ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟

كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 979 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟

 

تاللاش دائىرىسى كېڭەيسە كىشىلەر ھەمىشە ئارىسالدى بولىدۇ. كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئىككىلىسىدە گۆرۈگە قويۇلغان بۇيۇم تەلەپ قىلىنمايدىغان، ئىككىلىسى نەق پۇل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، قەرز ئالغۇچىنى ئارىسالدى قىلىپ قويىدۇ. لېكىن، مېنىڭچە، ئىككىلىسىدە ئوخشىمايدىغان يول بىلەن ئوخشاش مەنزىلگە يەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن خاسلاشقان پەرقلىرى يەنىلا مەۋجۇت، زادى قايسىسىنى تاللايسىز، بىز سېلىشتۇرۇپ باقايلى.


1.قەرز پۇل سوممىسى
ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ سوممىسى ئادەتتە قەرز ئالغۇچىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولىدۇ، سالاھىيىتى توشقان ئەھۋال ئاستىدا، قەرز پۇلنى بىر قېتىمدىلا تەستىقلاتقىلى بولىدۇ. كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئالغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت كارتا ئىچىدىكى بېرىلىدىغان كرېدىت نورمىسىنىڭ %50~%30لا بولىدۇ، يەككە كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نەق پۇل ئېلىش سوممىسى 2000 يۈەن. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، «بىر قېتىمدىلا يەتكىدەك قەرز ئالالايسىز» بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى ئىپادىلىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش شۈبھىسىزكى كىچىك سوممىلىق مەبلەغ ئېھتىياجى بار ئابونتلارنىڭ تاللىشى.


2.قەرز پۇل تەننەرخى
ھەرقايسى بانكىلارنىڭ قەرز پۇل تەستىقلايدىغان خاس ئادەملەر توپى ئوخشاش بولمىغاچقا، خەتەرنى كوترول قىلىش ۋاسىتىلىرى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىمۇ زور پەرق بار، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك %21~%7.8 دائىرە ئىچىدە. كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىشتا قوبۇل قىلغۇچى مەسىلىسى مەۋجۇت بولمىغاچقا، ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى نىسبەتەن بىردەك قەدەمنى ساقلايدۇ، يەنى كۈنلۈك ئۆسۈم نەق پۇل ئېلىش سوممىسىنىڭ %0.05 بويىچە ئېلىنىدۇ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىگە سۇندۇرغاندا %18.25. بۇنىڭدىن سىرت، ئابونت ھەر قېتىم نەق پۇل ئالغاندا يەنە مۇئەييەن سوممىلىق رەسمىيەت ھەققى تۆلىشى كېرەك، كۆپىنچە بانكىلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى نەق پۇل ئېلىش سوممىسىنىڭ %3~%1 بويىچە ئېلىنىدۇ، باشلىنىش باھاسى 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە ئوخشىمايدۇ. بۇ 10000 يۈەن نەق پۇل ئېھتىياجى بار ئابونتنىڭ، ئەڭ يۇقىرى نەق پۇل ئېلىش سوممىسى بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 5 رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


4.قەرز بېرىش سۈرئىتى
كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىشتا قەرز پۇلنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر ATM ماشىنىسى بولسىلا، مەبلەغنىڭ قولغا ئاجايىپ تېز چىققانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ بىر ئىككى بىسلىق پىچاق، 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئېھتىياجى بار ئابونتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئۈزۈپ قويماي كۈندە 2000 يۈەن نەق پۇل ئالسا، 10 كۈندىن كېيىن ئاندىن «قەرز پۇل»نى تولۇق ئېلىپ بولالايدۇ. ئەمما ئىناۋەتلىك قەرز پۇلغا قارىتا، كۆپ سانلىق بانكىلارنىڭ قەرز بېرىش سۈرئىتى 3 خىزمەت كۈنى ئەتراپىدا، ئاستىراقلىرىنى بىر ھەپتە ئەتراپىدا كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىددىي زور سوممىلىق مەبلەغكە ئېھتىياجلىق دوستلارغا نىسبەتەن، ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى تاللاش ئاقىلانە تاللاش بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق.


4.قەرز بېرىش مۇددىتى
كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىشنىڭ مەبلەغنى ئىشلىتىشكە بولغان نازارىتى چىڭ بولمىغاچقا، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بانكىلار مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشتا بىرقەدەر ئالدىرايدۇ، ئادەتتە، ئەڭ قىسقا قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى 25 كۈن، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 56 كۈن بولىدۇ. لېكىن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل خېلىلا جانلىق، قەرز پۇل مۇددىتىنى قەرزدار ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىغا ئاساسەن 3 ئايدىن 5 ئايغىچە ئەركىن تاللىسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى