ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەن-تېخنىكىغا يوشۇرۇنغان ساغلاملىق

پەن-تېخنىكىغا يوشۇرۇنغان ساغلاملىق

ۋاقتى: 2016-05-18 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەن-تېخنىكىغا يوشۇرۇنغان ساغلاملىق
 
ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت

دوستۇم، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قېرىش ھاياتتىكى زۆرۈر دەرسلىك، تەجرىبىلىك بولۇش تاللانما دەرسلىك. سىز بۇ دەرسلىكلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئۆگىنىڭ. ھاياتلىق گويا سەھنىگە ئوخشايدۇ. ئادەملەر بۇ سەھنىدە خۇشاللىق ۋە قايغۇ، يىغا بىلەن كۈلكە، ساختىلىق بىلەن چىنلىق مۇجەسسەملەنگەن ھەرخىل روللاردا پەيدا بولىدۇ. ئالغان رولىڭىزنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىگە سىز ئەمەس ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر باھا بېرىدۇ.
--- نۇرمەلىكەم قاۋۇل
يۇقىرىدىكى قىسقىغىنە بىر ئابزاس مەزمۇن بىزگە ھاياتلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش پۇرسىتى، تەپەككۇر قىلىش ئىلھامى بېرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھاياتلىقنىڭ خۇشاللىقى ھەم قايغۇسى مەسىلىسىدە تەن ساقلىقى مۇھىم بىر ئامىل بولسا كېرەك. بىزدە «تەن ساقلىق -- زور بايلىق» دەيدىغان تەمسىل بار، ئەمما بۇ سۆزنىڭ تېگىگە ھەقىقىي يەتكەن ۋە يېتەلىگەنلەر زادى قانچىلىك؟ تېنىمىز ساقلا بولىدىكەن، بىز ھاياتلىقتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تاپالىشىمىز مۇمكىن، ئەمما تەن ساق بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىقتىن خۇشاللىق ئىزدەش مۇمكىن ئەمەس ھەم بىزنىڭمۇ بۇنداق قىلالىشىمىز ناتايىن. ھەر بىر ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن، ئۇ ھەر ۋاقىت ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن.
ھايات ھەركىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بىر  پۇرسەت. گەرچە ھەر بىرىمىز نۇرغۇن غەملەر ئارىسىدا تىڭىرقاپ يۈرسەكمۇ، ئاھ ئۇرساقمۇ، ئەمما ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، غەملەر ھامان تۈگەيدۇ، قېيىنچىلىقلارمۇ ھەل بولىدۇ، باھار كەلسە، قارلار ئېرىپ گۈللەر يەنە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، ھايات يەنىلا شۇ قەدەر گۈزەل، شۇ قەدەر سۆيۈملۈك،  ئۇنى قەدىرلىمەسلىككە، ئۇنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماسلىققا ھېچقايسىمىزنىڭ باھانىسى يوق.
بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىقىمىزغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللاردىن بىز ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
مۇھىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزدا مۇھىت بۇلغانمىلىرى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. يەرشارى خاراكتېرلىق ھاۋا ئىسسىپ كېتىش تۈپەيلى ئەسلىدىنلا بار بولغان مۇھىت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ياز كۈنلىرىدىكى زىيادە ئىسسىپ كېتىش، قىش كۈنلىرىدىكى زىيادە سوغۇق بولۇشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، مۇھىتنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى مەيلى زىيادە ئىسسىقلىق بولسۇن ياكى زىيادە سوغۇقلۇق بولسۇن، تەدرىجىي ھالدا بەدىنىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ھالقىپ، ساغلاملىق جەھەتتىكى ھەر خىل تەن ساقسىزلىق ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
تومۇز ئىسسىق ۋە قەھرىتان سوغۇقنىڭ دەردىنى ھېس قىلىپ يەتكۈچىنىڭ ئېڭىدا شۇئان شۇنداق بىر ئېھتىياج تۇغۇلىدۇكى، تومۇز ئىسسىقتا سالقىنلىقنى، قەھرىتان سوغۇقتا ئىسسىقلىقنى خالاشتەك فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياج تەبئىي پەيدا بولىدۇ. ئەمما ئىقتىسادنىڭ كۈنسېرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ ھاسىلاتلىرىدىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشى ياخشىلانماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئاخىرى بىزگە يېتىپ كەلگىنى تومۇز ئىسسىقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى شۇنىڭدەك قەھرىتان سوغۇقنىڭمۇ زىيادە كۈچلۈك بولۇشىدەك رىئاللىقتىنلا ئىبارەت بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ «تومۇزدا سالقىنلىققا ئىنتىلىش، قەھرىتاندا ئىسسىققا مۇھتاج بولۇش»تەك ئېھتىياجىمىز پەقەت چۈش كەبى قېلىۋاتىدۇ.

ھاياتتىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، كەم بولسا بولمايدىغان بىر تېما ساغلاملىق. تەن ساغلام بولمايدىكەن، ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ خۇشاللىقى، ئارزۇ ئارمانلىرى، ئائىلە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ شاتلىقى تۇماندەك تاراپ، ئورنىنى ئەنسىرەش، غەم قايغۇلار ئالىدۇ.  ئەلۋەتتە، تەقدىر قىلىنغان ئىشنى ئىنسان دەپئىي قىلىشقا قادىر بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى ئاسراشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيتىنىڭ بارلىقىنى شۇ كىشى ئەلۋەتتە تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى.
ھايات تىمىسىدا، كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر تېما بار، ئۇ بولسىمۇ پەن-تېخنىكا! ئىنسانىيەت ھاياتىدا پەن تېخنىكا ئىزچىل ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى، ھەر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك پەن تېخنىكا گاھ قاتناش، سەھىيە، مائارىپ ۋە باشقا ساھالەردە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلسە، گاھ جەڭ مەيدانلىرىدىكى رەھىمسىزلىكلەر، بۇلغانغان مۇھىت، ئىس-تۈتەكلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر داغلارنى قالدۇرماقتا.
ھەر قانداق بىر شەيئى ئاخىرى بىزگە ئىككى خىل تەسىر بېرىدۇ. بىرى ئىجابىي (ياخشى) تەرەپتىن، يەنە بىرى سەلبى (يامان) تەرەپتىن بولىدۇ. بۇ خۇددى پىچاقتىن ئىبارەت بۇ شەيئىدىن ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا پايدىلىنىشىدەكلا ئىش.
پىچاق ئەسلىدىنلا بىر شەيئى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىشلەتكۈچىنىڭ قانداق مۇددىئادا ئىشلىتىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى جىنايەتچى پىچاق ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈشى، ۋەقە تۇغدۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاشپەز بولسا پىچاق ئارقىلىق ئەڭ ئېسىل، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل نەتىجە تامامەن ئوخشاش بولمىغان نەتىجە بولسىمۇ، ئەمما پىچاقتىن ئىبارەت بۇ شەيئىنىڭ خاراكتېرى، ماھىيىتى ئۆزگەرمىگەن، پەقەت ئۇنى ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش پەن-تېخنىكىمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ھەم نۇرغۇن سەلبى تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. يەنى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن كىشىلەر ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى كەشىپ قىلىپ بىزنىڭ توكقا بولغان ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا كۆيدۈرۈلىۋاتقان ھەددىدىن زىيادە كۆمۈر ئاخىرى بېرىپ بىزنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنى بۇلغىماقتا.
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ مېڭىشى ھاياتلىقلىقىمىزدا بىزنى ھەر خىل قايغۇ-ھەسرەت (تومۇزدىكى ئىسسىق ھەسرىتى ۋە قەھرىتاندىكى سوغۇق ئازابى)غا مۇپتىلا قىلماقتا. تۇرمۇشىمىز ئەندىشە ئىچىدە ھەر ۋاقىت خەۋپكە يۈزلەنمەكتە.
ئۇنداقتا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق ئەندىشە ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟ ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ئەندىشە بىزنى تۈگەشتۈرىۋېتەمدۇ؟... ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. بىز ئۇنچە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ.
ھاياتلىقتا تىرىشماي، يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك ئەقىل ئىگىسى بولغۇچى ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكىدۇر. ھاياتلىق ياراتقۇچى بەندىسىگە ئاتا قىلغان نېئمەت، شۇڭا ياراتقۇچى بىزنى ئەقىل-ھوشىمىز ۋە ساغلام جىسمانىيىتىمىز بىلەن ياراتقان ئىكەن، بىز شۇ ئەقىل ۋە ئىدراكىمىزنى ئىشلىتىپ تۇرمۇش ئەندىشىلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ياراتقۇچىنىڭ نېئمىتىنى ياخشى قەدىرلەپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

بىزنىڭ خەلقىمىز بۇرۇندىنلا ئەقلى-ئىدراكتا تاكامموللۇققا يەتكەن خەلق. تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، مۇتەپەككۇرلارنىڭ قۇتادغۇبىلىك، تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەندەك نادىر ئۆلمەس ئەسەرلىرى دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا. خەلقىمىز ھېلى ھەممۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى ئىشلىتىپ، نادىر كەشپىياتلارنى يارىتىپ، خەلقىمىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتىدۇ.
خوش ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا بىزنىڭ قەھرىتان سوغۇقتىكى ئىسسىققا بولغان مۇھتاجلىقىمىز ۋە تومۇز ئىسسىقتىكى راھەتلىك ئۇيقۇنىڭ كاپالىتىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىمىزنىڭ داۋاسى بارمۇ؟ خەلقىمىزدە بۇنىڭ داۋاسى تېپىلدىمۇ ياكى بىز يەنىلا قاراڭغۇدىن يۇرۇققا تەلمۈرگەندەك مۇشۇنداق بىر داۋانىڭ بالدۇرراق ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمىزمۇ؟ ... ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تىرىشچان، ئىزدىنىشچان ۋە ئىجتىھاتلىق قېرىنداشلىرىمىز ئاللىبۇرۇن بۇ داۋانى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. پەقەت سىز، ئۇ ۋە مەن بىلمەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىمىزلا رىئاللىق خالاس.
قەھرىتان قىشتىكى رېماتىزىم، ساختا رېماتىزىم، پۇت-قول مۇزلاش، بەدەندىكى مىكرو قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق (سوغۇقلۇق دەستىدىن قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش) شۇنىڭدەك تومۇز ئىسسىقتىكى كۆپ تەرلەش، كۆپ چۈش كۆرۈش (ئۇيقۇ راھەت بولماسلىق)، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار تۇرمۇش راھەتسىزلىكىنىڭ داۋاسى بولغان ۋولقان ئىسسىقلىق ساقلاش ساغلاملىق توك كۆرپىلىرى بۇرۇنلا بىزنىڭ جاپاكەش، تىرىشچان، ئىجتىھاتچان قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىپ، ئۇچۇرغا سەزگۈر بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ناھايىتى راھەت تۇرمۇشتىن بەھرىمان قىلماقتا.



ۋولقان ئىسسىقلىق ساقلاش توك كۆرپىلىرى

ۋولقان ئىسسىقلىق ساقلاش توك كۆرپىلىرى ناھايىتى بىخەتەر بولۇش بىلەن بىرگە ساپ تۆگە يۇڭى ۋە قوي يۇڭىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بەدەنگە ئەكىس تەسىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ قىزىق تېما بولىۋاتقان يېشىل مەھسۇلات تىپىغا چۈشۈپ، راھەتلىك ئۇيقۇنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ قالماقتا.

گەرچە ئوت ماكانى ھېسابلانغان تۇرپان دىيارىدىن شور تۇز كاڭ كارىۋىتىنىڭ كەشپىياتچىسى رېھىم كېرەم ئەپەندى 2010-يىلى توكتا قىزىيدىغان شور كاڭنى كەشىپ قىلىپ خەلقىمىزگە سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما شور تۇز كاڭىنى ئېلىپ يۈرۈش نىسبەتەن ئەپسىز بولۇپ، ئىزدىنىشچان، ئىجتىھاتلىق كەشپىياتچى، ياش كارخانىچى ئەلى جاپپار بۇ جەھەتتىكى قولايسىزلىقنى ھەل قىلىپ، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايدا سېلىپلا يېتىشقا ۋە قاتلاپ يىغىپلا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ۋولقان ئىسسىقلىق ساقلاش توك كۆرپىلىرىنى كەشىپ قىلىپ تاۋارلاشتۇرۇپ بازارغا سالدى. پاكىزە، بىخەتەر، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ئىشلىتىش ئاسان، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن ساقلاشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.
ۋولقان مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى شىركەت تور بېكىتىدىن ياكى ئۇندىدار سۇپىسىدىن بىلىۋېلىڭ!
تور بېكەت ئادرېسى: www.wolqan.cn
ئۈنىدار سۇپىسى: wolqantunur
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 18999995848
ياراتقۇچىنىڭ ئاتا قىلغان ئەقىل-ئىدراكى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشچانلىقىغا تايانغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ خىل تەبئىي، بىخەتەر، يېشىل بولغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ، ئۇيقۇ راھەتلىكىنى قوغلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان، ئىزدىنىشچان قېرىنداشلىرىمىزلا بولىدىكەن، تۇرمۇشتىن زىيادە ئۈمىدسىزلىنىش بىزگە ياراشمايدۇ. بىز ھەر ۋاقىت تۇرمۇشقا  تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ھاياتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، خۇشال ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز، ساغلاملىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
سالامەتلىكىڭىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگۈچى يەنىلا ئۆزىڭىزدۇر!
ئاخىرىدا يازمامنى تۆۋەندە مەلۇم بىر تورداشنىڭ مۇنۇ بىر كۇبلىت شېئىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
قايغۇ-ھەسرەت ھەر ۋاقىت خوشاللىقنىڭ دۈشمىنى،
تەن بەرسەڭلا ھەر ۋاقىت يوقىتىسەن ئۆزۈڭنى.
ئەتراپىڭدا ھەر ۋاقىت سېنى ئەگىپ يۇرىيدۇ،
ياشلىمىسۈن ھوشيار بول يوغان ئاچقىن كۆزۈڭنى.
---مەزكۇر شېئىرنىڭ ئاپتۇرى: ئارمانى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى