ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مەقسىتى، باشقۇرغۇچىغا ياردەملىشىپ، مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تاللاپ، توغرا ئۇسۇلدا توغرا ئىش قىلىشتۇر. باشقۇرغۇچى بولغۇچى خىزمەتچىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ «مايمۇنى»نى ياخشى بېقىشىنى ئۆگىتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، باشقۇرغۇچىنىڭمۇ پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشتەك مۇھىم ئىشلارنى قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقتى چىقىدۇ.
 
"مايمۇن"=مەسىلە (مەسئۇلىيەت)
سىز مەسىلە ھەل قىلىش ماھىرىمۇ؟ ئەگەر قول ئاستىڭىزدىكى خىزمەتچىڭىز سىزگە چوقۇنسا، سىز بەلكىم ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، كېيىن، ئۇ بارلىق ئىشلىرىدا سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرسا، سىزنىڭچە قانداق بولار؟ سىز بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىڭىزنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى ھېس قىلامسىز يوق؟ ھەمدە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار يوقلۇقى ھەققىدە ئۆزىڭىزنى تەكشۈرەمسىز؟
بىر كۈنى سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى خىزمەتچىڭىز ئىشخانا كارىدورىدا توساتتىن سىزگە يولۇقۇپ، قەدەملىرىنى توختىتىپ:
--باشلىق، بىر مەسىلە بار ئىدى. مەن ئىزچىل سىزدىن قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە يول يورۇق سوراي دەپ ئويلىغان.


دېگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بۇ خىزمەتچىنىڭ گەۋدىسىدە بىر كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك «مايمۇن» بولۇپ، ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە يولۇققان مەسىلىلەرنى سىزگە بىر قاتار دوكلات قىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە سىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىشىڭىز بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ خىزمەتچىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنى خالىمايسىز-دە، سىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاشقا باشلايسىز... «مايمۇن»نىڭ بىر پۇتى ئاستا-ئاستا سىزنىڭ گەۋدىڭىزگە ياماشقان بولىدۇ.
#p#
سىز ئىزچىل ھالدا ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھەم توختىماستىن باش لىڭشىتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇنىڭ بىر ئىنتايىن يامان ئەمەس مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئاۋۋال ئۇنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باققۇڭىز بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن: «سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار؟» دەپ سورىغىنىڭىزدا، ئۇ: «باشلىق، مەن قانداق ھەل قىلىشنى ئويلاپ چىقالمىغان بولغاچقا، سىزدىن ياردەم سوراۋاتىمەن.» دېگىنىدە.
__ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ سىز چوقۇم ياخشى بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايسىز. __ دەپ سائىتىڭىزگە قارىغاچ: «مۇنداق بولسۇن، مېنىڭ ھازىر جىددىي ئىشىم بار، ئەتە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە مېنىڭ ۋاقتىم بار، شۇ ۋاقىتتا سىز بىر قانچە ھەل قىلىش چارىسىنى ئېلىپ ئىشخانامغا كىرىڭ، بىز بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ كۆرەيلى.» دەيسىز.
خوشلىشىشتىن بۇرۇن، سىز بىر گەپنى تولۇقلاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك: «سىز تېخى يېقىندىلا "مېڭە بورىنى (大脑风暴)" تەربىيەلىشىگە قاتناشقان ئىدىڭىزغۇ؟ پەقەت ئويلاپ چىقالمىسىڭىز، بىر قانچە ئىشدىشىڭىزنى تېپىپ، بىرلىكتە "مېڭە بورىنى" ئېلىپ بېرىڭلار، ئەتە مەن سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.»
بۇ ۋاقىتتا، "مايمۇن" ئاستا-ئاستا سىزنىڭ گەۋدىڭىزدىن پۇتىنى تارتىپ، داۋاملىق ھالدا بۇ خىزمەتچىڭىزنىڭ گەۋدىسىدە قالىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى، خىزمەتچىڭىز كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتا كەلگەندە، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىنلا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە تولۇق ئويلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز-دە، ئۇ سىزگە: «باشلىق، سىزنىڭ يول كۆرسەتمىڭىز بويىچە، بىز 5 خىل ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلاپ چىقتۇق. ئەمما قايسى خىل چارىنى قوللانساق ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. ھازىر سىز بىر كۆرۈپ چىقىپ تاللاپ بەرسىڭىز بولاتتى.» دەپ قولىدىكى ماتېرىيالنى سىزگە بەرگەندە، سىز بىر قاراپلا قايسى خىل چارىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزمۇ ئەمما ئالدىراپ ئۇنىڭغا تاللاپ بەرمەڭ. بولمىسا، ئۇ كېيىن داۋاملىق سىزگە تاينىۋالىدۇ. ياكى تاسادىپىي چاتاق چىقىپ قالسا، ئۇ سىزگە: «باشلىق، بۇ ئىشنى مەندىن كۆرسىڭىز بولمايدۇ. مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىز بويىچە ئىش قىلغان.» دېيىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى