قانداق ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
قانداق ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولىدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىدا، تۆۋەندىكى ئەمگەك توختاملىرى ئىناۋەتسىز ياكى قىسمەن ئىناۋەتسىز دەپ كۆرسىتىلگەن:
1.ئالداش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان بولسا؛
2.ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى چىقىرىۋەتكەن، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چىقىرىۋەتكەن بولسا؛
3.قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا.
ئەمگەك توختامىنىڭ بىر قىسمى ئىناۋەتسىز بولسا، باشقا قىسىملىرىنىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، باشقا قىسىملىرى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.