ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەت تەھلىلى ۋە باھالاشنى باشقۇرۇش قورالى

خىزمەت تەھلىلى ۋە باھالاشنى باشقۇرۇش قورالى

ۋاقتى: 2013-07-29 ئاۋاتلىقى: 398 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆزىتىش ئۇسۇلى 

ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ، كۆزىتىش ئۇسۇلى دېگىنىمىز خىزمەت تەھلىلچى خادىملىرى بىۋاسىتە نەخ مەيدانغا بېرىپ،  ئۆزى مەلۇم بىر نىشان (بىر ياكى بىر نەچچە خىزمەتچى)گە نىسبەتەن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش، مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مەزمۇنى، خىزمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئادەم ۋە خىزمەتنىڭ رولى ۋە خىزمەت مۇھىتى، شارائىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش ۋە يىغىش، ئاخىرىدا ئېرىشكەن ۋەزىپە ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ چىقىپ  ئىشلەتكىلى بولىدىغان يازما ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

خىزمەت كۈندىلىك خاتىرە ئۇسۇلى

نەخ مەيدان خىزمەت كۈندىلىك خاتىرە ئۇسۇلى يەنە خىزمەت كۈندىلىك خاتىرە ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا خىزمەتچى ئۆزى ئېلىپ بارىدىغان ، پائالىيەت ئالدى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە دائىم  توشقۇزىدىغان بىر خىل ۋەزىپە ئانالىز ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى،  باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ خىزمەتچىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت مەزمۇنى، مەسئۇلىيىتى، ھوقۇقى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە  خىزمەت مىقدارىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق. نەخ مەيدان خىزمەت كۈندىلىك خاتىرىسىدە خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلار خىزمەت ئورنى ئانالىزى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە  ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر ياخشى قورالدۇر.

ھالقىلىق ئىشلار ئۇسۇلى 

ھالقىلىق ئىشلار ئۇسۇلىنى 1954-يىلى ئامېرىكا ئالىمى  John C. Flanagan ۋە Baras  ئورتاق ھەمكارلىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ  يۇقىرى دەرىجىدىكى باشقۇرغۇچى خىزمەتچىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت جەريانىدىكى ھالقىلىق ئىشلارنى، (يەنى بىر خىلى  ئالاھىدە ياخشى ئىشلىگەن ئىشلار يەنە بىر خىل بولسا ياخشى قىلالمىغان ئىشلار) خاتىرىلەيدىغان ئۇسۇل.  ئالدىن بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، يەنى ئادەتتە يېرىم يىل ياكى بىر يىلدىن كېيىن،  توپلانغان خاتىرىدىن پايدىلىنىپ ، باشقۇرغۇچى ۋە باھالانغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆلچەش ۋە باھالاشنى  ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋەزىپە ئانالىزى سوئال جەدۋىلى 
ۋەزىپە ئانالىزى سوئال جەدۋىلى (Position Analysis Questionaire, PAQ) بولسا  قۇرۇلمىسى  ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغان بىر خىل خىزمەت تەھلىل سوئال جەدۋىلى بولۇپ،  نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇملاشقىنى  ئادەمنى يېتەكچى قىلغان ۋەزىپە ئانالىز سىستېمىسىدۇر. ئۇ 1972-يىلى Purdue ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى E.J.McCormick ، P. R. Jeanneret ۋە  R.C. Mecham تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لايىھەلىگۈچىنىڭ  دەسلەپكى مۇددىئاسى بولسا  بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان ، ئىستاتىستىكا قىلىپ ئانالىز ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان  ئۇسۇلدا مەلۇم ۋەزىپىنىڭ ئىقتىدار مودېلىنى قۇرۇپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئىستاسىستىكىلىق  خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ  ۋەزىپىلەر ئارا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق  نىسپىي ئىش ھەققىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. 
نۆۋەتتە،  چەت ئەللەردە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمى ئاللىبۇرۇن كەسپىي ھايات پىلانى ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلىپ، كارخانىنىڭ  ۋەزىپە ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇشتا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.


ۋەزىپىنى تەسۋىرلەشنى باشقۇرۇش سوئال جەدۋىلى ئۇسۇلى
MPDQ (management position description question) دېگىنىمىز خىزمەت تىزىملىكىدىن پايدىلىنىپ  مەخسۇس ۋەزىپە ئانالىزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن  بىر خىل خىزمەت ئانالىز ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر خىل ۋەزىپىنى تەسۋىرلەشنى  باشقۇرۇش سوئال جەدۋىلى ئۇسۇلى، بىر خىل  خىزمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خىزمەت ئانالىز ئۇسۇلى بولۇپ، چەت ئەلنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىسى.  بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمىتىگە مىقدارلىق ئۆلچەش ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ باشقۇرغۇچى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە، باشقۇرغۇچى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت،  ئۇچرايدىغان چەكلىمە ۋە باشقۇرغۇچى  ھازىرلاشقا تېگىشلىك ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

فۇنكىسىيەلىك خىزمەت ئانالىز ئۇسۇلى
فۇنكىسىيەلىك خىزمەت ئانالىز ئۇسۇلى بولسا  ئامېرىكا  ئەمگەكچىلەر بۆلۈمى تەرىپدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەربىيەلەش ۋە  خىزمەت مۇلازىمەت ئورگىنى تەرىپىدىن  تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. كېيىن Sindey•A•Fine  فۇنكىسىيەلىك خىزمەت ئانالىز ئۇسۇلىغا قارىتا تۈزۈتۈش ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،  ۋەزىپە تەسۋىرلەش شەكلىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ۋەزىپە چۈشەندۈرۈلۈشى 
ۋەزىپە چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا خىزمەت ئانالىزى ئېلىپ بارغۇچى خادىملار  مەلۇم تۈردىكى ۋەزىپىنىڭ ماددىي ۋە مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، خىزمەتچى خادىملار ھازىرلاشقا تېگىشلىك فىزولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەلەپلەرگە  نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان  تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

خىزمەت ئورنىنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى 
خىزمەت ئورنىنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى بولسا مۇناسىۋەتلىك خادىملار  لاياقەتلىك  كەسپىي ئورگان تەشكىللەپ ، مەسىلەن، خىزمەت ئورنىنى باھالاش كومىتېتى، خىزمەت ئورنى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ماتېرىيالى ياكى خىزمەت ئورنى چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن  ئاددىي، سېلىشتۇرۇشقا قولاي بولغان خىزمەت ئورنى تەسۋىرى ئېلىپ بېرىش، باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىغا نومۇر قويۇپ ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ باھالاش، ئوتتۇرىچە نومۇرنى ھېسابلاش ئارقىلىق خىزمەت ئورنىنىڭ نىسپىي رەت تەرتىپىگە ئېرىشىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاسانلا  سۇبيېكتىپلىق ئېغىش كۆرۈلگەچكە ،  تەربىيەلەش ئارقىلىق  باھالىغۇچى خادىملارنىڭ قىممەتكە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ياكى تەكرار باھالاش ۋە ئۈچ قېتىم ئوتتۇرىچە قىممەتنى ئېلىش ئارقىلىق سۇبيېكتىپلىق ئېغىشنى تۈگىتىش كېرەك.

خىزمەت ئورنىنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى
خىزمەت ئورنىنى تۈرگە ئايرىشتا ئاۋۋال خىزمەت دەرىجە ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بېرىش ، ئاندىن  ھەر قايسى ئورۇندىكى خىزمەتلەر ۋە بېكىتىلگەن ئۆلچەمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق باھالىماقچى بولغان ئورۇننىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىش كېرەك.


ئامىللارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى
ئامىللارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئەڭ بۇرۇن  نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تارمىقى  بولۇپ، ھەمىدىن بۇرۇن 1962-يىلى  يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش پايچەك شىركىتىدىكى E.J ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇلار  نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا ئامىللارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى قۇرۇپ چىققان. شۇڭلاشقا، ئامىللارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يەنىلا نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ  بەزى پىرىنسىپلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئامىللارنىڭ بۆلۈنۈش شەكلى ۋە خىزمەت دەرىجىسىنى مائاش قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنىڭ  ئوخشىماسلىقىدۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، بۇ خىل ئۇسۇل بىر خىل ئارىلاشما ئۇسۇل بولۇپ، خىزمەت ئورنىنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئورنىغا نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار.

ئامىللارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى
ئامىللارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل ئامىللار ئارقىلىق مەلۇم بىر خىزمەت ئورنى قىممىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان توغرىلىق  دەرىجىسى ۋە مۇۋاپىق  تەننەرخى سەۋەبىدىن،  نۆۋەتتە بۇ ئۇسۇل دۆلەت ئىچىدىكى مەسلىھەت سوراش شىركەتلىرىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان خىزمەت ئورنىنى باھالاش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

Hay باھالاش ئۇسۇلى 
Hay باھالاش ئۇسۇلى يەنە "يېتەكچىلىك قىلىش دىئاگراممىسى-قىياپەت شەكىلەندۈرۈش ئۇسۇلى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ 1951-يىلى ئامېرىكىلىق مائاش لايىھەلەش مۇتەخەسسىسى  Edward Hay تەرىپىدىن تەتقىقى قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئوخشىمىغان فۇنكىسىيەلىك بۆلۈملەرنىڭ ئوخشىمىغان ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نىسپىي قىممەتنىڭ ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلۇش ۋە مىقدارلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى