ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىڭ

ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىڭ

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ۋاقىت چىقىرىپ سەيلە قىلىڭ» بۇ يەردە!

 

 ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىڭ

 

مەيلى سىز مەلۇم ئادەمدىن ياكى مەلۇم ئائىلىنىڭ ئەزاسىدىن تۇرمۇشتىكى بېسىم مەسىلىسىنى سوراڭ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ ھەمىشە «ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقانلىق؛ بېسىمىنى ئاغزىغا ئالمايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. مەيلى پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگىلى، خىزمەتكە، ئايروپىلان ياكى ئاپتوموبىلغا ئۈلگۈرۈشكە، مەكتەپتىكى پەۋقۇلئاددە پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بارىدىغانلار بولسۇن، ئومۇمەن كۆپ ساندىكى كىشلەر ئەڭ ئاخىرقى بىر – ئىككى سېكونت قالغاندا ئۆيىدىن چىقىدۇ – دە، نەتىجىدە كېچىكىپ بارىدۇ.


كىمنىڭ بىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر قانچىلىك كېچىككەنلىكىمىزنى، بەلگىلەنگەن نىشاندىن قانچىلىك يىراقتا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنداقلا بۇنداق ئەھۋالنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتا – قايتا كۆرۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى دائىم ئويلاپ تۇرساق، ئەسلىدىلا زۆرۈرىيىتى يوق بىر خىل بېسىمنى بىلمەيلا پەيدا قىلىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاستا – ئاستا ھەدېسىلا بېسىم – بېسىم دەيدىغان، كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئاقىۋەتكە قالىمىز. كېچىكىپ قېلىش بىزگە بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بېشىمىزنىمۇ قاتۇرىدۇ. ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان ھەل قىلىدىغان بىر چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ۋەدىلەشكەن جايغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىش. مەيلى نېمە قىلىۋاتقان بولسىڭىز بولۇڭ، ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت بالدۇر بارىدىغانلىقىڭىزنى، ئالدىراپ – تېنەپ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇت قالغاندا ئىشىك چېكىپ قالماسلىقىڭىزنى ئېيتىپ تۇرۇڭ.


ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، ئادەتتىكى چاغدىكىدىن بالدۇرراق تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ. ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسۇن، بايىقى 10 مىنۇتنى مۇھىم ئەمەس دەپ ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ، بۇ 10 مىنۇت ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم! ھەربىر پائالىيەت ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت سىزنىڭ بېسىم بىلەن تولغان ياكى خۇشاللىق بىلەن تولغان بىر كۈنىڭىزنىڭ ئاچقۇچى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، سىز يەنە ئالدىراپ – تېنەپ يۈرمەيدىغان بولغاندىن كېيىن، ئوخشاش تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا چۆمىسىز، پايپېتەك بولۇپ كەتمەي، ئاددىيغىنە رەسمىيەتچىلىك قىلسىڭىزمۇ تۈگىمەس شادلىققا چۆمىسىز.


بىر ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر ئىشقا بالدۇرراق تۇتۇش قىلىڭ. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۆزىڭزىنىڭ پائالىيەت، خىزمەت، تەتىل ياكى ھەرقانداق پىلانىڭىزنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئۆزىڭىزگە ئاز – تولا بوش ۋاقىت بېرىڭ، ھەممە ۋاقىتنى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويماڭ.
بۇ تەدبىرنى يولغا قويغاندىن كېيىن، شۇنى ھەيران قالغان ھالدا بايقايسىزكى، تۇرمۇشىڭىز راستتىنلا ئازادىلىشىدۇ، ئىلگىرى دائىم كۆرۈلىدىغان ئالدىراشچىلىقنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك، تەمكىنلىك ۋە ئىناقلىق تۇيغۇسى ئالىدۇ.
----------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى