ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش تەرەققىياتى

بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-01-23 ئاۋاتلىقى: 418 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «پاسسىپ ئېھتىياج (Negative Demand)» بۈ يەردە!

 

بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش  تەرەققىياتى


ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بازارشۇناسلىق ئىلمىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق ئىلمى ھازىرقى زامان بازارشۇناسلىق ئىلمىگە ئۆزگەردى، بازارشۇناسلىق ئىلمى كۈنسېرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە كەڭ قوللىنىش بىلەن بىرگە ئامېرىكىدىن تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.


1.بازارشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە كەڭ ئىشلىتىلدى


بازارشۇناسلىق ئۇقۇمى بىلەن نەزەرىيىسى ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كىرگەن بولۇپ، ئاۋۋال كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى شىركىتى، مەسىلەن كىچىك ئوراملىق ئىستېمال بۇيۇمى شىركىتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىداملىق بۇيۇم شىركىتى، ئاندىن سانائەت ئەسلىھەلەر شىركىتىگە كىرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىر سانائەت شىركىتى مەسىلەن پولات تۆمۈر، خىمىيە شىركىتىگە كىرگەن. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىن مۇلازىمەت ساھەسىگە كىرىپ، ئاۋۋال ھاۋا قاتناش شىركىتى، بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە، پۇل مۇئامىلە شىركىتىگە كىرگەن. كېيىن، يەنە مەخسۇس كوللېكتىپ مەسىلەن ئادۋۇكات، بوغالتىر، دوختۇر ۋە بىناكار ئىشلەتكەن.



كاپىتالىستىك دۆلەتتە ھەممە نەرسە تاۋارغا ئايلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ساھەسى ۋە سىياسىي ساھەسىدىمۇ تاۋارلاشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن بازارشۇناسلىقنىڭ ئاساسى مۇشۇ ساھەلەردە كەڭ  ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن بازارشۇناسلىق ئۇسۇلى ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا، مۇزېي شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىستراتېگىيە يۈرگۈزۈشى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلگەن؛ يەنە مەسىلەن فىرانسىيە دۆلەت ھۆكۈمىتى بازارشۇناسلىق پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ ئاممىنىڭ ئۆلۈمنى كەچۈرۈم قىلىش شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان قارىشىنى چۈشىنىشكە ئىشلەتكەن، ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قارىشىنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىپ، ئاندىن ئېلان تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتكەن؛ يەنە مىسال ئالساق غەرب دۆلەت ھۆكۈمىتى پارتىيەسى بىلەن سىياسىي نامزات بازارشۇناسلىقنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىياسىي نامزاتنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىپ، تاللىغۇچى ئاممىغا ئېلان تەشۋىق قىلىپ، تاللىغۇچىنىڭ قوللاش بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. بازارشۇناسلىقنىڭ ئىشلىتىلىشى دۆلەت ئىچىدىن كېڭىيىپ خەلقئاراغا تارقالغان.


بازارشۇناسلىق ئىلىمنىڭ  ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ماس ھالدا بازارشۇناسلىق ئىلىمنى ئاساسى بازارشۇناسلىق ئىلمىدىن كېڭەيتىپ سانائەت بازارشۇناسلىق ئىلىمى، مۇلازىمەت بازارشۇناسلىق ئىلمى، جەمئىيەت بازارشۇناسلىق ئىلىمى، سىياسىي بازارشۇناسلىق ئىلىمى شۇنداقلا خەلقئارالىق بازارشۇناسلىق ئىلىمگە كېڭەيتىلگەن.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى