ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مايۈننىڭ ئىستىپا بېرىش ئالدىدا يازغان خېتى، سىزگىمۇ ئىبرەت بولسۇن

مايۈننىڭ ئىستىپا بېرىش ئالدىدا يازغان خېتى، سىزگىمۇ ئىبرەت بولسۇن

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 1684 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مايۈننىڭ ئىستىپا بېرىش ئالدىدا يازغان خېتى، سىزگىمۇ ئىبرەت بولسۇن


مايۈن بۇ بىر پارچە خەتنى ئىگىلىك تىكلەش ۋە خىزمەت ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەر بىرەيلەنگەن سۇندى:
1. 2001-يىلى بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەپسۇسلىنىمەن. مەن بىلەن بىللە تىرىشىپ، جاپالىق كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەم بىللە ئىگىلىك تىكلىگەن 18 نەپەر كەسىپدىشىمنى گۇرۇپپا باشلىقلىق ئورنىغا قويۇپ، سىرتتىن بىر قانچە خادىم قوبۇل قىلىپ بۆلۈم باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدىم. 10 يىلى ۋاقىت ئۆتتى، ئىلگىرى مەن ئىشەنمىگەن ئادەملەر ھازىرغىچە يېنىمدا ھەمراھ بولۇپ، ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خادىملار ئاللىبۇرۇن بۇ كوللېكتىپتىن ئايرىلدى.


شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئىقتىدار پوزىتسىيىدىن مۇھىم، ھەتتا تاللاشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
2. خادىملار رەھبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، بەلكى پۈتۈن شىركەت ۋە كارخانىنىڭ ئورتاق نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
3. ئىتتىپاقلىق كوللېكتىپنى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئامىل. ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدىغانلار ھامان شاللىنىدۇ. نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان، شەخسىيەتچى خادىملارنى ئەڭ ئاۋۋال كۆزدىن يوقىتىش كېرەك.


4. رەھبەرنىڭ ئىقتىدارى خادىملاردىن يۇقىرى بولۇشى ناتايىن. بىر كارخانا تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىملارغا، ھەتتا ئىقتىدارى رەھبەردىنمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان خادىملارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
5. پۇل ۋە ھوقۇق ئايرىم ئۇقۇم. پۇل بولسىلا ھوقۇق بولىدۇ، ھوقۇق بولسىلا پۇل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي خاتا نەزەرىيە.
6. ۋاز كېچىشنى تاللىغان ئادەم ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتچى. ئەقىللىق ئادەم يۈرىكى بىلەن سۆزلەيدۇ. ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئېنىق بىلگەن ئادەم چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.


7. ھاياتلىق ياشاش دېگەنلىك ئەمەس؛ تارىخ يارىتىش، ھېكايە يارىتىش دېمەكتۇر. ئازغىنە مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرۈپلا مەغرۇرلىنىدىغان كىشى ھەرگىزمۇ تارىخ يارىتالمايدۇ.
8. تەرەققىيەت دېمەك رىقابەت دېمەكتۇر. رىقابەت چوقۇم توغرا ئۇسۇلدا بولۇشى كېرەك. ناتوغرا ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان، مەلۇم ۋاستە قوشۇلغان رىقابەتتە يەڭگەن تەقدىردىمۇ ھامان دومىلاپ چۈشىدۇ.


9. خىزمەتتىن ئاغرىنماسلىق، ۋايسىماسلىق كېرەك. ئاغرىنىش ئورنىغا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇسۇل-چارە ئىزدەش كېرەك.
10. پۇرسەتنى بايقاشنى بىلىش كېرەك. ئۇ كۆرۈنمەس ھالەتتە بولىدۇ.
11. كارخانا چوقۇم ئىستېمالچىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا، خادىملارنى ئىككىنچى ئورۇنغا، كارخانا مەسئۇل خادىمىنى ئۈچىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.


12. دۇنيادا ھەقسىز نەرسە بولمايدۇ. ناۋادا ھەقسىز دېيىلسە ئۇ چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نەرسە.
13. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قەدەم باسقان ئىكەنسىز ئەڭ ئاۋۋال مۇقىم مائاش، نورمال دەم ئېلىشنى ئويلىماڭ. بەلكىم سىزنىڭ مائاشىڭىز مۇقىم مائاش ئالىدىغان كىشىلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

14. ھەممە ئادەمگە يارىغان ئۇسۇل-چارە بەلكىم ماڭا يارىماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى مەن باشقىلار قىلىپ باقمىغان، باشقىلار قىلىشنى خالىمايىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.
Tags: يۈن 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى