ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچى «قوشۇمچە خىزمەت» قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ئەمگەكچى «قوشۇمچە خىزمەت» قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-04 ئاۋاتلىقى: 398 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەكچى «قوشۇمچە خىزمەت» قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا يەنە باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇشۇ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، ياكى ئادەم ئىشەتكەن ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

 

ئەمگەكچى باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتسا(تۆۋەندە «قوشۇمچە خىزمەت» دەپ ئېلىندى)، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1)قوشۇمچە خىزمىتى مۇشۇ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە؛
(2)ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قوشۇمچە خىزمەتكە قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەمگەكچى تۈزىتىشنى رەت قىلسا.
بۇ ئىككى شەرتنىڭ ئىككىلىسىدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇناسىپ ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئىدارە خىزمەتچىنىڭ قوشۇمچە خىزمەت ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغان ئەھۋال، پەقەت ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك ئەمگەك توختام مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەھۋال بىلەنلا چەكلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ «قوشۇمچە خىزمىتى» پۈتۈن كۈنلۈك ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولسۇن ياكى پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە تەدبىقلىسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى