ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋەبى

كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋەبى

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. كەسپىيلىشىش: ئادام سېمىز (Adam Smith)نىڭ كىلاسسىك ئەسىرىدىن باشلاپ، كىشىلەر ئىشنى تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كۆلىمى قانچە چوڭ بولغان كارخانىنىڭ ئىش تەقسىماتى شۇنچە تەپسىلىي بولىدۇ؛ (بىراق ياڭ شىياۋكەي "杨小凯"نىڭ ئېيتىشىچە بويىچە بولغاندا، ئادام سېمىزنىڭ تەكىتلىگىنى ئىش تەقسىماتى بولۇپ كۆلىمى ئەمەس ئىكەن، كۆلەملىك ئىقتىساد مارشال (George Catlett Marshall)نىڭ يېڭى كىلاسسىك ئىقتىساد ئىلمى نەزەرىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئادام سېمىزنىڭ كىلاسسىك ئىقتىساد ئىلمى بىلەن زىت بولغان نەزەرىيەسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆلىمى قانچە چوڭ بولغان كارخانىنىڭ ئىش تەقسىماتى شۇنچە تەپسىلىي بولىدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.)


 ئاللىن ئاببوت يوڭ (Allyn Abbott Young) چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر پەقەت مەلۇم يەككە كارخانا ياكى مەلۇم ئالاھىدە كەسىپنىڭ كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمىنى كۆزەتكەندە، ھەقنىڭ پەيدىنپەي ئارتىش مېخانىزمى تولۇق چۈشىنىلمەيدۇ، چۈنكى ھەسسىلەنگەن كەسىپنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە كەسىپلىشىشى ھەقنىڭ پەيدىنپەي ئارتىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.»
2. ئۆگىنىش تەسىرى، مەھسۇلاتنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ پىششىق بولۇش دەرىجىسى ئېشىپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛
3. تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك ئۈستىگە ئالالايدۇ؛
4. توشۇش، خام ماتېرىيالنى سېتىۋىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىقتىسادچىللىق؛
5. باھا تالىشىشتىكى كۈچلۈك ئورۇن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى