ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتى

كارخانا مەدەنىيىتى

ۋاقتى: 2012-12-16 ئاۋاتلىقى: 667 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا مەدەنىيىتى بىر تەشكىلاتنىڭ قىممەت قارىشى، ئەقىدىسى، مۇراسىمى، بەلگىلىرى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان، شۇ كوللېكتىپتا ئالاھىدە بولغان مەدەنىيەت ئوبرازىدۇر.

كارخانا مەدەنىيىتى ئۇقۇمى
كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئىنسانلار تارىخى ئەمەلىيەت جەريانىدا ياراتقان ماددىي بايلىق ۋە روھى بايلىقنىڭ يىغىندىسى؛ تار مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت جەمئىيەتنىڭ ئاڭ ھالىتى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە تۈزۈمدۇر.


كارخانا مەدەنىيىتى بولسا، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەمەلىيىتىدە، تەدرىجىي شەكىللەنگەن، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېتىراپ قىلغان ۋە ئەمەل قىلغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان بۇرچ، ئۈمىد-ئارزۇ، ئاساسىي مەقسەت، روھ، قىممەت قارىشى ۋە تىجارەت ئىدىيەسى قاتارلىقلارنى مۇجەسسەملىگەن ھەمدە بۇ ئىدىيەلەر ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەمەلىيىتىدە، باشقۇرۇش تۈزۈمىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدە ۋە كارخانىنىڭ سىرتقا قارىتا ئوبرازىدا گەۋدىلەنگەن يىغىندىدىن ئىبارەت. ئۇ مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن-تەتقىقات، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ.
كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ جېنى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئۇ ئىنتايىن مول بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ يادروسى كارخانىنىڭ روھى ۋە قىممەت قارىشى. بۇ يەردە ئېيتىلغان قىممەت قاراش كارخانا باشقۇرۇشتىكى ھەرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى كارخانا ياكى كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىكى قىممەت قارىشىدۇر.

ئۇنداقتا، كارخانا مەدەنىيىتى ھەققىدە قانداق قاراشقا مەۋجۇت؟ ئۇلارنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

#p#

كارخانا مەدەنىيىتى ئۇقۇمى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار
كارخانا مەدەنىيىتى ئۇقۇمى ھەققىدە، نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلار بار.
1. ئامېرىكىلىق جون پ.كوتتېر (John P. Kotter) ۋە جامېس ل.ھېسكېت(James L. Heskett) كارخانا مەدەنىيىتى بىر كارخانىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەر، ھېچ بولمىغاندا كارخانىنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى ئورتاق ئىگە بولغان كارخانىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تىجارەت ئەمەلىيىتىدۇر... كارخانىدىكى بىر قىسىم بۆلۈملەرنىڭ ھەر قايسى فونكىسىيەلىك تارماق ياكى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىكى بۆلۈملەر ئىگە بولغان ئوخشاش بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر دەپ قارايدۇ.

2. تېررېنس.دىئال(Terrence E. Deal) ۋە  ئالەن.كېننېدى(Allan A.Kennedy) كارخانا مەدەنىيىتى بولسا بىر قىممەت قاراش، قەھرىمان شەخس، ئۆرپ-ئادەت مۇراسىمى، مەدەنىيەت تورى، كارخانا مۇھىتى قاتارلىقلاردۇر دەپ قارايدۇ.

3. ۋىلىئام ئولچى(William Ouchi) كارخانا مەدەنىيىتى "ئالغا ئىنتىلىش، مۇداپىئەدە تۇرۇش، جانلىقلىق—ھەرىكەت، پىكىر، ھەرىكەتنى بەلگىلەيدىغان ئەندىزە قىممەت قارىشى دەپ قارايدۇ.

4. كارخانا مەدەنىيىتى بىر خىل يېڭى بولغان ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇش نەزەرىيەسى بولۇپ، كارخانا بازارغا ھەقىقىي قەدەم باسقاندا، بىر تەرەققىياتى تېز، ئۈنۈمى ياخشى، ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىشتىكى يول بولۇپ، چوقۇم ئومۇملاشتۇرۇلغان ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدۇر.

5. كارخانا مەدەنىيىتىنى كەڭ ۋە تار ئىككى خىل مەنىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. كەڭ مەنىدىكى كارخانا مەدەنىيىتى دېگىنىمىز كارخانا ياراتقان ئۆزىگە خاس بولغان ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ؛ تار مەنىدىكى كارخانا مەدەنىيىتى دېگىنىمىز كارخانا شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى مەقسىتى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى.
#p#

6. كارخانا مەدەنىيىتى ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ھازىرقى زامان ئېڭىنىڭ كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىنكاسى ۋە ئىپادىسى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ھازىرقى زامان ئېڭىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن كارخانا خاسلىقى ۋە ئاۋام ئېڭى شۇنداقلا بۇ خىل ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن ھەرىكەت مىزانى.

7. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان تونۇشى ۋە پوزىتسىيەسى.

8. (1) كارخانا مەدەنىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۆلچەم.
(2) كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا ئىخلاس قىلىدىغان قىممەت قارىشى بولۇپ، بۇ بىر خىل مەنىسى چوڭقۇر  قىممەت قارىشى، رىۋايەت، قەھرىمان كىشىلەرنىڭ بەلگىسىنىڭ يىغىندىسى.
(3) كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەر ۋە خېرىدارلارغا تۇتقان تەدبىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى.
(4) كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى رىقابەت پرىنسىپى، يېڭى خىزمەتچىلەر شىركەتكە قوبۇل قىلىنغاندا چوقۇم ئىگەللەشكە تېگىشلىك «ئىچكى قائىدە» .
(5) كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئوبيېكت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئارقىلىق يەتكۈزگەن ھېس-تۇيغۇ ياكى كەيپىيات شۇنداقلا كارخانا ئەزالىرىنىڭ خېرىدارلار ياكى سىرتقى ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئۇسۇلى.
(6)  كارخانا مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىي كەيپىيات تەشكىل قىلغان شىركەت مەدەنىيىتى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرىلەش، مۇداپىئە ياكى جانلىق بولۇش—بۇ خىل قىممەت قارىشى شىركەت خادىملىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى، پىكرى ۋە ئىش- ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرىدۇ.  باشقۇرغۇچى خادىملار ئۆزى يېتەكچىلىك رولىنى ئۆتەپ، بۇ خىل ئۆلچەمنى خادىملارغا سىڭدۈرىدۇ ۋە كىينكىلەرگە مىراس قالدۇرىدۇ.
(7) كارخانا مەدەنىيىتى دېگىنىمىز بىر كارخانىنىڭ ئىچىدە شەكىللەنگەن مەلۇم مەدەنىيەت ئۇقۇمى ۋە تارىخىي ئەنئەنە، ئورتاق بولغان قىممەت ئۆلچىمى، ئەخلاق مىزانى ۋە تۇرمۇش ئۇچۇرى بولۇپ، ھەرخىل ئىچكى كۈچلەرنى ئورتاق بولغان يىتەكچى ئىدىيە ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى ئاستىدا بىر ئورتاق يۆنىلىشكە توپلايدۇ.
(8) كارخانا مەدەنىيىتى ئىقتىساد ئەھمىيىتى ۋە مەدەنىيەت ئەھمىيىتىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، كارخانا ساھەسىدە شەكىللەنگەن قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ كىشىلەر توپى ۋە جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىدۇر. بۇ بىلىم سەۋىيەسى ئەمەس بەلكى بىلىمگە بولغان پوزىتسىيەسى؛ پايدا ئەمەس بەلكى پايدىغا بولغان پىسخىكىسى؛ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەمەس بەلكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرگەن جاھاندارچىلىقتىكى پەلسەپىدۇر. كارخانا مەدەنىيىتى شۇ كارخانىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇ كارخانا گۈزەل ئەخلاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدۇر.
(9) كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا تەشكىلىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئاساسىي قىممەت قارىشى ۋە كارخانا ئىچى- سىرتىدىكى مۇھىتقا بولغان ئاساسىي كۆز قارىشى بولۇپ، كارخانىنىڭ بارلىق خادىملىرى ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ۋە ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە قىممەت قارىشى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەلسەپىۋى ئۇقۇم.
(10) كارخانا مەدەنىيىتى مەلۇم ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىت ئاستىدا، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن شۇ كارخانا خاسلىقى بولغان مەنىۋىي بايلىق ۋە ماددىي ھاسىلات. بۇ مەدەنىيەت ئۇقۇمى، قىممەت قارىشى، كارخانا روھى، ئەخلاق مىزانى، ھەرىكەت ئۆلچىمى، تارىخىي ئەنئەنە، كارخانا تۈزۈمى. مەدەنىيەت مۇھىتى، كارخانا مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قىممەت قارىشى مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ.
#p#

كارخانا مەدەنىيىتى نەزەرىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى
80- يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئامىرىكا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى تېررېنس.دىئال(Terrence E. Deal) ۋە جامېس ئومكېنسىي (James O'McKensey) مەسلىھەت بىرىش شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالەن.كېننېدى(Allan A.Kennedy) ئۇزۇن يىللىق كارخانا باشقۇرۇش تەتقىقات جەريانىدا نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئۇلار 6 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 80 كارخانىغا قارىتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «كارخانا مەدەنىيىتى-كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدىلەر» ناملىق  بۇ كىتاب 1981-يىلى 7-ئايدا نەشردىن چىققاندىن كېيىن باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قالدى. كېيىن يەنە شۇ ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىكى تەسىرى زور 10 باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت كىتابنىڭ بىرسى بولۇپ باھالىنىپ، كارخانا مەدەنىيىتىنى بايان قىلىشتىكى داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن مىسال ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان كارخانىنىڭ كۈچلۈك كارخانا مەدەنىيىتى بولىدۇ، يەنى بارلىق خادىملار ئورتاق رىئايە قىلىدىغان، ئەمما بۇ دائىم تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ يازمىچە ھەرىكەت ئۆلچىمى ئەمەس؛ ھەم بۇ خىل قىممەت قارىشىنى كۈچەيتىدىغان ھەرخىل يوسۇندىكى مۇراسىم ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر بولىدۇ. دەل كارخانا مەدەنىيىتى—بۇ ھەم تېخنىكىلىق ھەم ئىقتىسادىي بولمىغان ئامىل قارارلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. كارخانىدىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش- قالدۇرۇش، كىچىك بولغاندا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، كىيىنىشى، قىزىقىشى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. باشقا شەرتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئىككى كارخانىدا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى سەۋەبلىك كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئامىللىرى:
تېررېنس.دىئال(Terrence E. Deal) ۋە ئالەن.كېننېدى(Allan A.Kennedy) كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق نەزەرىيە سىستېمىسىنى 5 ئامىلغا يىغىنچاقلىغان. بۇلار كارخانا مۇھىتى، قىممەت قارىشى، قەھرىمان شەخسلەر، مەدەنىيەت يوسۇنى ۋە مەدەنىيەت تورىدۇر.
كارخانا مۇھىتى دېگىنىمىز كارخانىنىڭ خۇسۇسىيىتى، تىجارەت يۆنىلىشى، سىرتقى مۇھىت، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازى، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دائىم كارخانىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ.
قىممەت قارىشى دېگىنىمىز كارخانا خادىملىرىنىڭ مەلۇم ئىش ياكى مەلۇم ھەرىكەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى، خەيرلىك ياكى رەزىللىكى، توغرا-خاتالىقى، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارغا بولغان بىردەك تونۇشى. قىممەت قارىشى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى، بىرلىككە كەلگەن قىممەت قارىشى كارخانا خادىملىرىنىڭ ئۆز ئىش-ھەرىكىتىگە ھۆكۈم قىلىشىدىكى ئورتاق ئۆلچەم بولىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى تاللايدۇ.
قەھرىمان شەخسلەر دېگىنىمىز كارخانا مەدەنىيىتىدىكى يادرولۇق شەخسنى ياكى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئادىمىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تىرىك ئۆرنەك بولۇپ، كارخانىدىكى باشقا خادىملارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ كۈچىيىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەدەنىيەت يوسۇنى دېگىنىمىز كارخانىدىكى ھەرخىل تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرى، يىغىلىشلار ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كارخانىدا يۈز بەرگەن بەزى ئىشلارنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ ۋە ئوبرازلاشتۇرۇپ، شۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كىشىلەرنى مۇشۇ جانلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، كارخانا مەدەنىيىتىنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدۇ.
مەدەنىيەت تورى دېگىنىمىز بىرەسمىي بولغان ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىدۇر، ئاساسلىق مەدەنىيەت ئۇچۇرىنى تارقىتىدۇ. ئۇ بىرەسمىي تەشكىل ۋە كىشىلەر توپى ۋە مەلۇم ئالاھىدە سورۇندىن ھاسىل بولغان. ئۇ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلار دائىم خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە پىسخىكىلىق ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى