ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىناق مۇددىتىدە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

سىناق مۇددىتىدە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-06-05 ئاۋاتلىقى: 573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىناق مۇددىتىدە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: سىناق مەزگىلىدە، ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلمىسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ:


(1)سىناق مەزگىلىدە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى ئىسپاتلانسا؛
(2)ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا؛
(3)خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئېغىر زىيان سالسا؛
(4)ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەزكۇر ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈزىتىشنى رەت قىلسا؛
(5)ئالدامچىلىق، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى قارىغۇنى تاردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ ئەمگەك توختامىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ قويسا؛
(6)قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنسا؛
(7)ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتكە مۇناسىۋەتسىز سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمىسا؛
(8)ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيەلىگەن ياكى خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىمۇ يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا.

 

بۇنىڭدىن سىرت، ئەمگەكچىدە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن سىناق مەزگىلىدە ئەمگەكچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئەمگەكچىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى