ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش

شىركەت كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ۋاقتى: 2013-04-14 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
شىركەت كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بىرىنچى، سىرتتىن ئالدىنى ئېلىش 
 كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم رىقابەتچىسىنىڭ يۆنىلىشى، بازارنىڭ پۈتۈن ئەھۋالى، پۈتۈن ساھە شۇنداقلا ساھە يۆنىلىشىنى چۈشىنىپ، چۈشەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن شىركەت جەڭ ئېلان قىلىش چارىسىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق كىرىزىس پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. چۈنكى، ئۇچۇر تەكشۈرۈش ناھايىتى مۇھىم، ئۇ شىركەت، ساھە ئۇيۇشمىسى، ھۆكۈمەت قارا چىقىرىش بۆلۈمى، تىجارەتچى، ئېلان ۋاكالەتچىلىك سودىسى شۇنداقلا تەشۋىقات ۋاسىتە تىجارەت بۆلۈمى، ساھە ئىچكى رىقابەت سودىسى، تەكشى ئېلان تەشۋىقات مەبلەغ سېلىش تەكشۈرۈش، يۇمشاق مەدەنىيەت ئىستراتېگىيەسى، ساھە تەرەققىيات ئىز قوغلاش، زاۋۇت بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش، مەھسۇلات رىقابەت ئەھۋالى تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ساھە تەرەققىيات ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق باھالاش دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا مال كىرگۈزۈش ۋە سېتىش يولى تەكشۈرۈشى، سېتىشنى تەكشۈرۈش، مەھسۇلات تەكشۈرۈش، تېزلىتىپ سېتىشىنى تەكشۈرۈش، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئېلان تەكشۈرۈش، خېرىدار رازىمەنلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بولىدۇ.
ئىككىنچى، قوشۇمچە ئالدىنى ئېلىش
1. جامائەت پىكىرىنى يېتەكلەش
تەكشىلىك تەشۋىقات ۋاسىتىسىنىڭ ئامما پىكىرىنى يېتەكلىشى: ئالدى بىلەن، نۇقتىنى توغرا تاللاپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئوخشاش بىر خەۋەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن خەۋەر قىلمىغاندا، پەيدا قىلغان تەشۋىق ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ. خەۋەردە دوكلات قىلغان نۇقتىنى ياخشى تاللىغاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، بۇ كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىشتىن ئاۋۋال ئىستراتېگىيە تۇرغۇزۇش، ئامما مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە ئاكتىپلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش. ئۇنىڭدىن قالسا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپلىگەن كىشىلەر دىققەت قىلغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يېتەكلەش، ئوخشاش بولمىغان ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان قارىشى بولىدۇ، بۇ دەل ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قارىشى ۋە بىلىدىغىنى بار دېگەندىن ئىبارەت.
#p#
2. ئاخبارات خەۋىرى بىلەن ئامما پىكىرىنى يېتەكلەش
ئاخبارات خەۋىرى بىلەن ئاممىنى يېتەكلەشنىڭ مەنىسىنىڭ بىزگە ئېچىپ بەرگىنى بولسا، ئاممىنى يېتەكلىگەندە ھەرگىزمۇ "قاتماللىق" بىلەن ئەمەس، بەلكى يېتەكلەش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش. يېتەكلەشتىن ئاۋۋال پىكىرنى بىردەكلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋىي تەشۋىقات بىلەن ئوخشاش بولسا بۇ شۇ باسقۇچتىكى بەلگىلەنگەن ئىدىيە بولۇپ، ئۇچراتقان خەۋەرنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىپ، قىلچىمۇ مۇھىم نۇقتىسى بولمىسا، ئوخشاشلا ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ماركا ئىستراتېگىيەسى
ئۇزۇن مەزگىللىك ماركا تەشۋىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم، ئىزچىل داۋاملاشقان ماركا تەشۋىق قىلىش ئاممىنى ماركىغا نىسبەتەن ياخشى تەسىرگە ئىگە قىلىدۇ، مەلۇم بىر نام-ئاتاق شەكىللىنىدۇ. ئاممىنىڭ بىر ئىلغار كارخانىغا بولغان پوزىتسىيەسى دائىم كەڭ قورساق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ماركا تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغاندا كىرىزىسى ھەل قىلىشتا ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. داڭلىق ماركىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىركەت ئومۇمىي ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، شىركەت ئىشەنچى ۋە ئوبرازىنى يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ بولسا كارخانىغا ئەڭ مۇھىم بولغان شەكىلسىز بايلىق.
ئۈچىنچى، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ:
1. كۈچلۈك بولغان كىرىزىس ئېڭىنى تىكلەش. شىركەت كىرىزىس باشقۇرۇش ئېلىپ بارغاندا چوقۇم كۈچلۈك بولغان كىرىزىس ئېڭىنى تىكلەپ، بىر خىل مۇھىت يارىتىپ، شىركەت خادىملىرىنى كەسكىن رىقابەت بازىرىدىكى رىقابەتكە يۈزلەندۈرۈپ، كىرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلىشى، ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈندىلىك خىزمەتنىڭ بىر تەركىبى قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن، خادىملارغا كىرىزىس مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش. خادىملارغا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىدىغانلىقىنى تونۇتۇش. تولۇق بولغان كىرىزىس ئېڭى كارخانىنىڭ كىرىزىسكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
#p#
شىركەت تىجارەت جەريانىدا، خادىملار ھەر ۋاقىت ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىشى، ساقلانغان كىرىزىسنى چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، كىرىزىس باشقۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش. كىرىزىس باشقۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى بىلەن كىرىزىس مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ئوخشاش ئەمەس، ئۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن كىرىزىس ئىدىيەسى بولۇپ قالماستىن، خادىملارنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇش بىلىمىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش پسىخىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق شىركەت بىر پۈتۈن كىرىزىس باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2. كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇش. كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم يۇقىرى دەرىجىدىكى سەزگۈرلۈك، توغرا بولغان ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. ئۇچۇر تەكشۈرۈش بولسا ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ يادروسى، ھەر ۋاقىت ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئۇچۇرنى توپلىغاندا، ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلغىلى شۇنىڭ بىلەن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە يوقاتقىلى بولىدۇ. كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم بولغىنى تۆۋەندىكى ئۇچۇر يىغىش ۋە توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىنكاسىنى يىغىپ، مەھسۇلاتقا كىرىزىس ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان ئامىل ۋە ئىپادىسىگە نىسبەتەن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛ ئىككىنچى، ساھە ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، تەتقىق قىلىپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، شىركەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تىجارەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش؛ ئۈچىنچى، رىقابەتچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى سېلىشتۇرۇش، بىر-بىرىدىن قالمايدىغان بولۇش؛ تۆتىنچى، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۇچۇرنى ئايرىپ، تۈرگە بۆلۈپ، كەلگۈسىدە كىرىزىس پەيدا قىلىش تۈرى ۋە باشقا خەتەرلىك دەرىجىسىنى مۆلچەرلەش، شۇنداقلا چوقۇم ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش.
3. كىرىزىس باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇش. بۇ بولسا شىركەت كىرىزىس باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلى كاپالىتى، بۇ پەقەت كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەشكىلى قىسىمى بولماستىن يەنە كۈندىلىك كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم. كىرىزىس يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال، شىركەت چوقۇم كىرىزىس پەيدا بولۇشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كىرىزىس باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇپ چىقىشى، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت تەرتىپى تۈزۈپ، باشقۇرغۇچى رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى بولسا تەرەققىي قىلغان دۆلەت تەجرىبىسدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن، كىرىزىسنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىشتىكى ۋە ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى تەشكىلىي كاپالەت. كىرىزىس باشقۇرۇش ئورگىنىڭ ئاساسلىق شەكلى ئايرىم بولسىمۇ ياكى باشقا بۆلۈم دائىرە ئاتلاپ گۇرۇپپا بويىچە باشقۇرسىمۇ، يەنە شىركەت ئىستراتېگىيە باشقۇرۇش بۆلۈمى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ باشقۇرسىمۇ بولىدۇ. شىركەت ئۆزىنىڭ كۆلىمى ۋە كىرىزىس پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە نىسبىتىگە قاراپ تەسىس قىلسا بولىدۇ.
#p#
4. كىرىزىس باشقۇرۇش پىلانى تۈزۈش. شىركەت پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئوخشاش بولمىغان كىرىزىس شەكلىگە قاراپ بىر پۈتۈن كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش پىلانى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ، ئۇنىڭدا كىرىزىس پارتىلاشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش، پارتلىغان چاغدا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىقلار بولىدۇ. ئىشتىن ئاۋۋال كىرىزىس باشقۇرۇش پىلانى تۈزگەندە ئۇ چوقۇم شىركەت كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەق مۆلچەرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. پىلاندا يەنە كىرىزىس تارقىلىش يولى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى نۇقتىلىق قىلىپ تۈزۈلۈشى كېرەك.
5. تەقلىدىي كىرىزىس باشقۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىش. مەلۇم بىر كىرىزىسنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەقلىد قىلىپ تاقابىل تۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىش، ئۇنىڭدا پسىخىك مەشىق. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، يەنە بىر تەرەپتىن پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنشچانلىقىنى سىناپ كۆرگىلى، ساقلانغان يوچۇقنى ۋاقتىدا بايقاپ، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش پىلانىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
6. ئاممىۋىي تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ۋاستىسى ئارقىلىق ئامما بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش. شىركەت كىرىزىسى پارتىلىشى بىلەن، ئەڭ ئاۋۋال چۆچۈپ تۇرىدىغىنى ئاممىۋىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، ئاخبارات خەۋەر تارقىتىش ۋاسىتىلىرى بولىدۇ. بۇ كارخانىدىن ئادەتتە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىيارەت قىلىش ۋە ئاخبارات تارقىتىش خەۋىرى يىغىنى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلىگەندە، شىركەت كىرىزىسى تاساددىپىي يۈز بەرگەندە، تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئاۋۋال ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ ئاندىن خەۋەر قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئويدۇرمايدۇ، بۇنداق بولغاندا كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش بىر قەدەر ئاسان ۋە پايدىلىق بولىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى