ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولامدۇ؟

كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-16 ئاۋاتلىقى: 587 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: ئوقۇرمەن ئەركىن گېزىتىمىزگە خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: ئۇ بىر كەسپى ئورۇندا 30 يىلغا يېقىن ئىشلەپتۇ، ئىدارىسى ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمەپتۇ، ھېچقاندا سۇغۇرتىمۇ ئېلىپ بەرمەپتۇ(ئىدارىسى ئۇنى شتاتلىق ئەمەس دەپتۇ). كېلەر يىلى ئەركىن پېنسىيەگە چىقىدىكەن، ئۇ «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىيالامدۇ؟


ئەركىننىڭدەك بۇنداق ئەھۋالدا «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى قانۇن ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى چەكلىيەلمەيدۇ دېگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» پەقەت كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئەمگەك توختامىغا ياكى قۇرۇلغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە تەدبىقلىنىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئىجرا قىلىنغان ئەمگەك توختامى ياكى يازما ئىسپاتسىز ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى، پەقەت ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەمگەك قانۇنى ياكى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

 

ئەركىن دېگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن بىرقەدەر مۇقىم بولغان يازما ئىسپاتسىز ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن. «‹ئەمگەك قانۇنى›نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئارىسىدا يازما ئىسپاتسىز ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قەستەن ئارقىغا سوزۇپ ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ سەۋەبلىك ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلسە، «‹ئەمگەك قانۇنى›نىڭ ئەمگەك توختامىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ تۆلەم تۆلەش ئۇسۇلى»غا ئاساسەن تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى