ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خوجايىنلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مەڭگۈ دېيىشكە بولمايدىغان 9 جۈملە سۆز

خوجايىنلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مەڭگۈ دېيىشكە بولمايدىغان 9 جۈملە سۆز

ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 472 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ھازىرقىدەك، خەلقئارا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدە ئۇتۇپ چىقىش بولۇپ، ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدە رىقابەت ئوبيېكتى دۇنيا ئىقتىسادىنى، ھەربىي ئىشلىرى، پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئىلىم-پەن قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى مۇھىم شەخسلەردۇر. «ئىلىم ئىقتىسادى» دېگەنلىك ماھىيەت جەھەتتىن «ئىختىساسلىقلار ئىقتىسادى» دېگەنلىكتۇر. دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ئاۋۋال ئىختىساسلىقلار چوڭ دۆلىتىدۇر. ئىختىساسلىقلار جېڭىدە غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئەڭ ئاخىرىدا بىر دۆلەت، كارخانىنىڭ خەلقئارالىشىش تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ جەھەتتە، ھەر قانداق چوڭ تىپتىكى ئىلىم-پەن شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. بۈگۈنكى ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئالان ھال (Alan Hall) ئۆزى تاپشۇرۇۋالغان خەت ۋە باھالارغا شۇنداقلا «ئامېرىكا خەۋەرلىرى» (U.S. News) دوكىلاتىغا ئاساسەن «خوجايىنلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مەڭگۈ دېيىشكە بولمايدىغان 9 جۈملە سۆز»نى يىغىنچاقلاپ چىققان.
 
بىرىنچى، "مەن ساڭا مائاش بەردىم، شۇڭا مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىشىڭ كېرەك!"
بۇ خىل "مۇستەبىت خاراكتېرلىق" ھەيۋە قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى تەكىتلەيدىغان سۆزلەر ئاسانلا ئىشچى-خىزمەتچىدە قارشىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. مۇنەۋۋەر خوجايىنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قەتئىي ھەيۋە قىلمايدۇ، ئۇلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىزچىل رەۋىشتە ياخشى تەرەپكە باشلاپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈش ھەتتا ياردەم قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدۇ.
 
ئىككىنچى، "سىزنىڭ شۇنچە كۆپ مۇكاپاتلارنى ئالغانلىقىڭىزمۇ يېتەرلىك بولمىدىمۇ؟ باشقا شىركەتلەردە خىزمەتچىلىرىگە بىر تال توخۇ پارچىقى بولسىمۇ بېرەمدىكەن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ."
بىر مۇنەۋۋەر خوجايىن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ شىركەتكە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ھەمدە ھەرگىزمۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ كەمچىلىكىنى تۇتقۇ قىلىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياراملىق باشقۇرغۇچىلارمۇ شىركەت ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى ئاتىغان خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى خۇشاللىق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ.
#p#
ئۈچىنچى، "تۈنۈگۈن ئاخشام ۋە شەنبە كۈنى ئاساسەن دېگۈدەك مەن شىركەتتە، سىز نەدە يۈردىڭىز؟"
يۇشۇرۇن رەۋىشتە خىزمەتچىنىڭ بىر كۈنلۈكى 24 سائەت، يىللىقى 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈشكە دەۋەت قىلىش بىر ئەخمىقانىلىك، ھەمدە بۇنداق قىلىش خىزمەتچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ. بىر شىركەت دىرېكتورى بىر ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەممىسىدە شىركەتتە خىزمەتتە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
 
تۆتىنچى، "سىزنىڭ بۇ يەردە قېلىپ قالغىنىڭىز ياخشى، بىز ھەرگىزمۇ سىزنى ئايال بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا كەمسىتمەيمىز."
بۇ بىر خوجايىن شىركەتتە بىر ئايال خىزمەتچى ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئېيتقان ئەسلى سۆز بولۇپ، نەتىجىدە، بۇ ئىزچىل ھالدا مەملىكەتلىك ئەڭ چوڭ ئالاقە ئىشلىرى شىركىتىدە رايونلۇق سېتىش باش نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ۋە باش دىرېكتورلۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئايال خىزمەتچى ئۇزاق ئۆتمەيلا خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن، ھەمدە يىپيېڭى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. بۇ ئەھۋال بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، مۇنەۋۋەر خوجايىن مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز بولسۇن، مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى كەمسىتمەيدۇ. ھەمدە ئۇلارنى ئاجىز، ياردەمچىسىز ھېس قىلدۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئالاھىدە خىزمەتچىنىڭ جىنسىنى تەكىتلەش گەرچە قانۇنغا خىلاپ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى ئەخمىقانىلىكتۇر.
 
بەشىنچى، "بىز چوقۇم تەننەرخنى كېمەيتىشىمىز (خوجايىن تېخى يېڭىدىلا ئۆزىگە يىپيېڭى ئىشخانا ئۈستىلى سېتىۋالغان) كېرەك."
شىركەت قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، خىزمەتچىلەر ئاشۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرغۇچى باشقۇرغۇچىلارنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، ئەكسىچە خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تۇرمۇش ئۆلچىمىدە ياشاۋاتقان خوجايىنلارغا نىسبەتەن كۆڭلىدە قايىل بولمايدۇ. مېنىڭچە، شىركەت قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، مۇنەۋۋەر خوجايىن خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىشى كېرەك.
#p#
ئالتىنچى، "سىزنىڭ ئاغرىنىشلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق."
خوجايىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەك. مەيلى ئەكىس تەسىردىكى ئەھۋاللار بولسۇن، چوقۇم ياخشى قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەك. مېنىڭچە بىر مۇنەۋۋەر خوجايىن چوقۇم كۆڭلىنى كەڭ تۇتۇشى، ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ئويلىشى كېرەك. ھەر قانچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ساقلىشى، ھەتتا قىسقا ۋاقىتلىق خىزمەتچىنىڭ ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا خىزمەتچىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى يېتىلدۈرگىلى ھەمدە شىركەتنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
 
يەتتىنچى، "بىز ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىزغۇ."
بۇ سۆزنىڭ ئۆزى ئېغىر دەرىجىدە خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى چەكلەپ قويىدۇ. ئەسلى توغرا بولغان دېيىش ئۇسۇلى: «سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سوراشتۇر. چۈنكى كۆپ ئەھۋال ئاستىدا، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر ھازىرقى خىزمەتلەرگە قانداق ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى  خوجايىنغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىدۇ. شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ بىرى خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يېڭىلىق روھىغا ئىگە خىزمەتچىلەرنى قېزىپ چىقىپ، يېڭىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق ھازىرقى خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتتە ئىپادىسى ياخشى بولغان خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشتۇر.
 
سەككىزىنچى، "قىلغانلىرىڭىز بەكمۇ ناچار بولۇپ قاپتۇ."
ئاۋۋال، باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۈتكىنى بويىچە خىزمەتچى بىلەن تولۇق پىكىرلىشىشى كېرەك. ئاندىن، خىزمەتچىگە تەمىنلەشكە بولىدىغان بايلىق (مەبلەغ، كېرەكلىك ئەسلىھە دېگەندەك) تەمىنلىشى، مۆلچەر، ۋاقىت ۋە زۆرۈر بولغان قوللاشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەزىپىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇ جەرياندا، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر خىزمەتچىلەرگە ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتا دەپ بېقىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىنى تولۇق چۈشەنگەن چۈشەنمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرسە بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم خىزمەتچى داۋاملىق ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلسا، ئۇ ھالدا باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت تەقسىملىشىدە خاتالىق بارمۇ يوق؟ خىزمەتچى ئېنىق بولغان كۆرسەتمىگە ئېرىشەلىگەنمۇ يوق؟ تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.
#p#
توققۇزىنچى، "تازىمۇ دۆت ئىكەنسەن، مەن ئەزەلدىن سەندەك كالۋانى كۆرۈپ باقمىغان."
ئاچچىقلىنىش، پەس كۆرۈش ۋە كەمسىتىشلەر خۇددى ئۆتكۈر پىچاقتەك خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىگە سانجىلىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا، شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىدراكى ۋە كەسپىي پوزىتسىيەسىنى ساقلىشى، ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىن ھوجۇم قىلماسلىقى كېرەك.
ئومۇمەن، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر خىزمەتچىلەر ئۈچۈن بىر ياخشى بولغان ئوبراز يارىتىشى كېرەك. ئاممىۋىي سورۇنلاردا، خوجايىن كۆپرەك ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ئەگەر خىزمەتچىنىڭ ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكى بولسا، خۇسۇسىي ھالدا مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىش، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك. چۈنكى مەغلۇبىيەتكە رۇخسەت قىلىش خوجايىننىڭ خىزمەتچىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
 
مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلار چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپى، ئىنكاسىنى قانداق ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر خوجايىنلار بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسا، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنىنى قىممەت بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. يەنى خىزمەتچىلەرنىڭ چەكسىز ھالدا شىركەتكە سادىق بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
ماۋۇ باشقۇرغۇچىلار خىزمەتچىلىرىگە دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇنداق بولسا خىزمەتچىلەر باشقۇرغۇچىلارغا نېمىلەرنى دېيىشكە بولمايدۇ؟ مېنىڭچە بۇمۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسا كېرەك. باشقۇرغۇچىلار خىزمەتچىلىرىگە دېمەسلىكى كېرەك بولغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى خىزمەتچىلەرمۇ باشقۇرغۇچىلارغا دېمەسلىكى كېرەك بولغان ئەھۋاللاردىن ياخشى ساقلىنىشى كېرەك. 
قىسقىسى مەيلى باشقۇرغۇچى ياكى خىزمەتچى بولسۇن، چوقۇم قارىشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىشى، قارىشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى تۇرۇپ پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك...
خوش، ئۇنداق بولسا خىزمەتچىلەر باشقۇرغۇچىلارغا نېمىلەرنى دېمەسلىكى كېرەك؟
قېنى بۇ يەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپتۇ، سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى