ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاممىۋىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ

ئاممىۋىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ

ۋاقتى: 2016-03-21 ئاۋاتلىقى: 509 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايكوكا ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئىلگىرى «فورد» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان، كېيىن «كىرىيسلېر» شىركىتى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن.
ئەينى ۋاقىتتا «كىرىيسلېر» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ناچار، قەرزى كۆپ، ئىش ئاز، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، خۇددى تېشىلىپ دېڭىز ئاستىغا ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقان كېمىگە ئوخشاپ قالغانىدى.

ئايكوكا «كىرىيسلېر» شىركىتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قايتىدىن بازار رىقابىتىگە قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىنى تونۇپ يېتىدۇ. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق بىر بانكا ئۇنىڭغا قەرز بېرىشكە ئۇنىمايدۇ. ئاچچىق رېئاللىق ئايكوكانى ھۆكۈمەتتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇرلايدۇ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، بانكىدىن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئېلىش ئۈمىدىدە بولىدۇ.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئامېرىكىنىڭ كارخانا ساھەسىدە بىرەسمىي قائىدە بار بولۇپ، كىم ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرسا، شۇ ئەركىن رىقابەتلىشىشنىڭ ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىلاتتى.
ئايكوكا كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتىن ئاغرىنمايدۇ، ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇ باشقىلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئاغرىنىشتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئۇ ھەر كۈنى 12 سائەتتىن 16 سائەتكىچە ئىشلەيدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ يەنە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سۆزمەن-ناتىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، پارلامېنت ئىچى-سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتىدۇ.
بۇنىڭ پايدا-زىيىنىنى ھەقىقىي بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئايكوكا ھەر بىر پارلامېنت ئەزاسىغا تەپسىلىي ھېسابات تالونىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ئايكوكانىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت تاكتىكىسى ئاخىر ئۇتۇقلۇق بولىدۇ، ئۇ بانكىنىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز مەبلىغىگە ئېرىشىدۇ. كارخانا ساھەسى، ئاخبارات ساھەسى، پارلامېنت ئەزالىرى ئايكوكانىڭ كېپىللىك قەرزى ئېلىشىغا قارشى تۇرمايدىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ پائال ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ.

تىجارەت ھېكمىتى: سودا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدۇر، بۇ جەرياندا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، باشقىلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا، ئاممىۋىي مۇناسىۋەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى