ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى

كارخانا ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى

ۋاقتى: 2016-09-14 ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى، باج ئىشلىرى ئورنى (باجغا چېتىلىدىغان  بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دوكلات قىلىش ھوقۇقى يوق) كارخانا تاپاۋەت بېجىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، كارخانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۇشىدىن كېيىن چىقىرىلىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېسابابات دوكلاتى بولۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، باج قانۇنى، قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ ۋە تاپشۇرۇپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك ئالدىن تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، شۇ يىللىق تولۇقلاشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىنى بېكىتىش، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، مەسئۇل باج ئورگىنىغا يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش، باج ئورگىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى پۇلىنى ھېسابلاپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 
ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى يىللىق مۇپەتتىشلىك دوكلاتى ئاساسىدا تاپشۇرىدىغان باجغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرغاندىكى تەڭشەش-تەڭشىمەسلىك تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان باج ئىشلىرى جەھەتتىكى تەڭشەش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان كارخانىنىڭ ھەر تۈرلۈك مالىيە كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلغاندا ئەگەر باج پۇلى 0 بولسا 0 بويىچە مەلۇم قىلىش كېرەك، ھەممىسىنى باج مەلۇم قىلىش قەغىزى (تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى) دىكى سان بويىچە مەلۇم قىلىش كېرەك.
«كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كارخانا ئىككىنچى يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى باج ئىدارىسىگە يوللاش، ھەمدە ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ھېساباتنى ئۈزۈشى لازىم. يوللىغان ماتېرىيال يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى قەغىزى، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى چىقىرىپ بەرگەن كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ۋىزا دوكلاتى (ئادەتتە ھېساب تەكشۈرۈش دوكلاتى دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 8-ماددا 5-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ۋاستىچىلىك ئورگىنى ۋاكالىتەن باجنى مەلۇم قىلىشقا ھاۋالە قىلىنغان بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ۋاكالەتچىلىك قىلىش توختامى ۋە ۋاستىچىلىك ئورگىنى چىقارغان باج تاپشۇرۇشنى تەرتىپكە سېلىش تۈرى، سەۋەبى، ئاساسى، ھېسابلاش جەريانى، پۇل سانىنى تەڭشەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى قوشۇپ ئەۋەتىش كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى