ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك؟

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 960 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.چوقۇم مۇستەقىل خاراكتىر، مۇستەقىل ئىدىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇستەقىل، خاتالىقنى تۈزىتەلەيدىغان خاراكتىرگە ئىگە كىشىلەر ئىزدەنمەيدىغان، توغرا دەپلا مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: مائارىپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەڭ.

2.ئاچا يول—رىقابەت كۈچىڭىزنى ئۇرغىتىڭ. مەيلى سىز خىزمەت، سودا، ئۆگىنىش بولسۇن، چوقۇم ئۈچ ئاچا يولدىكى مەلۇم بىرسىنى ئېنىق تاللاپ، شۇ خىل تاللىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان كەسپىي ھاياتىڭىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان يادرولۇق رىقابەت كۈچىڭىزنى قانداق قىلىپ ئۇرغۇتۇشنى ئېنىق پىلانلاڭ. پەقەت كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايىسز.

3.كەسىپ ۋە مەكتەپنى ياخشى تاللاڭ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىزنى سىز ئوقۇغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە ۋەكىل بولالايدۇ، دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى كەسىپنىڭ ياخشى، مەكتىپىڭىزنىڭ داڭلىقلىقىدىن پەخىرلىنىپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كەتمىسۇن، ھەم شۇنداقلا داڭدار مەكتەپكە، بازارلىق كەسىپكە كىرەلمىدىم، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپمۇ يۈرمەڭ.

4.مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر ئىغىز چىپ-چاپ ياخشى. ئون دانە %10 ھەرگىزمۇ %100 كە تەڭ ئەمەس، بەلكى نۆلگە تەڭ. ئەگەر سىزنىڭ ئون تۈرلۈك ئىشىڭىزنىڭ ھەر بىرسىنى %10 نىلا قىلالىسىڭىز، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز بىر يارىماس، خالاس. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزدە چوقۇم كۈچلۈك بولغان رىقابەت كىرىزىسى تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك.

5.مالىيە باشقۇرۇشنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىڭ. نامرات ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنى ۋە ئويلايدىغىنى پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى پۇل تىجەش. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بەكلا بەتخەجلىك قىلىدۇ. ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى بىر ئايلىق مائاشى يىرىم ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ.

6.كومپىيۇتېر ئۆگىنىڭ. قىزلارغا نىسبەتەن كومپىيۇتېر بولسا سىنقويغۇ، ئوغۇللارغا نىسبەتەن ئۇيونچۇق بوپ قالدى. سىتودىنتلار چوقۇم زۆرۈر بولغان كومپىپوتېر بىلىملىرىنى ئۆگېنىشى كېرەك. كومپىيوتىر ئۆگىنىشكە شۇنچە كۆپ پۇرسەتلەر تۇرۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە Excel دە بىرە جەدۋەل، Powerpoint دا بىرە ئورگېنال، Word دا بىرەر بەت ماتېرىيال كىرگۈزۈپ تەھرىرلىيەلمىسىڭىز، بۇ بىر ئىچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ ؟

7.قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك پۇلى بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ شۇنچىلىك قىممەت يارتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلنى ئىشلىتىش ھوقوقى بارلىقىنىلا ئىپادە قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ يىگانە ھالدا قانچىلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قانچىلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بەكرەك تەكىتلەيمىز. سىزنىڭ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ %12.5 ى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي بىلىمى ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولسا، %87.5 ى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولىدۇ. 30 ياشتىن بۇرۇن كەسىپ ئارقىلىق پۇل تاپسىڭىز، 30 ياشتىن كىيىن باردى-كەلدى، مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق پۇل تاپسىز. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا باشقىلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى، قانداق مۇناسىۋەتلىشىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. كىم بىلىدۇ، ھازىر تونۇشقان دوستىڭىز بىر كۈنلەرگە كىلىپ سىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىڭىز بولۇپ قالامدۇ؟

8.توردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئىنتىېرنىت تورى گەرچە چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بوپ قالسىڭىز، نۇرغۇن زېھنىڭىز، ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.

9.مۇھەببەتلىشىشكە چەك قويۇڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلىۋەتمەڭ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟ قېنى ئەمىسە دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

10.ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش مەسلىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىڭ. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنى ئاكتىپ ئىلگىرلەشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىۋالماڭ. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش پاسسىپ شەكىلدىكى قۇتۇلۇش شەكلى، ۋاقىت ۋە پۇل ئىسىراپ قىلغانلىق خالاس. شۇڭا پۇرسىتى كېلىپ قالسا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋېلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.

11.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مەستانە بولۇپ كەتمەڭ، شۇنداقلا چەتئەلنى جەننەتتەك ھېس قىلىپمۇ كەتمەڭ. ھازىر چەتئەللىكلەر ھە دېسىلا جوڭگو بازىرىغا كىرىپ پۇل تېپىشنى نىيەت قىلىۋاتسا، سىزگىمۇ ھامان قىلغىلى ئىش چىقىدۇ.

12."قوڭۇمدا ھېچنىمە يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى" بولۇپ قالمىسۇن. ئىقتىساسلقلارنى تاللاش بازىرىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈپمۇ كەتمەڭ، قورساق ئاچ تۇرۇقلۇق تاماق تاللاش سىزنىڭچە ئاقىلانىلىكمۇ؟ شۇڭا نەزىرىڭىزدىن بەك ئۈستۈن قىلىۋالماڭ.

13.خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلارغا بېرىدىغان تەرجىمالىڭىزدا چوقۇم كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكىڭىز ئەكىس ئەتسۇن. تەرجىمالىڭىزدا بىرنى سورىسا بىرىگىلا جاۋاپ بېرىشكە قارىغاندا، مۇۋاپىق پەيىتىنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى سەل كۆپتۈرۈپ قويسىڭىزمۇ خېلى ئۈنۈمى بوپ قېلىشى مۇمكىن.

14.كەسىپنى خاتا تاللاش—ئەخلەت بىلەن باراۋەر. شۇڭا سىز خىزمەت ئىزدىگەندە سىزنى ھەققىي تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىشنى قىلىڭ. ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. خىزمەت ئىزدەيدىغان ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ياشلار ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ئويلانمايدۇ. ئەلۋەتتە ئات تاپقۇچە ئېشەڭ مېنىپ تۇرغان ياخشى، ئەمما چوقۇم سىزگە ماس كېلىدىغان ئېشەكنى تېپىپ مىنەلىگىنىڭىزدىلا ئاندىن ھەققىي تۇلپارغا ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا دەيمىز، تۇنجى قېتىملىق خىزمەت ئىشىڭىزغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىڭ.

15.چوڭ شىركەت بىلەن كىچىك شىركەتتىكى ئىش ئوخشىمايدۇ. تاكتىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چوڭراق شىركەتتە ئۆسۈش-ئۆسمەسلىك سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىزگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خوجايىننىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قانداقراق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىگىمۇ باغلىق. شۇڭا ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئۆزىڭىزنى قوغداشنى، ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

16."يېتىپ ئۆلگەندىن ئېتىپ ئۆلگەن ياخشى". ئەمەلىي خىزمەتلەر داۋامىدا"يۇمشاقباش"بولۇپ قېلىشتىن، خەق نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىشتىن(ئەلۋەتتە ئىشنىڭ خاراكتىرىگە ۋە ئىشنىڭ دەرىجىسى، ئۈنۈمىگە قارايمىز-دە) ساقلىنىڭ. يەنى سىزدە چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان جاسارەت ۋە روھ بولسۇن. ئەگەر سىزدە باشقىلارغا ئىشلەستىنلا قانائەت تاپىدىغان بىر خىل تۇيغۇ بولسا، مەيلى مۇئاشىڭىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىز ھامان باشقىلارغا ئىشلەشتىن ئىبارەت تەقدىردىن قۇتۇلالمايسىز.

17.ئالىي مەكتەپلەردە كۈتۈپخانىلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇڭ. ئۆگىنىشىڭىزنى بوشاشتۇرماڭ-ئىمكان بار كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىڭ. ھازىر پۇرسەتنىڭ بارىدا بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقىۋالمىسىڭىز، ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشقا مەڭگۈ ۋاقتىڭىز چىقمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسقېتىپ قېلىشى ناتايىن، ئەمما سىز ئۆگەنگەن مەلۇم بىلىمىڭىزنىڭ بىر كۈنى ئەسقاتماي قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ شۇڭا بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ پىشىپ بولغۇچە كىتابلاردىن پايدىلىنىپ كۆرىۋالغان ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بېلىق تۇتۇش ئۈچۈنمۇ تور ياكى ئىلغا بولمىسا بولمايدۇ..

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى