ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(1)

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(1)

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 916 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى(1)


1. مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە مەھسۇلار سۈپىتىگە دائىر قانۇن چىقىرىش


مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى-ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەريانىدا مەھسۇلات سۈپىتى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قانۇن-قائىدىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ، ئادەتتە مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر زىياننى تۆلەش ۋە سۈپەت تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مىزان، ئۆلچەم ۋە سۈپەت–سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئۆزئارا ئوخشاشمايدىغان، لېكىن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە. ئۇلارنىڭ ئورتاق ۋاستىسى مەھسۇلات بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مىزان-سۈپەتنىڭ ئاساسى، ئۆلچەم –سۈپەتنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسىي، يۇقىرى بىرلىككە كەلگەن توغرا ئۆلچەم بولمىسا، سۈپتىنى يۇقىرى مەھسۇلاتمۇ بولمايدۇ.


كەڭ مەنىدىكى مەھسۇلات-ئومۇمەن تەبئىي بۇيۇم بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان بارلىق ئەمگەك-ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنىي جەھەتتىن ئېيىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسى كونكرېت بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ پەرمانىدا، مەھسۇلات-بارلىق كۆچمە مۈلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ باشقا بىر كۆچمە مۈلۈك ياكى مۇقىم مۈلۈك ئىچىگە قۇراشتۇرۇلغان ياكى ئورنىتلغان كۆچمە مۈلۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىك خام مەھسۇلاتلىرى ۋە ئوۋلانغان نەرسىلەر بۇنىڭ سىرتىدا، دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىزنىڭ «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا ئېيتىلغان مەھسۇلات «پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات»لارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قانۇندا يەنە: «قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرىغا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇن كەلمەيدۇ»دەپمۇ بەلگىلەنگەن. بۇ  بەلگىلىمە «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»نىڭ يېزا ئىگىلىكى خام مەھسۇلاتلىرىنى ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تەڭشىمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يېزا ئىگلىكى خام مەھسۇلاتلارغا كىرىدۇ؛ ئۇلارنى كىشىلەر ئۆز ئىرادىسى ۋە تەلىپى بويىچە تولۇق بەلگىلىيەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۆلچەملىك سۈپەت تەلىپىنى قويالمايدۇ. قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرى قاتارلىق يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەھسۇلاتلار كۆچمەس مۈلۈككە كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە سۈپەت تەلەپلىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئايرىم قانۇن چىقىرىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان ئۇسۇللارغا ئۇيغۇن.



مەھسۇلات سۈپتى ھەرخىل مۇھىم ئامىللاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ مۇھىم ئامىللار مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى ۋە خۇسۇسىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ISO 8402 «سۈپەت-تېرمىن» ئۆلچىمىدە، سۈپەتكە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «سۈپەت مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى بەلگىلەيدىغان ياكى ئېھتىياجىغا يوشۇرۇنغان بەلگە خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر.» بۇ تەبىردە ئېيتىلغان «ئېھتىياج» كۆپ ھاللاردا ۋاقىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ئۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «ئېھتىياج» ئىشلىتىلىش خۇسۇسىيىتى، بىخەتەرلىك، ئىشلىتىلىشچانلىق، ئىشەنچلىك بولۇش، رېمونت قىلىشقا بولىدىغان ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت يەتتە ئاساسىي نىشاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايرىم –ئايرىم مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش خۇسۇسىيىتى ۋە تاشقى كۆرۈنۈش خۇسۇسىيىتىنى، ئىشەنچلىك، بىخەتەر، جانلىق ۋە ئۆز ۋاقتىدا بولۇش دەرىجىسىنى، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىپ بولغان خېرىدار ۋە ئىستېمالچىلار تۆلەيدىغان بەدەلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.


سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، سۈپەت، مەھسۇلات تۈرى ۋە ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بازار ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلات تۈرلىرى بولمىسا بولمايدۇ، ياخشى مەھسۇلات سۈپىتى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ مەھسۇلاتنىڭ بازىرى چىقمايدۇ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەھسۇلات سۈپتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى بازارنىڭ يېتىلىشى، گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى ۋە بازار  تەرتىپىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ساپاسى بىلەن كەسپىي ئەخلاقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازى ۋە مىللىي روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە، بولۇپمۇ سانائىتى تەرەققى تاپقان بەزى دۆلەتلەردە، سۈپەت ئىقتىسادىي خىزمەتتىكى بىر مەڭگۈلۈك تېما ۋە بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسى قىلىنغان. ياپونىيەلىكەر ئۆزلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىستراتېگىيىنى «سۈپەت تىپى»دىكى ئىقتىسادىي ئىستىراتېگىيە دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر سۈپەت باشقۇرۇش مۇتەخەسسى: ھازىر دۇنيادا ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر مەيدان مىلتىق-زەمبىرەك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان، قان تۆكۈلىدىغان ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى سودا ئۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاساسلىق قورالى- سۈپەتتىن ئىبارەت دەپ قارىغان.


ھازىر، سانائىتى تەرەققىي تاپقان نۇرغۇن دۆلەتلەر قانۇن ۋاستىسىنى قوللىنىش مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەتكە دائىر بىر قاتار قانۇن، قائىدە-نىزاملارنى تۈزدى.


بۈگۈنكى دۇنيادا، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە ئاساسلىق تۆت خەلىقئارالىق ئەھدىنامە بار. ئۇلار: 1973-يىلى خەلقئارا ئەدلىيە يىغىنى گائاگادا ئىمزالانغان «مەھسۇلات جاۋابكارلىقىغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا دائىر ئەھدىنامە»، 1976-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى تۈزگەن «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات جاۋابكارلىقى قانۇنلىرىنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرۇشقا دائىر كۆرسەتمە لايىھە»، 1977-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى براۋلېنىيىسى ستراسبۇرگتا ئىمزالىغان «جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان مەھسۇلاتلار جاۋابكارلىقىغا دائىر ياۋروپا ئەھدىنامىسى»، 1985-يىلى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى پراۋلېنىيىسى ماقۇللىغان «كەمتۈك نۇقسانلىق مەھسۇلاتلارغا دائىر جاۋابكارلىق پەرمانى » دىن ئىبارەت.



جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز سۈپەتكە دائىر قانۇن چىقىرىش ئىشىغا بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز سۈپەتكە دائىر قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. يولداش دىڭ شىياۋپىڭ: «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لازىم. قانۇن چىقىرىش، سۈپەت تەكشۈرۈشنىڭ بىر يۈرۈش ئۆلچەملىرى ھەمدە ئۇنى كۈچلۈك ئاپپارات قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتمىز چىقارغان سۈپەتكە دائىر قانۇنلاردىن ئاساسلىق گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلان قىلغان ۋە تەستىقلاپ ئېلان قىلغان «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە دائىر سىناق نىزام»، «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سىناق چارىسى»، «سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا دائىر سۈپەت جاۋابكارلىقى نىزامى»، «مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىقلار بار. دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان «ئۆلچەم قانۇنى»، «ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى»، «تاۋار ماركىسى قانۇنى»، «دورا باشقۇرۇش قانۇنى»، «يېمەكلىكلەر تازىلىقى قانۇنى(سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزىلىدۇ)»، «ئىمپورت-ئىكىسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنى»، «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»، «ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى» ۋە «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى »قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ھەممىسىدە، مەھسۇلات سۈپتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بار.


ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سوتىسىيالىستىك بازار سىتېمىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپىگە يەنىمۇ ئۇيغۇنلىشىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ۋە بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، 1993-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا، دۆلىتمىزنىڭ تولۇق، سىستېمىلىق ھالدا مەھسۇلات سۈپتى بەلگىلەنگەن تۇنجى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپتى قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ) ماقۇللاندى. ھازىرقى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسىنى ساخىتىلىق بىلەن قوللىنىش ئەھۋالى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئېغىىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنىڭدەك «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى دائىمى كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «تىزىمغا ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختىلىق بىلەن قوللىنىش جىنايەتلىرىنى جازالاشقا دائىر قوشۇمچە بەلگىلىمە» ۋە «ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايەتلىرىنى جازالاشقا دائىر بەلگىلىمە» نى چىقاردى.
---------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى