ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار

ۋاقتى: 2016-09-21 ئاۋاتلىقى: 1318 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋاقىتتىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغانلار . ئىلىم-پەن پىشىۋاسى ئېينىشتىيىن: «كىشىلەردىكى پەرق ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا» دېگەنىدى . ئاپتوموبىل سېتىش پىشىۋاسى جوۋ گىرراردنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلانغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ . گىرارد: «مەن ئۆز ئۇسۇلۇمدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دېگەن . ئۇنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى دەل ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش-مەيلى قانداق ئۇرۇن، قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئۆزىنى «بازاغا سېلىش»، ھەتتا تاماق يەپ پۇل تۆلەۋاتقان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتىمۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ جوۋ گىررارد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك .
 

كىتاب ئۇقۇيدىغانلار. بىلىم-مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەلەمپىيى. بىلىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى-كىتاب ئۇقۇش . 3-خىل قان ھۈجەيرىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان كانادالىق مېدىتسىنا ئالىمى ئوسېل ئالدىراش خىزمەت جەريانىدا كىتاب ئۇقۇشقا ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم 15 مىنۇت كىتاب ئۇقۇشتىن ئىبارەت قائىدە بەلگىلىگەن ھەمدە بۇ قائىدىگە توپتوغرا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئەمەل قىلغان . جەمئىي 782350000 خەت، 1098 پارچە كىتاب ئۇقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىغا ئايلانغان . شاڭگاڭلىق لى جياچېڭ ئەپەندىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئۇنىڭ مىنۇت-سېكىنۇتنى قولدىن بەرمەي كىتاب ئۇقۇغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
كەسىپنى قەدىرلەيدىغانلار. كەسىپنى قەدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-قىممەت يارىتىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى . ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى سۆيمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا قىلچە قىزىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ پائال تۆھپە قوشالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن . كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كەسىپنى قەدىرلەش-شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپنى سۆيۈش، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. دائىم شاختىن-شاخقا سەكرەپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ كەسىپنى قەدىرلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشمۇ قىيىن .
#p#
مۇستەقىل قاراشقا ئىگىلەر . ھەممە ئىشتا يوليورۇق سورايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىجادكارلىق ئېڭى كەمچىل بولىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرەر ئىجادىي ئىشىنى قىلالىشىمۇ تەس. ئىگىلىك تىكلەش ياكى تىجارەت قىلىشتا مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولغان، قارار قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشىلەرلا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن .
مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىنى سەگەك تۇتالايدىغانلار. ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈرەش مۇساپىسىدە بەزىدە مۇۋەپپەقىيەتمۇ بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت-ئىشلىرىمىزدىكى تۇنجى قەدەم . ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە مۇۋەپپەقىيىتىدىن مەستخۇش بولۇپ، ھەتتا كاللىسى قىزىىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ .
مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىنى سەگەك تۇتالايدىغان كىشىلەرلا ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ .
باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە تەنقىدىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالالايدىغانلار . بىر ئادەمنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل پاراسىتى بەرىبىر چەكلىك بولىدۇ. باشقىلارنىڭ پىكىر، تەكلىپ، ھەتتا تەنقىدلىرىگە داۋاملىق قۇلاق سېلىپ تۇرۇش كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا پايدىلىق .
ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلار. ئۆزىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر دەل ئۆزىنى بىلىدىغان دانا كىشىلەردىن ئىبارەت. ئۆزىگە ئوبېكتىپ باھا بېرىش، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، نېمە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلىش، ئۆزىنىڭ قابىلىيەت تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىقلىرىنى ۋە پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىنى تۇنۇش، ئۆز ئاجىزلىقىنىمۇ بىلىش، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، چامى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلماسلىق-مانا بۇلارمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .
ئاخىرقى بىر مىنۇتقىچىمۇ بەل قويۇۋەتمەيدىغانلار. بۇ ئەڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماق تەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپكارى ئاخىرقى مىنۇتقىچە چىڭ تۇرالماسلىقتا . «شالغاتلاشتۇرۇلغان شال ئاتىسى» دەپ نام ئالغان يۈەن لۇڭپىڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى ئاچقۇچ-ئۇنىڭ بوشاشماي چىڭ تۇرۇشتەك چىدامچانلىقىدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرغانلىقىدا ..
(ئاپتور شىنجاڭ مالىيە ئىنىستىتۇتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى