ بۇ خەتەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئۆلچىيەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاڭ.
2) تەۋەككۈلچىلەرنى، خېيىم-خەتەرنى بوي سۇندۇرغانلارنى مۇكاپاتلاڭ.

گۈزەل ئارزۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش
نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزىنىڭ پارلاق كېلەچىكى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. ئەقىللىق رەھبەرلەر بۈيۈك تەدبىرنىڭ بەلگىلىنىپ چىقىشى پەقەتلا بىر توغرا بولغان ئارزۇ-ئارمانغا موھتاج بولماستىن بەلكى يەنە سىز بەلگىلىگەن ھەر قايسى بىر تەدبىرنىڭ بۇ ئارزۇ-ئارمان بىلەن ئىزچىللىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.
ئەگەردە سىز بىلەن  شىركەت تەدبىر بەلگىلىگەندە، گۈزەل ئارزۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتالىساڭلار، سىلەر چوقۇم ئىككى چوڭ پايدىغا ئېرىشەلەيسىلەر.
 بىرىنچى، خىزمىتىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. چۈنكى سىز قارىماققا جەلىبكار ئەمما تەشكىل نىشانى بىلەن زىت بولغان تاللاش لايىھەسى ئۈستىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىز. ئىككىنچى، تەدبىرلەر تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىدۇ. چۈنكى شىركەتنىڭ پارلاق كېلەچىكى پۈتۈن شىركەتتىكى ئادەم كۈچى ۋە بايلىقنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىركەتتىكى ھەر بىر تارماق بەلگىلەپ چىققان تەدبىرلەرنىڭ يوچۇقسىز بىرلىشىپ، مۇكەممەل بولغان تەدبىر بولۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
1993-يىلى،گېلۇب(HARVEYGOLUB)ئامېرىكىدىكى (AMERICAN EXPRESS) شىركىتىنىڭ CEO لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، شىركەت يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇ شىركەتنىڭ سابىق CEO سى ئىنتىلگەن پۇل-مۇئامىلە بىرىكمە تىپىدىكى كارخانا يولىدا ماڭماستىن، ماركا ئىستراتېگىيە يولىغا مېڭىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
"مېنىڭچە ماركا ئىستراتېگىيەسى شىركىتىمىزنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىگە ماس كېلىدۇ، بۇ بىر مۇلازىمەتنى كۆرسەتكۈچ قىلغان مەدەنىيەت."  ئۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھەممىمىز بىرلىكتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ماركا يارىتىشىمىز كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردىم."
بۇ خىل ئارزۇ-ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گېلۇب تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئۈچ خىل پىرىنسىپىنى بېكىتىپ چىقتى: بىرىنچى، بۇ تەدبىر ماركىغا نىسبەتەن كۈچەيتىش، ئىلگىرىلىتىش رولىنى ئوينىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، بۇ خىل تەدبىر خېرىدارلارغا نىسبەتەن چوقۇم ئىجابىي تەسىر بېرىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، بۇ خىل تەدبىر چوقۇم دۇنياۋى ئىقتىساد چەمبىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن بېرىكتۈرۈپ بېكىتىلىشى كېرەك.
بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، گېلۇب تېزلىكتە (AMERICAN EXPRESS)شىركىتىنى قايتىدىن مەنپەئەت يولىغا باشلاپ كېلىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. "مەن ھەر قايسى تەدبىرلەرنى تۈزگەندە، بۇلارنىڭ شىركەت ماركىسىغا قانداق تەسىرى بارلىقى توغرىسىدا ئويلىنىمەن."
گۈزەل ئارزۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش، شۇنى كۆرسىتىدۇكى:
1) توغرا بولغان گۈزەل ئارزۇنى پۈكۈش، بۇ ئارزۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھاياجانغا سالالىشى، شىركەتنىڭ نىشانىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلىشى ھەمدە شىركەتنى باشقا رىقابەت رەقىبلىرىدىن پەرقلەندۈرەلىشى كېرەك.
2) گۈزەل ئارزۇنى شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت پىلانىغا ئايلاندۇرۇش.
3) ئېلاستىكىلىقنى ساقلاش، يەنى تەدبىرلەرنى ئۆلۈك ھالدا داۋاملاشتۇرماي، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى