ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىم كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟

كىم كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2012-10-21 ئاۋاتلىقى: 468 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزكۇر يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
ئەگەر بۇ 4 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى باشلىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلانسا، شۇنىڭ بىلەن ئىمكان بار دىرېكتورنىڭ زىممىسىگە چىقىۋالىدىغان "مايمۇن"نىڭ سانى 3 تىن ئېشىپ كەتمىسە، 5 كۈنلۈك خىزمەت ھەپتىسىدە، دىرېكتور 60 "مايمۇن"غا ئىگە بولىدۇ. مايمۇن بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، دىرېكتور بىردىن-بىردىن بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا ئۇ پەقەت قول ئاستىدىكىلەرگە ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىپ، مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ.

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىشتىن چۈشەي دەپ قالغاندا، دىرېكتور ئىشخانىغا بېكىنىۋېلىپ ئالدىنقى ئىشلارنى ئويلاشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بولسا ئىشىك سىرتىدا ھەپتە ئاخىرىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا "تېزراق قارار چىقىرىڭ" دەپ ئۇنى ئەسكەرتىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، خىزمەتچىلەر ئىشىك سىرتىدا ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشىپ: «نېمىدېگەن تەس ھەل قىلىدىغان ئىش بۇ؟ ئۇ ھەر قانداق قارار قىلىشقا ئامالسىز. مۇشۇنداق قارار چىقىرىش ئىقتىدارى يوق ئادەم شىركەتتە نېمىشقا بۇ ئورۇنغا چىقىپ قالىدۇ؟» دېيىشىدۇ.
#p#
ئەڭ چاتاق بولغىنى، دىرېكتورنىڭ ھەر قانداق «كېيىنكى ھەرىكەتلىنىش» قارارىنى چىقىرالماسلىقى، ئۇ بارلىق ۋاقتىنى يۇقىرىنىڭ ۋە شىركەتنىڭ تەلەپ قىلغان ئىشلىرىنى بېجىرىشكە سەرپ قىلىۋەتكەن. بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاقىتنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بولۇشى كېرەك. ئەمما ئۇ مۇشۇ "مايمۇن"لارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ئۇ كاتىپقا بىر نەچچە خىزمەتچىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى، دۈشەنبە كۈنى ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كەچتە سائەت 7:00 دە ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئىككىنچى كۈنى ئىشخانىغا بېرىپ، بۇ ئىشلارنى ھەپتىلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بەل باغلايدۇ. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇ ئىشخانىغا بېرىپ دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ گولف توپ مەيدانىدا ئىككى گۇرۇپپا ئادەمنىڭ توپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. تېپىپ بېقىڭ، ئۇلار كىم؟
ئۇ (دىرېكتور) ئەمدى كىمنىڭ ھەقىقىي تۈردە كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئۇ (دىرېكتور) شۇنى چۈشەندىكى، ئەگەر بۇ شەنبە كۈنى ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاماملىسا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاشىدۇ-دە، ھەر بىر خىزمەتچى ئۇنىڭ زىممىسىدىكى "مايمۇن"نىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ۋابادىن قاچقاندەك، ئىشخانىدىن ئايرىلدى. يەكشەنبە كۈنى ئۇ 10 سائەتلىك تاتلىق ئۇيقۇدىن ھوزۇرلاندى. چۈنكى ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خىزمەتلەرگە نىسبەتەن ئېنىق پىلانى بار. ئۇ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا مەجبۇرى بەرگەن "مايمۇن"لارنى تاشلىۋېتىش بىلەن بىرگە، يېتەرلىك ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتىغا ئىگە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ بىر قىسىم ئەركىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقتىنى قول ئاستىدىكىلەرگە سەرپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش قىيىن ئەمما ناھايىتى پايدىلىق بولغان باشقۇرۇش سەنئىتى --- "مايمۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش"نى ئۆگىنىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى