ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى

تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-02-21 ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ. كارخانىلار قوللانغان ئۇسۇللارمۇ ئوخشاش ئەمەس. لېكىن نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللاردا مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىك بايقالدى: بەزى ئىنتايىن ياخشى دەپ قارالغان تەمىنلەش زەنجىرىدە قارىماققا خاتا بولغان تاكتىكا قوللىنىلغان (يەنى ئۈلگىلىك مىسالدا قوللىنىلغان تاكتىكا قوللىنىلمىغان). مەسىلەن: ZARA، DELL قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەقىقەتەن ياخشى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش تاكتىكىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئىنتايىن قىيىن. 
 
تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش

شۇڭلاشقا پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەتقىق قىلىش نوقۇل باشقىلارنىڭ  تەمىنلەش زەنجىرىدىن پايدىلانغاندىن كۆپ  ياخشى. چۈنكى ھەر بىر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرى كارخانىنىڭ رېتسىپى بولغانىكەن، ئوخشاش بولمىغان كارخانىنىڭ رېتسىپى ئوخشاش بولمايدۇ. 
#p#
مەسىلەن بىر كارخانا A جەھەتتە كۈچلۈك، B جەھەتتە ئاجىز بولسا، بۇ كارخانىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى A جەھەتتە ئاجىز، B جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەگەر ئىنچىكە ئانالىز قىلماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە، بىر كومپيۇتېردا ياخشى ئىشلەۋاتقان يۇمشاق دېتال يەنە بىر كومپيۇتېردا ۋىرۇسقا ئايلىنىپ  قالغانغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىر كارخانىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. تەمىنلەش زەنجىرى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولماسلىقى كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچىنى كۆچۈرگىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى. 
 
تۆۋەندە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئىشلەتكەن بىر نەچچە مىسالنى تونۇشتۇرىمىز:
 
(1) تويوتا (TOYOTA)، نايىك (Nike)، نىسسان (Nissan)، ماكدونالدس (McDonald's) ۋە ئالما (Apple) قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تورسىمان قىلىپ قۇرۇلغان.
(2) شەل نېفېتى (Shell Petroleum)، IBM نىڭ Lotus Notes ئارقىلىق SIMON (ئامبار باشقۇرۇش سىستېمىسى) ناملىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇپ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرغان. 
(3) لى فاڭ (Li and Fung)نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى بارلىق تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش. 
(4) HP پىرىنتىرى ۋە تويوتا (TOYOTA)، ماككىنسېي (McKinsey)دىن مەسلىھەت ئېلىش ئارقىلىق تەمىنلىگۈچى ۋە ساتقۇچى سودىگەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىپ تىجارەت تەننەرخىنى ئازايتقان ھەمدە خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغان. 
(5) باۋ جىې (Procter & Gamble)  باۋگۇڭ (宝供) مال ئوبوروت شىركىتى ئارقىلىق تۈرگە ئايرىش ئۈسۇلىنى قوللىنىپ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلىشىپ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتۇرغان. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى