ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(2)

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(2)

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 441 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(1)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(2)

 

2. مەھسۇلات سۈپتىگە دائىر قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پرىنسىپى


دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇن چىقىرىشتىكى بەلگىلەنگەن يېتەكچى ئىدىيەسى-دۆلىتىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ماكرو جەھەتتىن تەڭشەپ-تىزگىنلىشى بىلەن بازار ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ چەت ئەللەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئەندىزە ۋە زامانىۋى ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تولۇق قوغداشتىن ئىبارەت.


دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپتىگە دائىر قانۇن چىقىرىشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، «سۈپەت بىرىنچى» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش. سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خېرىدارلار، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسەتلىرىدىن بىرى، شۇڭا «سۈپەت بىرىنچى» فاڭجېنى دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپتىگە دائىر قانۇن چىقىرىشتا ئۇزاق مۇددەتكىچە چىڭ تۇرۇش شەرت بولغان ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېنى بولۇش لازىم.


ئىككىنچى، دۆلەت مەھسۇلات سۈپتىگە بىر تۇتاش قانۇن چىقىرىش، پەرقلىق باشقۇرۇش پرىنسىپىنى يۈرگۈزىدۇ. بۇ پرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت جىسمانىي ساغلاملىققا ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا مەجبۇرىي باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ؛ باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئاساسەن بازار رىقابىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.


ئۈچىنچى، مەھسۇلات سۈپتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا، ئىشتىن بۇرۇن كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. دۆلەت كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى  بولغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا مەجبۇرىي باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ؛ باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئاساسەن بازار رىقابىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.



ئۈچىنچى، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا، ئىشتىن بۇرۇن كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. دۆلەت كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تاۋارلارغا قارىتا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش تۈزۈمىنى يۈرگۈزىدۇ؛ خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش، مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بازارغا سېلىنغان تاۋارلارنىڭ سۈپتىگە بولغان نازارىتىنى كۈچەيتىدۇ.


تۆتىنچى، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتىكى قانۇنىي ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشتا، مەمۇرىي رايونلار بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تەشكىلىي جەھەتتە ماسلاشتۇرۇش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، جامائەت پىكرى قوراللىرىنىڭ نازارىتى ۋە ئىجتىمائىي نازارىتىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەھسۇلات سۈپىتى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى، مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.


بەشىنچى، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاش، ناچارلىرىنى جازالاش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش. بىر تەرەپتىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە سۈپەت باشقۇرۇش بويىچە ئىلغار كارخانا ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن  ساختا، سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارنى قاتتىق جازالاپ، ساختا، سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئوبوروت قىلىنىشىنى توسۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئىلمىي بولغان مەسۇلات كۆرسەتكۈچىنى، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي بولغان سۈپەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلھاملاندۇرۇشنى بەلگىلىدى. مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشتا ئىلغار ۋە مەھسۇلات سۈپتىنى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزگەن، نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.
-----------------------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى