ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك توختامى قايسى ۋاقىتتا تۈزۈلۈشى كېرەك؟

ئەمگەك توختامى قايسى ۋاقىتتا تۈزۈلۈشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 412 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالىم قاتارلىق ئۈچ كىشى 2008-يىلى 4-ئايدا مەلۇم ئېلېكترون شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى تۆت ئاي بولىدىغانلىقى، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە لاياقەتلىك بولسا ئەمگەك توختامى تۈزىدىغانلىقى، لاياقەتسىز بولسا ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئالىم قاتارلىق ئۈچ كىشى تۆت ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن لاياقەتلىك دەپ قارىلىپ، رەسمىي قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئايرىم-ئايرىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لېكىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ كادىرلار تارمىقى بىلەن كەسپىي تارمىقىنىڭ پىكرى بىردەك بولمىغانلىقتىن، ئالىم قاتارلىق ئۈچ كىشى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان. ئىشچى ئىشلىتىش نىزامنامىسى ۋە رەسمىي قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتتىكى كېلىشىم بويىچە مائاشى بېكىتىلمىگەن. ئالىم قاتارلىقلار مەزكۇر شىركەتنىڭ كادىرلار تارمىقى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىم قاتارلىق شۇ جايدىكى ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا ئەرز قىلىپ، شىركەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق مائاش ۋە باشقا تەمىنات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنداقتا، يۇقىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋالغا مۇتەخەسسىسلەر قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى:
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدا:«ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، ئەمگەك توختامى قانۇنىدا ئەمگەك توختامى تۈزىدىغان ۋاقىتقا قارىتا ئېنىق چەك قويۇلغان بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»دا ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق بەلگىلەنگەن. مەزكۇر قانۇننىڭ 82-ماددىسى ۋە 14-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچىلەر بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشتى،دەپ قارىلىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىسىلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەكچى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دېلودا، مەزكۇر ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ، ئالىم قاتارلىقلار بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىكى «ئەمگەك توختامى قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئېلېكتىرون شىركىتى مەزكۇز قانۇننىڭ 82-ماددىسى ۋە 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا،«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 97-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، «ئەمگەك توختامى قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە تۈزۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى