ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ 22 تۈرلۈك ھەربىي قائىدە-نىزامى

چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ 22 تۈرلۈك ھەربىي قائىدە-نىزامى

ۋاقتى: 2015-08-02 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ 22 تۈرلۈك ھەربىي قائىدە-نىزامى 

ئىنىستىتۇتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتى لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ئىئانە قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ رەسمىي تەستىقىدىن ئۆتكەن، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولغان پايدىنى كۆزلىمەيدىغان مائارىپ ئاپپاراتى، خەلقئارالىق مائارىپنى باشقۇرۇش بىرلەشمىسى(AACSB) ۋە ياۋروپا باشقۇرۇش تەرەققىي قىلىش فوندى جەمئىيىتى(EFMD) نىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەستىقلىغان "سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋان بېرىش ئورنى"(EMBAۋەMBA)، بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ نىشانى ئون يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئون كۈچلۈك سودا-سانائەت ئىنىستىتۇتى قاتارىغا كىرىش. چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بېرى، "جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش"نى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، دۇنياۋى يېڭى بىر دەۋر سودا ئىنىستىتۇتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. 

مانا بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكىدەك ھەربىي قائىدە-نىزامى بار:    

1. مەڭگۈ ئېسىڭىزدا بولسۇن، بۇ سىزنىڭ ئالىي مەكتىپىڭىز ۋە ياكى شىركىتىڭىز ئەمەس. بۇ يەر سىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش نەتىجە سېلىشتۇرماسلىقىڭىزنى ھەمدە ئۆزىڭىزنى شىركەتتە دەپ ھېس قىلىپ باشقىلارنى قالايمىقان ئىشقا بۇيرۇماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، بولمىسا باشقىلار سىزنى كاللىسىدىن ئادىشىپتۇ دەپ ئويلايدۇ.
2. گەرچە مىليونېر بولسىڭىزمۇ بايلىقىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، چۈنكى بۇ يەر پۇلى بار ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۆزىڭىزنى پەقەتلا باسالمىسىڭىز، سىنىپ پۇلىنى كۆپرەك تاپشۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا ھۆرمەتكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىمۇ كۆرسىتەلەيسىز، بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ياخشى ئامال يوقتۇر. 
3. گەرچە بەك باي بولمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ، پۇل-بايلىق ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
4. ئەگەردە بىلىمىڭىز ئىنتايىن چەكلىك بولسا، سۈكۈت قىلىشنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، چۈنكى قانچە جىم تۇرسىڭىز، باشقىلار سىزنى شۇنچە چوڭقۇر بىلىملىك دەپ ئويلايدۇ.
5. "ئالدىراش" سۆزىنى دەۋەرمەڭ، بۇ سۆز كىشىلەرگە ئىككى خىل تەسىر بېرىدۇ، بىرى ئۆزىڭىزنى قەستەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالغىنىڭىز، يەنە بىرى بولسا تەرتىپلىك باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغانلىقىڭىز. بۇ دۇنيا مەيلى سىز بولۇڭ ياكى بولماڭ يەنىلا ئوخشاشتۇر.
6. ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن سودا قىلىشقا ئۇرۇنماڭ، چۈنكى بۇ سودىنى قىلالمىغان بولسىڭىزمۇ، شۇ ساۋاقدىشىڭىز كېيىنچە ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشى مۇمكىن. 


7. خىزمەت ئالماشتۇرغاندا ساۋاقدىشىڭىزنىڭ شىركىتىگە بېرىشقا ئۇرۇنماڭ، چۈنكى ۋاقتى كەلگەندە كەسىپداشمۇ، ساۋاقداشمۇ بولالماي قالىسىز. گەرچە ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولسىمۇ يەنىلا بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ھېس قىلىسىز.
8. ئاسانلىقچە پروفېسسورنىڭ دەرسىدىن پۇتاق چىقارماڭ، چۈنكى بۇ بەلكىم ئۇنىڭ دەرسىنى ئازراقمۇ چۈشەنمىگەنلىكىڭىزنى چاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
9. ئاسانلىقچە ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن زىددىيەتلەشمەڭ، چۈنكى گەرچە سىز ۋاقىتلىق خۇش بولغىنىڭىز بىلەن شۇ رىقابەتچىڭىز بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىز. 
10. پروفېسسورنىڭ گېپىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى كۆپىنچە پروفىسسورلار تىجارەت قىلىشنى ئۇقمايدۇ.
11. پروفېسسورنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي قويماڭ، چۈنكى سىزنىڭ ياخشى قىلالمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئۇ بەلكىم "گېپىمنى چۈشەنمەپتۇ-دە" دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
12. "پارىتو ئەڭ ياخشى ھالەت" ئەمەس "پارىتو ئەڭ ناچار ھالەت" ئىكەنلىكىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ ئىپادىلىمەڭ، چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى يوقاتقان بىلەن تەڭ ئۆزىڭىزمۇ خۇش بولالمايسىز.
13. بىرەر ئادەمنى مۇكەممەلكەن دەپ ئويلاشقا ئۇرۇنماڭ، چۈنكى بۇ گۇرۇپپا ھەرگىزمۇ "ناش تەڭپۇڭلىقى" غا يېتەلمەيدۇ.
14. باشقىلار سىزنى ئىككى قېتىم مېھمان قىلغان بولسا، سىزمۇ چوقۇم ئۇنى بىرەر قېتىم مېھمان قىلىڭ، بۇ بىر قىل سىغماس قانۇنىيەت. باشقىلارنى مېھمان قىلغۇزماي، ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارنى مېھمان قىلمىسىڭىز بۇ بىر ئەخمىقانىلىق.
15. گەپ قىلىشنى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر گەپ قىلسىڭىز بەك ئاشۇرىۋەتمەڭ، يالغان گەپ قىلماڭ. چۈنكى چوقۇم بىرى سىزنىڭ راست گەپ قىلمايۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ قالىدۇ.
16. ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم باشلىق ياكى مەلۇم مەشھۇر شەخسلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەنلىكىڭىزنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەڭ، راست بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار سىزنى گۆدەك چاغلاپ قالىدۇ.
17. دەرسكە بېرىش، دەرس ئاڭلاش، تاپشۇرۇق دېگەنلەر بىلەن پەرۋايىڭىز بولمىسا، چوقۇم چوڭ زىيان تارتىسىز. چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ دەسمايە تەننەرخىڭىز باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ، گەرچە كىرىم ئوخشاش بولغان بىلەن ساپ پايدا ئازىيىپ كېتىدۇ.
18. ئىمتىھاندىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، چۈنكى ئۆتەلمەسلىكىڭىز ئۆتەلىشىڭىزدىنمۇ تەستۇر.
19. گەرچە كۆپنى كۆرگەن بولسىڭىزمۇ، ئازراق بولسىمۇ بالا مىجەزلىك بولۇپ قويۇڭ.
20. ئېسىڭىزدە بولسۇن، باشقىلارنى كۆپرەك ماختاڭ، ئازراق تەنقىدلەڭ، چۈنكى كۆپىنچە ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خۇشامەت قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ.
21. ئۆگەنگەن يېڭى نەزىرىيە بىلىمىڭىزنى كارخانىڭىزدا سىناق قىلماڭ، چۈنكى كارخانا تەجرىبە ئېتىزى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارەت دېگەن ئومۇمىي ساۋاتقا ئېھتىياجلىق.
22. يۇقىرىقى ئەھۋاللار %90 كۈچكە ئىگە، ئەگەردە ئوخشىمىغان پىكرىڭىز بولسا، بىزگە خەۋەر قىلىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى