ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن توختام تۈزمىسە، ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارىلامدۇ؟

ئىدارە بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن توختام تۈزمىسە، ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارىلامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 513 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارە بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن توختام تۈزمىسە، ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارىلامدۇ؟

 

ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار مەجبۇرىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا «ئەمگەك توختام قانۇنى» ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل توشقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارىلىدۇ دەپ بەلگىلىگەن.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، گەرچە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارالسىمۇ، لېكىن بۇ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئاللىبۇرۇن ئەمگەكچى بىلەن توختام تۈزۈپ بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىنى نەزىرىگە ئالماي، يەنىلا ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمەيدۇ.


بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا مۇشۇ قانۇننىڭ 81-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.»
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى