ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتچىلەرگە ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان رولنى ئالغۇزۇش

خىزمەتچىلەرگە ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان رولنى ئالغۇزۇش

ۋاقتى: 2016-03-26 ئاۋاتلىقى: 511 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «خىزمەتچىلەرگە تولۇق ئىشىنىش كېرەك» بۇ يەردە!


مىكروسوفتتىن ئىبارەت بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئەقىل-پاراسەت توپلىنىپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان شىركەتكە نىسبەتەن، گايتىس خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ساقلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. مىكروسوفتنىڭ ھەر يىلى قوبۇل قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقوغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ياشلارنى ئاساسى كۈچ قىلغان بۇ شىركەتتە، ياشلارنىڭ ئىمكانقەدەر تېزلىكتە ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان خىزمەت ئورنى تېپىۋىلىشىغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گايتىس خېلىلا كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلدى.


تەربىيەلەش-مىكروسوفتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك قورالى. مىكروسوفتنڭ مۇنداق بىر جۈملە شۇئارى بار: «خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگەنگەن كەسىپىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنى مىكروسوفتنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان قىلىپ چىقىش». مىكروسوفت يەنە خىزمەتكە پىشقان خىزمەتچىلەر ئارقىلىق  يېڭى كەلگەن خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەيدۇ، بۇ پىشقان خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى گۇرۇپپا باشلىقى، مەلۇم ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى ھەم رەسمىي بېكتىلگەن يېتەكچى مۇئەللىم بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئورونداشتىن سىرت، يېڭى خىزمەتچىلەرگە  يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مىكروسوفت يەنە قەرەلسىز ھالدا «كۆك تەخسە» چۈشلۈك تاماق يىغىلىشى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، يىغىن ئارقىلىق تەجرىبىسى مول بولغان  پروگرامما دىرېكتورلىرىغا ئۆز تەجرىبىسىنى سۆزلەتكۈزىدۇ. بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بەزىدە قارىماققا ئىلىم-پەن مۇزاكىرە يىغىنىغا بەكرەك ئوخشاپ قالىدۇ.


چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردا، كوللېكتىۋىزىملىق روھنى بەرپا قىلماق ئىنتايىن تەس، يەنى ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقۇرۇشى ياخشى بولمىغان شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھنى يۇقىرى كۆتۈرمىكى قىيىنغا توختايدۇ. ئەمما مىكروسوفت ئەكسىچە ئىنتايىن يۇقىرى بولغان جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىگە، مىكروسوفتتا ھەربىر خىزمەتچى دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىسى ۋە نىشانى بار، يەنە كېلىپ بۇ نىشانلار ئىنتايىن ساپ ۋە يەككىلىككە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفت تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ خىزمەتچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، مەسىلەن: مىكروسوفتنىڭ يىغىنى ناھايىتى ئازادە ۋە يۇمۇرىستىك كەيپىياتتا  ئېلىپ بېرىلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خۇشاللىققا چۆمگەن بولۇپ، ئەركىن-ئازادە پىكىر قىلالايدۇ، شىركەت يەنە دائىم نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان خىزمەتچىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەقدىرلەيدۇ ھەم ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ شىركەت پاي چېكىنى مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ.


خىزمەتچىلەرنىڭ خاسلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، مىكروسوفتنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان كارخانا مەدەنىيىتى دەل خىزمەتچىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇشتۇر. مىكروسوفت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشخانىسى قارىماققا   ئۇنىۋېرستېتنىڭ كوللېكتىپ ياتىقىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ. خىزمەتچىلەر تامغا قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزسىمۇ، ئۆزى خالىغانچە ھەرخىل رەسىملەرنى ئېسىپ قويسىمۇ، يەنە تېخى ھەرخىل خاسلىققا ئىگە بويۇملار ئارقىلىق زىننەتلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئۈستەل ئۈستىگە سېسىق پايپىقىنى قويۇپ، كومپيۇتېرىنى يەرگە تاشلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ھېچكىم ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ. گايتىس:«بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەرىسىلىرى، مەن بۇ ئارقىلىق ئۇلاردىكى تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ.



خىزمەتچىلەر خىزمەتكە كىرىشىپ كەتسە ھەمىشە گايتىسكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇدا 10 نەچچە سائەتلەپ ھەتتا بىرقانچە 10 سائەتلەپ كومپيۇتېردىن ئايرىلمايدۇ. مۇشۇ سەۋەب بىلەن مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بەرگەن: ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ئىشقا بارىدىغانلار، بەزىدە كارىدوردا توغرا يېتىپ ئۇخلاۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈستىدىن بەكمۇ ئاۋايلاپ ئاتلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.


مىكروسوفتتا، خىزمەت ۋاقتى خىزمەتچىلەرنى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىنمايدۇ، تەتقىق قىلىپ چىققان نەتىجىلا ئاندىن ھەقىقى ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل باھالاش تېخىمۇ زور دەرىجىدە يەنىلا خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئۇلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇننى  تېپىپ بېرىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسىدۇر. مىكروسوفت قوللانغان 360 گرادوسلۇق ھەرتەرەپلىمە خىزمەت باھالاش ئۇسۇلنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىككىلا تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ھەربىر خىزمەتچىنى ئەركىن بولغان تەتقىقات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشتۇر. باھالاش جەريانىدا، خىزمەتچىنىڭ ئۆزى، مەسئۇل دىرېكتورى، قول ئاستىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى، خېرىدارلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەزكۈر خىزمەتچىگە نىسبەتەن ئەتراپلىق باھالاش  ئېلىپ  بېرىپ، باھالاشنىڭ ئوبىيكېتىپچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. باھالاشتا، مىكروسوفت قايتۇرما ئىنكاسقا ۋە ئىز قوغلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىزمەتچىلەر بىلەن تەشكىلنى ماسلاشتۇرغىلى، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوزغاتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە خىزمەتچىلەر ئىنكاس قىلغان مەسلىلەرنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.


باھالاش ئارقىلىق، بىر جەھەتتىن، خىزمەتچىلەر ئۆزىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنى كۆرىۋېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈزەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر باھالاش نەتىجىسىدە شىركەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقەتەن توسالغۇ بولۇپ قالغانلىق ئەھۋالى بايقالسا، ئۇنداقتا، شىركەت دەرھال ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى ياخشىلايدۇ ھەم پىلانىنى تەڭشەيدۇ. مانا بۇ چارىلەر مىكروسوفتنى بازار رىقابىتىدە مەغلۇپ بولمايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلغان.


مىكروسوفتتەك مۇنداق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىدا، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئىختىساسلىقلار بۇ يەردە ئۆز ئورنىنى  تېپىپ، يېتەرلىك تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. مىكروسوفت شىركىتىدە ھەم تەتقىقات بۆلۈمى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل بۆلۈم ئوتتۇرىسىدا قاتتىق بولغان ئىش تەقسىماتى ۋە ئېنىق بولغان چەك-چىگرا ساقلاپ قېلىنغان. شۇڭلاشقا، مىكروسوفت شىركىتى يەنە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەخسۇس «قوش رېلىس» مېخانىزىمىنى  لايىھەلەپ چىقىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تاينىپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.



ئادەتتكى شىركەتلەردە، مەلۇم بىر خىزمەتچىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋاقىتتا، رەھبەرلىك ئۇنى باشقۇرۇش رېلىسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالدى بىلەن دېرىكتورلۇققا، ئاندىن باش دىرېكتورلۇققا، يەنە لېدىرلىققا ئۆستۈرىدۇ. ئەمما ھەممە ئادەملەرنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن، ئۆستۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئادەملەر تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، مىكروسوفت شىركىتى مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرۇش رېلىسىدا تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆز خائىشى بويىچە تېخنىكا رېلىسىدا تەرەققىي قىلىشىغىمۇ يول قويىدۇ، ھەتتا خىزمەتچىلەرنىڭ بىر رېلىستا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يەنە بىر رېلىسقا ئالمىشىپ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ يول قويىدۇ.
بۇ ئىككى خىل تەڭ دەرىجىدىكى قوش رېلىس مىكروسوفت خىزمەتچىلىرىنى يېتەرلىك بولغان يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنداقلا بۇ ئىككى رېلىسقا نىسبەتەن، گايتىسنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش. تەتقىقات ئورگىنى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى ھەمىشە «نەزەرىيەچىلەر(قەلەمدارلار)» ھېساپلىندۇ، بىراق مەھسۇلات ياساش بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپى دېگۈدەك «ئەمەلىيەتچىلەر (ئەلەمدارلار)» دۇر. بۇ ئىككى تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئىككى خىل تېخنىكا خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن روشەندۇر.


 يېقىنقى بىر قېتىملىق نۇتۇقدا گايتىس مۇنداق دېگەن: مىكروسوفت شىركىتى ئىككى تۈرلۈك ئىشنىلا قىلىدۇ، بىرى خېرىدارلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنە بىرى بولسا خېرىدارلارنىڭ كەلگۈسى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مىكروسوفت ئاللىبۇرۇنلا ئىلمىي تەتقىقات ۋە مەھسۇلات ئېچىشنى شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىككى ئاساسى لىنيە دەپ قارىغان. مىكروسوفت بىرتەرەپتىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئورگانغا ئورتاق بولغان كۈرەش نىشانى بېكىتىپ  بېرىپ، ئۆز-ئارا چۈشنىش، ئالاقىلىشىش يولى قۇرۇپ بەرگەن بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن ئىككى خىل ئورگاننىڭ چەك-چىگرىسنى ئېنىق ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئورگان ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان باھالاش تۈزۈمىنى ئورناتتى. مىكروسوفت شىركىتى ھەربىر كەسىپ ئىچىدە «تېخنىكا دەرىجىسى» تەسىس قىلىپ فۇنكىسيىسى ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئارسىدا مەلۇم خىل  سېلىشتۇرمىلىق بەرپا قىلدى.


مىسالغا ئالساق، مىكروسوفتتا 20 دىن كۆپرەك مەخسۇس مەسلىھەتچى  ئىنژىنېر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىركەتتىكى ئورنى ۋە كىرىمى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇئاۋىن لېدىرنىڭكى بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل «قوش رېلىس»لىق سىياسەت ئارقىلىق تۈزۈم جەھەتتىن ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ تەرەققىي قىلىش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىختساسلىق خادىملارنى جەلىپ قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان.


بۇنىڭدىن سىرت، مىكروسوفت شىركىتى يەنە شىركەت ئىچكى قىسمىدا خادىملارنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. گايتىس دەل مۇشۇ خىل تەدبىرنى قەدىرلىگۈچىدۇر. مىكروسوفتتىكى خىزمەتچىلەرنى ئەڭ شەرەپ ھېس قىلدۇردىغان ئىش-خوجايىنى گايتىس ئەپەندىنىڭ:«سەن ھەقىقەتەن قاملاشمىغان ئىكەنسەن!» دەپ تىللىشىغا يولۇقۇش، چۈنكى بۇنداق تىللاش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي تەپەككۈرى گايتىسنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان يېرىدىن چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


  ھازىر مىكروسوفتتا باش لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سىتىۋ. بالمېر ھەمىشە ھەربىر ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىغا قول ئاستىدىكى باشقۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ يالغۇز ئۇلارغىلا تەۋە ئەمەس بەلكى پۈتكۈل شىركەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. مەلۇم بىر خىزمەتچىنىڭ  يېڭى بىر خىزمەت ئورنىغا مۇۋاپىق كىلىدىغانلىقى بايقالغان ھامان، سېتىۋ بالمېر ئۇنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى رەھبىرىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەزكۈر خىزمەتچىنى تەڭشەش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. مىكروسوفتتىكى باشقا ھەردەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارمۇ مۇشۇخىل ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، شىركەتنىڭ  ئىچكى قىسمىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ  ئالمىشىشى كۆپىيىپ، مۇنەۋۋەر بولغان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىگە ماس بولغان تەرەققىيات يولىنى تاپالايدۇ.



خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئالمىشىشغا ئىلھام بېرىشتىن سىرت، مىكروسوفت شىركىتى يەنە تەتقىقاتىچى خادىملارنىڭ  يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بولۇپ، مەھسۇلات بۆلۈمىگە ئۆزىنىڭ پەن-تەتقىقات نەتجىسىنى تونۇشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە مەھسۇلات بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ تەلىپنى، مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ۋە ئىنكاس، پىكىرلىرىنى تەتقىقات يۇرتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كېڭيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ خىل تەدبىرلەر خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ھاياتىدا ئۆز ئورنىنى بېكىتىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرستىدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە، مىكروسوفت ئاللىبۇرۇن:«خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ھاياتى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىش»نى شىركەتنىڭ تۈزۈمى قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەريىلى، ھەربىر خىزمەتچى چوقۇم ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچى رەھبىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپى ھاياتى لايىھەسى توغىرىسىدا مۇزاكىرە  ئېلىپ بارىدۇ. خىزمەتچىلەر ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى كەسپى ھاياتىنى قارار قىلسا ۋە پىلانلىسا بولىدۇ، بۇ خىل مۇزاكىرىلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە خىزمەتچىلەرنىڭ ئوي-خىيالىنى چۈشنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېخىمۇ ئوڭاي ئورونلاشتۇرۇشى ۋە تەقسىملىشىگە پايدىلىق بولغان. ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت ئورنىدا ئەركىن، ئازادە ھالدا خىزمەت قىلدۇرۇش-گايتىسنىڭ مىكروسوفت ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. گايتىسنىڭ بۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئوينىغان شاھمىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ياشلارنى مىكروسوفتتىن ئىبارەت يۇمشاق دېتال ئىمپېرىيىسدە «بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك» ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلدى.

 

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى