ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--- پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--- پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)

ۋاقتى: 2016-06-14 ئاۋاتلىقى: 542 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەخىردىن قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر شايا ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن. 1996-يىلدىن 7-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
 


1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى» نى قۇرغان. 2000-يىلى 3-ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS موھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پرگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن 2000-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخىت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى، CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8 بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، 3D كۆرۈم ئېغغىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
پەخىردىن قارلۇق-قارلۇق مىدېىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 3D تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى