ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قانۇنىنىڭ رولى

شىركەتنىڭ قانۇنىنىڭ رولى

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 645 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «شىركەت قانۇنى دېگەن نېمە؟» بۇ يەردە!

 

3.شىركەتنىڭ قانۇنىنىڭ رولى


زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. زامانىۋى كارخانىلار مال-مۈلۈك قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ھەرخىل تەشكىلىي شەكلىدە بولسا بولىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلاردا شىركەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەھەتتىكى پايدىلىق ئىزدىنىشتۇر. قېلىپلاشقان شىركەت مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇ، مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش، كارخانىلارنى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ كارخانا ئالدىدا چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا مەبلەغنى جۇغلاپ، خېيىمخەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق.


دۆلىتىمىزنىڭ شىركەت قانۇنى چىقىرىش ئىشى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، چەت ئەللەرنىڭ شىركەت قانۇنى چىقىرىشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن پايدىلانغان ۋە قوبۇل قىلغان؛ ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئالغان. شۇڭا، دۆلىتىمىزنىڭ شىركەت قانۇنى ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى شۇكى: ئۇ زامانىۋى كارخانا ئۈنۈمىنى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، شىركەتنىڭ تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شىركەت، پايچى ۋە ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى، خەلق ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
-------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى