ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈننىڭ ۋۇ شياۋلىغا قىلغان گېپى: مەن پارچە سېتىش كەسپىنىڭ قايتۇرما زەربە بەرگىدەك ھالىنىمۇ قويمايمەن

ما يۈننىڭ ۋۇ شياۋلىغا قىلغان گېپى: مەن پارچە سېتىش كەسپىنىڭ قايتۇرما زەربە بەرگىدەك ھالىنىمۇ قويمايمەن

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 856 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ ۋۇ شياۋلىغا قىلغان گېپى: مەن پارچە سېتىش كەسپىنىڭ قايتۇرما زەربە بەرگىدەك ھالىنىمۇ قويمايمەن

 

5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەر، تەيۋەن «تيەنشيا» ژۇرنىلى تور نۇسخىسى «ما يۈن: مەن پارچە سېتىش كەسپىنىڭ قايتۇرما زەربە بەرگىدەك ھالىنىمۇ قويمايمەن» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ ماقالە ما يۈننىڭ يېقىندا سۇمرۇغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى بىر قىسىم سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىدى.

 

بۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە، بىر پارچە «جاۋاب بېرىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى» ناملىق يېڭى كىتاب دۇنياغا كېلىدىكەن، بۇ كىتابتا سۇمرۇغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ داڭلىق دېكتورى ۋۇ شياۋلىنىڭ جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ كارخانىچى بىلەن ئېلىپ بارغان چوڭقۇر دىئالوگى خاتىرىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى دەل ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن بىلەن ئېلىپ بارغان دىئالوگ ئىكەن.

 

ۋۇ شياۋلىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئاستىدا، ما يۈن «كارخانا چوڭ بولسا ياخشى ئەمەس، كارخانا كىچىك بولسا ئاندىن گۈزەل بولىدۇ» دېگەن مەركىزىي ئىدىيەنى ئىپادىلىگەن. كەسپىنىڭ ئېگىز چوققىلارغا چىققانلىقى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ما يۈن ئۆزىگە «ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ما يۈن يەنە خوڭخەينىڭ لېدىرى گو تەيمىڭ ئېيتقان «تور ئىقتىسادى چوڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولىدۇ» دېگەن گېپىگە رەدىيە بېرىپ، تورنىڭ نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارغا قانات ئورنىتىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەستىنلا ئۇلارنى «بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

 

تۆۋەندىكىسى «تيەنشيا» ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسى تەمىنلىگەن ۋۇ شياۋلى بىلەن ما يۈننىڭ زىيارەت مەزمۇنىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلىرى:
ۋۇ شياۋلى: كېلەچەكتە، قانداق كىچىك كارخانىلار ئەڭ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؟ قانداق كىچىك كارخانىلار كېلەچەكتىكى دۇنياغا ماس كېلىدۇ، كىچىكلەپ «شەخس»كە بارامدۇ؟



ما يۈن: يېڭى ئىقتىسادىي دەۋر ئاللىبۇرۇن يېتىپ كەلدى، ئەسلىدىكى بىز دەيدىغان Made in China(جۇڭگودا ئىشلەنگەن) ئۇقۇمىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، كېيىن Made in theworld(دۇنيادا ئىشلەنگەن) بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى كىچىك كارخانىلار ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يارىتىشى كېرەك، ئۇنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاپچاسلىرى پۈتۈن دۇنيادىن كېلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كېلىدىغىنى Made in theInternet (تورداا ئىشلەنگەن). تور دەۋرىدە، سۈرئەت بارغانچە تېزلىشىدۇ، ئۆزگىرىشمۇ بارغانسېرى تېزلىشىدۇ. كەلگۈسىدە، كارخانىلار مۇسابىقىسىدە، بىرىنچىدىن قىممەتتە مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىش ئېڭى، ئىككىنچىدىن خاسلىقتا مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۈچىنچىدىن كۆلەمدە مۇسابىقىلىشىدۇ. كېلەچەكتىكى دۇنيا كىچىك دۇنيا.

 

ئەلى بابا بىلەن تاۋباۋنىڭ ئىدىيەسى، تور تېخنىكىسى ۋە ئىدىيەسىنى ئىشلىتىپ، سانسىز كىچىك كارخانىلارنىڭ رىقابەتكە قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىش. دەل مۇشۇ پىكىردە چىڭ تۇرغاچقا، ھەم كىچىك بولسا گۈزەل بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغاچقا، مەن كېلەچەك بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ۋۇ شياۋلى: ئەگەر كېلىۋاتقان بەش يىلغا نەزەر سالساق، كىچىك كارخانىلار ئارىسىدىكى بۇ خىل تورسىمان ھەمكارلىق شەكلىگە نەزەر سالساق، ئۇلار بازارنى كۆرگەندىن كېيىن، قانداق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا پايدىنى تاپالايدۇ؟


ما يۈن: كىچىك كارخانىلار پايدىنى تاپالايدۇ، لېكىن كۆلەمنى تاپالىشى تەس؛ كۆلەمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، پايدىنى تاپماق تەس، شۇڭا بۇ كارخانا ئۆزى ئىگەللەشكە تېگىشلىك مىزان. جۇڭگودا، ھەممە ئادەمنىڭ چوڭ كارخانا قۇرغۇسى كېلىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ چوڭ ئىش قىلغۇسى كېلىدۇ. بىزدەك بۇنداق كارخانىلار، تۇيۇقسىز باش-ئايىقى يوقلا مۇشۇنداق زورىيىپ كەتتى، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئەمەس.

بىز تەلەيگە تايانغان، بىزنىڭ بۇ دەۋر بەك تەلەيلىك ئىدى ـــ تورغا يولۇقتۇق، ئوتتۇز يىل بۇرۇن بايقىغان ئېلېكترونلۇق سودىغا يولۇقتۇق، بىر تۈركۈم بۇ تەمنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرگە يولۇقتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئەجەبلىنەرلىك ھالدا ھازىرغا كېلىپ قالدۇق. كارخانا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشى كېرەك. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ما يۈن بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر مېنىڭ قايتىدىن تاللاش پۇرسىتىم بولسا، مەن ھەرگىز ما يۈن بولمايمەن، بەك جاپالىق. بۇ چىن گەپ.


 

مەن بىر يىلى ياپونىيەگە بارغاندا، بىر كىچىك دۇكاننى كۆردۈم، ئىشىكىگە بىر باغاقچە چاپلاقلىق ئىكەن، باغاقچىغا بۇ دۇكاننىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 147 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتىدۇ دەپ يېزىلغان ئىكەن. بېرىپ قارىسام، دۇكاندا بىر بوۋاي، بىر موماي، يەنە بىر ئىشچىلا بار ئىكەن، دۇكىنىمۇ پەرىزىمچە يىگىرمە كۇۋادىرات مېتىرلا كېلىدىكەن، ئىچىدە ھەرخىل پىرەنىكلەر بار ئىكەن. ھېلىقى بوۋاي بىلەن موماي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:«ئائىلىمىز بۇ دۇكاننى نەچچە ئەۋلاد ئاچتى، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل، بۈگۈن دۇكاننىڭ تەبرىك كۈنى، بىر كىچىك پىرەنىك سوۋغا قىلىمىز.» موماي «ياپونىيە پادىشاھى، چوڭ جەمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پىرەنىكلىرىمىزنى سېتىۋالىدۇ.» دېدى.

 

بۇ ئادەمدە بىر خىل بەخت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بۇ كىچىك دۇكاننى ئېچىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ، نېمىدېگەن راھەت! قاراڭ، بىز كارخانىمىزنى زورايتىۋالغاندىن كېيىن، بىردەم مەبلەغدىن ئەنسىرەيمىز، بىردەم ئىشچىلار بىلەن بولغان مەسىلىلەردىن ئەنسىرەيمىز، بىردەم جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىشلاردىن ئەنسىرەيمىز، پەقەتلا بەخت تۇيغۇسى يوق.

 

ۋۇ شياۋلى: سىزدە ھازىر بەخت تۇيغۇسى يوقمۇ؟


ما يۈن: مېنىڭ ھازىرقى بەخت تۇيغۇم ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئاللىبۇرۇن يەتتە مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىقىپ قالدىم، پەقەت يەتتە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ خىل بەخت تۇيغۇسىدىنلا بەھرلىنەلەيمەن، بۇ خىل بەخت تۇيغۇسى......


ۋۇ شياۋلى: ئازراق ئوكسىگېن كەم؟


ما يۈن: ئوكسىگېن ئىنتايىن كەمچىل. ئەمەلىيەتتە سىز چىقىشنى خالىمايسىز، لېكىن چىقىپ قالغاندىن كېيىن، چۈشۈپ كەتكىڭىز كەلسىمۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇ يەردە تۇرىۋېرىسىز!


ۋۇ شياۋلى: لېكىن سىز يەنە يۇقىرىغا يامىشىدىغانسىز؟


ما يۈن: بۇ، راست گەپنى قىلسام، ئەگەر ياماشمىساممۇ بولىدىغان ئىش بولسا ھەرگىز ياماشمايمەن.


ۋۇ شياۋلى: مەن تونۇيدىغان ما يۈن ياماشماي قويمايدۇ.



ما يۈن: بەزىدە، ئادەم بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. مەن بۈگۈن ياماشماي توختاپ قالسام، ئۆزۈمنى ئازراق شەخسىيەتچىلىك قىلغاندەك ھېس قىلىمەن. چۈنكى بىز بۈگۈنكى ئۇتۇقىمىز ئۈچۈن دەۋرگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، شۇنچە كۆپ مېنى قوللىغان خىزمەتداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك. مېنىڭ بارلىقىمنى باشقىلار بەرگەن. مەن بۈگۈنكىدەك قىلالايمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان. ئادەمنىڭ تەلىيى بەك كېلىپ كەتكەندە، ئەگەر توغرا قىلالماي قالسا، بۇ تەلەينىڭ ھەممىسى نەسلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا تەلەينى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنى ياخشىراق ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇ راست گەپ.


ۋۇ شياۋلى: يېقىندا بەزى ياشلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىشى ناتايىنلىقىنى، چوڭ كارخانىلارغا بېرىشىنىڭمۇ ناتايىنلىقىنى ئېيتتى. بۇمۇ [كىچىك بولسا گۈزەل بولىدۇ] دېگەن ئۆزگىرىشنى ئىسپاتلامدۇ؟


ما يۈن: بۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ كارخانىلارنى تاللايدىغان ياشلار بارغانسېرى ئاز بولىدۇ، ئالاھىدىلىككە ئىگە كارخانىلار، بەختلىك كارخانىلار، گۈزەل كارخانىلارغا بارىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئۇ يەردە، ئۇلار خاسلاشقان ئالاھىدىلىكنى ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. مەن ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئامىلنىڭ شىر، پىل ئەمەس بەلكى مىكروئورگانىزم ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن. شۇڭا، جۇڭگونىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى كارخانىلارنىڭ قانچە چوڭ بولۇشى، چوڭ كارخانىلارنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئەمەس، بەلكى كىچىك كارخانىلارنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇشى، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانچىلىك گۈزەل بولۇشى، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانچىلىك خاسلىققا ئىگە بولۇشى. مانا بۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى.

 

جۇڭگودا بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون نوپۇس بار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا، چوڭ كارخانىلارغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىشتا، كىچىك كارخانىلارغا تايىنىش كېرەك. چۈنكى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا يەنە ئىككى ھەسسە خىزمەتچى كۆپەيتسە، پۈتۈن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا پالەچ بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ھەربىر كىچىك كارخانا بىر-ئىككى خادىم كۆپەيتسە، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.


ۋۇ شياۋلى: 2012-يىلى [قوش ئون بىر]نىڭ ئالدىنقى كۈنى، سىز يېڭى تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ كونا تىجارەت ئەندىزىسى بىلەن بولغان جېڭى باشلاندى دېگەن ئىدىڭىز.


ما يۈن: شۇنداق. نۇرغۇن ئادەملەر بىز ئېلېكترونلۇق سودىگەرلەر ئارىسىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن دەيدۇ. مېنىڭچە، ئېلېكترونلۇق سودىگەرلەر ئارىسىدا «جەڭ» يوق. جەڭ قىلماقچى بولسام، مەن شۇ ئەنئەنىۋىي ئەندىزە بىلەن قىلىمەن؛ ئەگەر زەربە بەرمەكچى بولسام، مەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ چوڭ ئەندىزىسىگە زەربە بېرىمەن. بۇ مېنىڭ شۇنداق قىلغۇم بار بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدىن.



شۇڭا، مەن پارچە سېتىش كەسپىدىكىلەرگە غەزەپلىنىمەن، نېمىشقا ئۇلار %15 پايدا ئالىدۇ؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ باھاسى ئۇنداق يۇقىرى بولىدۇ؟ نېمىشقا ئۇلار تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ھەربىر تېلېۋىزوردىن ئاران ئون يۈەن خەلق پۇلى، ھەتتا يەتتە يۈەن خەلق پۇلى پايدا بېرىدۇ؟ ئەگەر ھەربىر تېلېۋىزوردا ئاران يەتتە يۈەنلا پۇل تاپسا، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىشتا قانداق يېڭىلىق يارىتىدۇ؟ شۇڭا چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكىلەرنىمۇ پۇل تاپقىلى قويۇش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئىككى تەرەپنىڭ پايدىسى ئاشىدۇ. «جەڭ» ۋاقتىدا ھەقىقەتەن شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بىرئاز سەت، لېكىن جەڭ ۋاقتىدا بېلىكىدىن، پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىش نورمال ئەھۋال، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ.

 

ۋۇ شياۋلى: 2009-يىلى، سىز خۇڭخەي گۇرۇھىنىڭ لېدىرى گو تەيمىڭ ئەپەندىم بىلەن بىر قېتىم «غەربى كۆلدە پىكىر ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بارغان. ئۇ چاغدا سىلەر چوڭ-كىچىكلىك توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن. گو تەيمىڭ ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا «تور ئىقتىسادى چوڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن يولۋاسقا قانات چىققاندەك، تور ئۇنىڭ قانىتى، خالىغان يېرىگە ئۇچۇپ بارالايدۇ، شۇڭا كارخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىك كۆلىمىدە ئەمەس، بەلكى ئىقتىدارى ۋە ئېلاستىكىلىقىدا» دېگەن ئىدى. چۈمۈلىلەر بىر كوللېكتىپ، بۇ كوللېكتىپ بىر تال كەمپۈتنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلدى، كەمپۈتنى قانداق بۆلۈشۈش كېرەك؟ بۇ پايدىدىن ھەمبەھرلىنىش ۋە قايتۇرۇشقا چېتىلىدىغان مەسىلە.


ما يۈن: بىرىنچى جۈملىدىلا مەسىلە بار، يولۋاسقا قانات چىققاندەك دېگەن نېمە گەپ؟ سىلەر قاناتلىق يولۋاسنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئۇ بىر تەسەۋۋۇر. ئىشقىلىپ مەن قانات چىقىپلا ئۇچالايدىغان يولۋاسنى كۆرۈپ باقمىغان. يولۋاسقا قانات بېكىتىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇچالمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەك ئېغىر. يولۋاسقا قانات چىقىش پەقەتلا چوڭ كارخانىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى. پارچە سېتىش كەسپىدىكىلەر ماڭا بەك ئۆچ، ئۇلارنىڭ ھازىر قىلالايدىغىنىمۇ شۇ ئۆچ بولۇش، قايتۇرما زەربە بەرگىدەك كۈچىمۇ قالمىدى، چۈنكى مەن ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغان پۇرسەت بەرمەيمەن.



ھەقىقىي سودا رىقابىتى جەڭ قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ قوشۇنىنى بويسۇندۇرۇش ئەمەس. مەن كەلگۈسىدىكى رىقابەتچىمنى بايقىغان ھامان، بۈگۈنلا ئۇنىڭ ئاساسلىق نېرۋىسىنى سۇغۇرۇۋالىمەن. مانا بۇ تورنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى. سىز تېخى قاناتنى ساقلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، خەق سىزنى بىر تەرەپ قىلىپ بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە تۈنۈگۈنكى «چوڭ» كېلەچەكتىكى يۈك.


ۋۇ شياۋلى: سىز بۇرۇن يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردە شىركىتىڭلارنىڭ بىر ئۇلۇغ ماتېرىيال شىركىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭىز، ئۇنداقتا سىلەر نېمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيسىلەر؟ تۈجۈپىلىك بازارشۇناسلىق سىلەرنىڭ مۇلازىمەت دائىرەڭلار ئىچىدىمۇ؟


ما يۈن: تۈجۈپىلىك بازارشۇناسلىق كېلەچەكتە ئارىمىزدىكى ناھايىتى كىچىك بىر قىسىم بولىدۇ، بىزنىڭ ھەقىقىي قىلماقچى بولغىنىمىز، بىز يىغقان ماتېرىياللارنى ھەمبەھرلەش. تاۋباۋ ئىستېمالچىلىرىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمبەھرلىنىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى ئىستېمالچىلار بىلەن، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ھەمبەھرلىنىش.....، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ ماتېرىيالى، تاۋباۋنىڭ ماتېرىيالى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمبەھرلەش.


بىز قانداق پۇل تېپىشنى بىلمەيمىز، لېكىن بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز، ئون يىلدىن كېيىن ماتېرىيال نېفىتتىنمۇ قىممەت نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ چوقۇم جەمئىيەتكە زور تۆھپە قوشىدۇ، شۇڭا بۈگۈن چوقۇم مەبلەغ سېلىش كېرەك، جەمئىيەتكە تۆھپىسى بولىدىغانلا ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ماتېرىياللارنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ھەمبەھرلەش كېرەك، بۇ شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى تەرەققىيات يۆلىنىشى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى