ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇرمۇشىڭىز مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

تۇرمۇشىڭىز مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

ۋاقتى: 2015-12-23 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىڭ» بۇ يەردە!

 

 تۇرمۇشىڭىز مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

 

مۇھەببەت — ئىنسانلارنىڭ غايىگە ئىنتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ، كەلگۈسىگە تەلپۈنىشىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى. قانچىلىغان قەلب باغچىسى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشى بولمىغانلىقتىن قاقاسلىشىپ كېتىدۇ، شىپالىق يامغۇردەك مۇھەببەت قانچىلىغان پايدا – مەنپەئەت بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئازار يېگەن قەلبلەرگە تەسللى بېرىپ ۋە ئۇنى ئىللىتىپ، ئۆچەي دەپ پىلىلداپ قالغان ئۈمىد شامىنى قايتا ياقىدۇ.


بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تۇرمۇشتا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز، دوست – بۇرادەرلىرىمىز، ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىمىزنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئىللىق مېھىر – شەپقىتى بىزنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ – ئارمانغا تولدۇرىدۇ، كەلگۈسىگە تەلپۈندۈرىدۇ. پېشكەلچىلىككە ئۇچراپ قالساق، تاشلىۋەتمەيدۇ، ئازار يەپ قالساق ھالىمىزغا يېتىدۇ، كۈلسەك تەڭ كۈلۈشۈپ بېرىدۇ. مانا بۇلار ئادەمگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى، تۇرمۇشنىڭ شېرىنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ، مۇھەببەت بولمىغان دۇنيادا ياشاشنى خالايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.
ھالبۇكى، بىز دائىم: «مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا نەدىمۇ مېھىر – مۇھەببەت بولسۇن؟ كىچىكىمدىن تارتىپ ھېچكىم مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ساۋابلىق ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتسام ھېچكىمنىڭ كارى يوق، سەل – پەل سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسام تەرەپ – تەرەپتىن تاپا قىلىشىدۇ. دوستلىرىم مەندىن پايدىلىنىشنىلا بىلىدۇ، خوتۇنۇممۇ يارىماس دەپ تىللايدۇ. ماڭا كۆيۈنىدىغان چوڭ ئاناممۇ بالدۇرلا باقىي ئالەمگە كەتتى، بۇنداق ياشاشتىن جاق تويدۇم!» دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق تۇرمۇشتا مېھىر – مۇھەببەتنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن بىر بەختسىزلىك. مۇشۇنداق ئاھ ئۇرۇۋاتقان دوستلار: «مەن باشقىلارنىڭ جەزملەشتۈرۈشىگە ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئىنتايىن ئازاب ھېس قىلىۋاتامدىمەن، چۈشكۈنلىشىۋاتامدىمەن – قانداق؟ مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن بىر چاغدا تۇرمۇشقا ئۆز مۇھەببىتىمنى ئاتا قىلالىدىممۇ – يوق؟» دېگەنلەرنى ئەسلەپ باقسا بولارمۇ – بولماسمۇ؟


ئىلگىرى موتسىكىلىت چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بىر كىشى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى ۋە تۇرمۇشنىڭ زەربىسى تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ، ھەرقانداق ئادەم ۋە ئىشقا تەرسالىق قىلىدىغان شەخسىيەتچى بولۇۋاپتۇ. كېيىنچە، ئۇ بىر ساقايماس كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان بىر ئوغۇل بالا ۋە ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، قەيسەر ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەزرائىل ئالدىدىكى ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادىسى ۋە ئۆزى غايەت زور بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندىمۇ باشقىلارغا سەمىمىي، شەخسىيەتسىز ھالدا غەمخورلۇق قىلىش پەزىلىتى تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىدىن مەھرۇم قالغان ھېلىقى ئەزىمەتنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن روھىلىنىپ، ئۆز – ئۆزىنى قامال قىلىۋالغان تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ قىزغىن مۇھەببىتىنى بايىقى سۆيۈملۈك ئانا – بالىغا تەقدىم قىپتۇ ھەمدە مۇسابىقە مەيدانىغا يەنە قايتىپ كېلىپ، چېمپىيونلۇقنى تارتىۋاپتۇ، ئاخىرىدا ھەقىقىي مۇھەببەتكە ۋە ئىللىق ئائىلىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ پاسسىپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەختكە ئېرىشەلمىگەن. ئۈمىدكە تولغان يېڭى تۇرمۇش ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭغا كۈلۈپ قۇچاق ئاچقان. ھالبۇكى، ئەسلىدىنلا بەختسىز بولۇپ قالغان ئانا – بالا تۇرمۇشنىڭ ئادالەتسىزلىكى سەۋەبلىك تەڭرىدىنمۇ، كىشىلەردىنمۇ ئاغرىنىپ يۈرمىگەن، تۇرمۇشنى ئاۋۋالقىدەكلا قىزغىن سۆيگەن، باشقىلارنى سۆيگەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكى ئىچىدە تۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىگەن — تۇرمۇشمۇ ئۇلارغا ئىللىق جاۋاب قايتۇرغان. شۇنىڭدىن بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، تۇرمۇشۇم مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن دېسەك، باشقىلارنىڭ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، بەلكى ئۆزىمىز ئىزدىنىش، تەقدىم قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ھەرىكىتىمىز باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىدىغان ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.



باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن نىشاننىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قىسقا ئارىلىق — مەقسەت. تۇرمۇشۇم مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن دېسەك، مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلايدىغان قىزغىنلىقنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك. دوستانە ۋە ئىناق پوزىتسىيەمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە دوستلۇق مۇھەببىتىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىپادىلەش ئارزۇيىمىز بۇ نىشانغا يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.


 شۈبھىسىزكى، تۇرمۇشتىكى خىلمۇخىل كۆڭۈلسىزلىكلەر سىزنى بىسەرەمجان قىلىپ قويىدۇ، سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا مېھىر – مۇھەببەتنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىسىز. بۇنداق ئاغرىنىشلار قايتا پەيدا بولغاندا، بۇ تەجرىبىنى سىناپ بېقىپ، تاشقى دۇنيانى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ تۇرۇڭ. باشقىلارنىمۇ ئۇنتۇپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭىزنىلا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: ئۆزىڭىز ئېرىشىشنى خىيال قىلغاندىنمۇ كۆپ مېھىر – مۇھەببەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىز ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا باشقىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ساۋابلىق ئىش قىلالىدىڭىزمۇ؟ بۇ ساۋابلىق ئىشلىرىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى ئاۋامغا، سىز ئەرزىمەس دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرالىدىڭىزمۇ؟


تېخىمۇ يۈكسەك مېھىر – مۇھەببەت ئۈچۈن قوينىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ئۆزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بېرىش ئۈچۈن بېغىشلاڭ. ئاشۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىز تەشنا بولغان مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمىنى باسقان بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇ يەنە سىزنى بەزى ھەقىقىي قىممىتى بار نەرسىلەرنى بايقاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بەرگىنىڭىز قانچىلىك بولسا، ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇنچىلىك بولىدۇ. تىرىشىڭ، مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئادەم بولۇش قولىڭىزدىن كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەمدىمەن – ئېرىشەلمەمدىمەن دېگەننى بەك كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ. بۇنىڭغا سىز ئۇنداق ياكى مۇنداق دېيەلمەيسىز. ئاخىرىدا، سىز تۇرمۇشنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىرمۇ سىزگە ئېچىلىدۇ — ئەسلىدە مېھىر – مۇھەببەت ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەن.
--------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى