ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (1)

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (1)

ۋاقتى: 2016-08-20 ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

10 چوڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى كۆرگەندىن بىر مەغلۇپ بولغان ھېكايىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئۆتكەن 12 يىلدىكى جۇڭگو تورىنى باشتىن كەچۈرگەن پېشقەدەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن 17 ۋەكىل خاراكتېرلىك مەغلۇپ بولغان مىسالنى رەتلەپ چىقىپ، كارخانا قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن كارخانىنىڭ مالىيە، ئورۇن بېكىتىلىشى، تەشكىل، بازار، كاپىتال، ھۆكۈمەت نازارىتى، خېرىدارلارنىڭ باھاسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەجرىبە-ساۋاقلار بىلەن تەمىنلىدىم شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە قانداق قىلىپ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. يىتاڭ (亿唐) تورى
2000-يىلى بېيجىڭنىڭ كوچىلىرىدا پەيدا بولغان چوڭ-كىچىك يىتاڭنىڭ ئېلان تاختىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، يا خۇنىڭ ئېلان سۆزىنى دورىغان «بۈگۈن سىز يىتاڭ تورىغا چىقتىڭىزمۇ؟» بۇ ئېلان سۆزى ھەقىقەتەن بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەنىدى. يىتاڭ جۇڭگولۇق ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور ئېغىزى بەرپا قىلماقچى بولغان. ئۇلار جۇڭگو ياشلىرىنى ئۈمىد دەپ قارىغان.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: ئورۇن بېكىتىش كەمچىل، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زىيادە بولۇپ  كەتكەن.
1999-يىلى تۇنجى تور كۆپۈكى يوققا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە يېڭىلا خارۋاد سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ MBA غا ئېرىشكەن تاڭ خەيسوڭ يىتاڭ شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، «خىيالىي گۇرۇپپا» بەش نەپەر خارۋاد MBA ۋە ئىككى نەپەر چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ MBA سىدىن تەشكىل تاپقان. كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كارخانا قۇرۇش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، يىتاڭ ئىككى داڭلىق ئامېرىكىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچى شىركەت DFJ، SevinRosen نىڭ قولىدىن ئىككى قەرەللىك 50 مىليون ئەتراپىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.
يىتاڭ ئۆزىنى پەقەت تور شىركىتىلا ئەمەس، يەنە «تۇرمۇش مودا گۇرۇھى» دەپ ئاتاپ، تور، پارچە سېتىش ۋە سىمسىز مۇلازىمەت ۋە خەلقئارالىق ئىلغار تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، «ئۈمىد e دەۋرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 18-35 ياشقىچە بولغان جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ياشلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى بەلگىلىگەن.
يىتاڭ تورى بىر كېچىدىلا تونۇلۇپ، ناھايىتى تېزلا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلىپ، پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ناھايىتى پۇل خەجلىگەن: بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شىنجېن ئۈچ جايدا تارماق شىركەت قۇرۇشتىن سىرت، يىتاڭ يەنە خىزمەتچى چاقىرىپ ھەرقايسى جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرى تور تۇيۇقسىزلا ئاقساپ قالغاندا، يىتاڭ مەبلەغنىڭ يېرىمىنى خەجلەپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا پايدىغا ئېرىشمىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگەرتىشمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، 2008-يىلى يىتاڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇق جازىسىلا قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى «خىيالىي گۇرۇپپا» شىركىتى پۇلنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن چېكىنىشنى تاللىدى.
#p#
مېنىڭ قارىشىمچە، يىتاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ئورۇن بېكىتىشنىڭ خاتالىقىدىندۇر. بۇ يەنە كۆپ ساندىكى تور ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ مەسىلىسى. مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆڭۈل قويۇپ خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلماستىن، پۇل ئارقىلىق تور گۇرۇھى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يىتاڭ جۇڭگونىڭ تورچىلىقى ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرمىدى، بىردىنبىر تۆھپىسى بەلكىم ئىنتايىن مەغلۇپ بولغان مەبلەغ سېلىش مىسالى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىندۇر. ئۇ باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان ئاقسۆڭەك بولۇپ، نەچچە ئون مىليون خەجلەپ ئېرىشكىنى پەقەت بىر ئەپسۇس بولدى خالاس.
داۋام تەرەققىياتى: 2009-يىلى 5-ئايدا etang.com تور نامى پۇل تۆلىمىگەنلىكتىن ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا 35 مىڭ دوللار بىلەن قايتۇرىۋېلىنغان.
 
2. كۇ 6 تورى
ۋىدېيو تور بېكىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ كۈچلۈك يوۋكۇ، بەرەڭگە ۋە كۇ 6 تورى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يوۋكۇنىڭ گۇ يوڭچياڭ ۋە لى شەنيوۋ ھەممىسى سوخۇغا تەۋە، بەرەڭگىنىڭ ۋاڭ ۋېي مەدەنىي ياش بولۇپ، بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: لىنىيە رىقابىتىنىڭ قۇربانلىق مەھسۇلاتى كۇ 6 نىڭ پېيى قېتىۋىلىنغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە كۇ 6 سەپتىن چۈشۈپ قالدى. قۇرغۇچىسى ئېستىپا بەردى، زىيان يىلدىن يىلغا زورايدى، خىزمەتچىلەر زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى، ئۆگەرتىلدى... چېن تىيەنچياۋ ئەۋەتكەن مۇخبىرلارغا كۇ 6 نىڭ يېڭى CEO سى شى يۈ ئاشكارا ھالدا: «كۇ 6 بۇندىن كېيىن ئۇزۇن ۋىدېيونىڭ  ھوقۇقىنى سېتىۋالمايدۇ، بۇ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمدى مەركىزىي كۈچنى مەھەللىلەشتۈرۈش،  UGC(خېرىدارلارنىڭ ھاسىل قىلغان مەزمۇنى) ۋە قىسقا ۋىدېيوغا قارىتىدۇ دېدى. لى شەنيوۋ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، شېڭدا چوڭ كۆلەمدە ئىگىلىك يارىتىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى تازىلىغاندىن كېيىن، چېن تىيەنچياۋ ۋە لى شەنيوۋنىڭ ئارىسىدا كۇ 6 تورىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى زىددىيەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. چېن تىيەنچياۋ كۇ 6 نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ «ۋىدېيو ئۇچۇر خەۋىرى» بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، لى شەنيوۋ بولسا رەسمىي نەشىر قىلىنغان «چوڭ كۆلەملىك مودېل» بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، ئاخىرىدا كۆڭۈلسىز ئايرىلدى.
#p#
ۋىدېيو كەسپى بۇرۇندىن پۇلنى كۆپ خەجلەيدىغان دەپ نامى بار، شېڭدانىڭ كۇ 6 غا سالغان مەبلىغى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، لېكىن ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. بۇ بەلكىم كۇ 6 نى ئۆزگىرىشكە مەجبۇر قىلغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. 200 مىليون پۇل خەجلەپ، ئاخىرىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. باشقۇرغۇچى تەرەپ بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىمىغاچقا، كارخانىنىڭ توغرا يۆنىلىشى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ.
داۋام تەرەققىياتى: ئىگىلىك تىكلىگۈچى لى شەنيوۋ ئوتتۇرا ياۋروپاغا بېرىپ ئىگىلىك يارىتىش يېتەكچىسى بولدى. كۇ 6 نىڭ تەقدىرىمۇ شېڭداغا ئوخشاش: ئىلىمان سۇدىكى پاقىغا ئوخشاپ قالغان.
 
3. ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتى
2004-يىلى 7-ئايدا ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى بېرمۇ تاقىم ئارىلىدا قۇرۇلدى. ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتى ئۆزىنى «جۇڭگونىڭ ئاخبارات سەھنىسىدىن ھالقىغان تېلېۋىزىيە نومۇرى كۆرسەتمىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنىڭ يېتەكچىسى» دەپ ئاتىدى. سېتىش كىرىمىدا ئېلان ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلدى، TVPG (تېلېۋىزىيە نومۇرى كۆرسەتمىسى) ۋە EPG (ئېلېكتىرون نومۇرلىرى يېتەكچىسى)نى قوشۇمچە قىلدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بازاردىن چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2005-يىلى 10-ئايدا شىركەت قىزىل شەمشادنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشتى. قىزىل شەمشاد مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سىنگاپور ياسون ئاكسىيە شىركىتى، ياپونىيە ئەڭ چوڭ ئېلان شىركىتى دىيەنتوڭ، NTT كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، ياپونىيە ئەڭ چوڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش شىركىتى JSAT، يى توڭ جوڭ سودىسى Itochu قاتارلىق ياپونىيەنىڭ داڭلىق پۇل-مۇئامىلە، ئېلان شىركەتلىرىنى قوشۇۋالدى. 2007-يىلى 4-ئايدا ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتى توكيونىڭ ئاكسىيە سودا مەركىزىدە بازارغا سېلىندى، بازارغا سېلىش «پاي توپلاش چۈشەندۈرۈلۈشى»دە، شۇ شىركەتنىڭ 2005-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 465 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 30 مىليون يۈەن)، ساپ مۈلكى 1 مىليارد 897 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 126 مىليون يۈەن) گە يەتكەن، لېكىن بىر يىلدىن كېيىنلا ئامالسىز بازاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتىنىڭ بوغالتىرلىق ئورنى 2007-يىللىق دوكلاتقا قارىتا تەپتىش پىكرى بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ CEO سى سۈي جىيەنپىڭنىڭ شىركەتنىڭ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىك سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئاسىيا ئۆزئارا ئاخبارات تەشۋىقاتىنىڭ بازاردىن چېكىنىشى 11 مالىيە مەبلەغ سالغۇچىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىپ، سەھنىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان.
داۋام تەرەققىياتى: شىركەتنىڭ ئوڭايسىز بازاردىن چېكىنىشى بىلەن قىزىل شەمشادنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ فەنمۇ سەۋەنلىك تۈپەيلى خىزمىتىدىن ئېستىپا بەرگەن.
#p#
4. e دۆلىتى
2000-يىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ چولپان كارخانىسى بولۇپ، شوئارى بىر سائەتتە ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: بازار بەك ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن.
e دۆلىتىنىڭ بىر سائەتتە يەتكۈزۈپ بېرىشى خېرىدارلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن گۇمانلارنى ئېلىپ كەلگەن. e دۆلىتىنىڭ بىر سائىتى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور يەتكۈزۈپ بېرىش تەننەرخى بىلەن e دۆلىتى يەنە پايدا ئالالامدۇ؟ كۆپ ساتقانسېرى شۇنچە كۆپ زىيان تارتمامدۇ؟ يېڭى مەبلەغ كىرمىسە، e دۆلىتى يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ بەزىلەر ھەتتا e دۆلىتىنىڭ بىر سائىتى پەقەت غەلىبىلىك بولغان بازار يۈرۈشتۈرۈلۈشى خالاس دەپ قارىغان.  بەزىلەر ھېسابلاپ، ئەگەر e دۆلىتىنىڭ بىر زاكاس تالۇنى ئون يۈەن بولسىلا ئۇنى ۋەيران قىلغىلى بولىدۇ دېگەن، قانچە كۆپ ساتقانسېرى شۇنچە زىيان تارتىدۇ، e دۆلىتى غايەت زور پايدا بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە e دۆلىتىنىڭ پاجىئەسى بازار تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەندە بازارغا كېرىۋالغانلىقىدىدۇر؛ 2000-يىلى جۇڭگو مەيلى مال يەتكۈزۈپ بېرىش، پۇل تۆلەش ھەتتا توردا مال سېتىۋالغۇچىلار توپى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، بىر شىركەتكە تايىنىپلا بارلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۈستىگە ئېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
داۋام تەرەققىياتى: ۋەيران بولۇش.
#p#
5. رولىن تورى
رولىن تورى 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، Soft Bank مەبلەغ سالغان. نىشانى LinkedIn نى تەقلىد قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قۇرۇش ئىدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: دۆلەت ئەھۋالى بىلەن ماس كەلمىگەن تەقلىد قىلىش. 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان شۇ سودا SNS نىڭ Copy 2 China دولقۇنىدا، رولىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قۇرغۇچىسى زۇ لىڭ نەچچە يېنىپ، تور بېكەتمۇ نەچچە خادىم قىسقارتىپ، تور ئېتىلىپ قالايلا دەپ قالغانىدى. رولىن باشقا سودا SNS لىرىغا ئوخشاش، خېرىدارلار چىقالمىدى، بىر مەزگىل كۆپچىلىك ئالتە ئۆلچەملىك دوستلىشىش كىشىلىك مۇناسىۋىتى نەزەرىيەسىگە ئىشىنىپ كەلدى، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدى بولمىدى. ئادەتتىكى بىر ئادەم بەلكىم ئالتە ئۆلچەمدىن ئۆتۈپ، ئوباما بىلەن ئالاقىلىشىشى مۇمكىن؛ لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئوباما بىلەن تونۇشۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ياردىمىگە ئېرىشەلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئالتە ئۆلچەم ئۇقۇمى پاڭ فامىلىلىك (庞氏) ئالدامچىلىقى بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ. ئەڭ چوڭ پەرق شۇ يەردىكى ئامېرىكا بىر كەسپىي جەمئىيەت، كىشىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ LinkedIn نىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى سەۋەبى. لېكىن جۇڭگو بولسا مۇناسىۋەت جەمئىيىتى، ھوقۇق ئىقتىسادنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنى تونۇسىڭىز، سىز ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ كۆپ ساندىكى بايلار ۋە ھوقۇقدارلار ئەسلا بۇنداق تور بەتكە چىقمايدۇ.
داۋام تەرەققىياتى: قايتا قۇرۇلۇپ، مەبلەغ كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىر ئۆزگەرگەندىن كېيىن، يوۋشى تورى باش كۆتۈردى.
#p#
6. فېنبېي تورى
2003-يىلى 6-ئايدا جېڭ لى دوستلىرى بىلەن بىللە 163888 تورىنى قۇردى، بۇنىڭ مەنىسى «بىر يول روناق تېپىش» ئىدى. كېيىن ئۇلار K8 ناخشا كۆچۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، 163888 تەدرىجىي جۇڭگودىكى تونۇلغان تور ناخشىچىلىرى جەملەنگەن جاي بولۇپ قالدى، شىياڭ شىياڭ، ياڭ چېنگاڭ قاتارلىق تور ناخشىچىلىرى ئوڭۇشلۇق تونۇشتۇرۇلدى، «چاشقان گۈرۈچنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ناخشىلارمۇ 163888 تورىنىڭ نامىنى تېخىمۇ تونۇتۇپ، «جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى مۇزىكا رايونى» بولۇپ قالدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: تۇيۇق يولدا مېڭىش
2004-يىلى 10-ئايدا IDG ئۇنىڭغا 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ (خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا مەبلەغ تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن.) پاي ھوقۇقىنىڭ %20 نى قولغا كىرگۈزگەن. 2006-يىلى توردا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 12 مىليونغا يەتكەن. شۇ يىلى 163888  ئالكاتېل (Alcatel) VC نىڭ 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىگە ئېرىشكەن، بۇ پاي ھوقۇقىنىڭ %12 نى ئىگىلەيدۇ.
2007-يىلى 6- ئايدا تور بېكەت يېڭى ئىسىم ۋە يېڭى ساھە نامى قويۇپ فېنبېي دەپ ئاتالغان، بىراق فېنبېي تورىنىڭ پايدا ئېلىش شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن، بوشلۇق سېتىش ۋە ئەزالىق سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تورنى قامداش قېيىن بولغانلىقتىن، ئېلان فېنبېي تورىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان. 2009-يىلى جېڭ لى شەھۋانىي توردا ۋېدىيودا پاراڭلىشىش كەسپىگە چېتىلغانلىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 2010-يىلى 1-ئايدىكى سوتتا جېڭ لى  گۇناھىنى بوينىغا ئالغان. جېڭ لىنىڭ شەھۋانىي كەسىپكە چېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
داۋام تەرەققىياتى: فېنبېي تورى بارغانسېرى ئاجىزلىدى. شىركەت باشتىن ئاخىر زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇردى، يېڭى مەبلەغ ئەمەلىيلەشمىدى، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ۋەيران بولدى.
#p#
7. جۇڭگو بلوگى
جۇڭگو بلوگىنى ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو ئىنتىرنىتچىلىقىدىكى بىرىنچى ئادەم دەپ ئاتالغان فاڭ شىڭدوڭ قۇرغان ئىدى. ئۇ Web2.0 نىڭ بايراقدارى؛ بۇرۇن ئەل ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىردىكى مۇتەپەككۇرلارنى يىغقان ئىدى. سىنا تورىنىڭ ئەدىپىنى بېرىمىز دەپ جار سالغانىدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: باشقۇرۇش ناچار شۇنداقلا ماگناتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە سەل قارىغان.
2002-يىلى فاڭ شىڭدوڭ جۇڭگو بلوگىنى قۇردى، كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە تور بېكەت ھەر ئايدا %30 ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۇنيادىكى ئورنىمۇ بىر مەزگىل 60 نەچچىنچى ئورۇنغا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە 2004-يىلى شېڭ دانىڭ قۇرغۇچىسى چېن تىيەنچياۋ ۋە Soft Bank نىڭ شېرىكى ياڭ دوڭنىڭ 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىگە ئېرىشتى. 2005-يىلى 9- ئايدا فاڭ شىڭدوڭ يەنە داڭلىق تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچى شىركەت GraniteGlobal Ventures، Mobius Venture Capital، Soft Bank ۋە Bessemer Venture Partner دىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشتى ۋە جۇڭگو Web2.0 نىڭ مەبلەغ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن «جۇڭگو بلوگى» نامىنى «بلوگ تورى» دەپ ئۆزگەرتتى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى بلوگ تورى قۇرىمىز دېگەنىدى، يەنە «بىر يىلدا سىنا تورىدىن ئېشىپ، ئىككى يىلدا بازارغا چىقىمىز» دېگەن شوئارنى توۋلىغان ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە بلوگ تورىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 40 نەچچە ئادەمدىن 400 نەچچە ئادەمگە كۆپەيدى، دېيىلىشىچە مەبلەغنىڭ %60-%70 خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا سەرپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋېدىيو، ئويۇن، مال سېتىۋېلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەردە نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى تېزلا خەجلىنىپ تۈگىدى. بلوگ تورى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇدا ئۈچ يىل خىزمەتچىلەر ئارىسىدا چوڭ سىلكىنىش بولۇپ، يۇقىرى قاتلام ئاساسىي جەھەتتىن ئېقىپ كەتكەن، فاڭ شىڭدوڭنىڭ CEO ئورنىمۇ بىر قارار چىقىرىش كىچىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بلوگ تورىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىسقىراپ ئەسلىدىكى 40 ئادەمگە ئازلىغان.
داۋام تەرەققىياتى: 2006-يىلىنىڭ ئاخىرى سىنانى ۋەكىل قىلغان تورلارنىڭ بلوگ كۈچى بلوگ تورى قاتارلىق يېڭىدىن روناق تاپقان ۋېرتىكال تورلارنى بېسىپ چۈشتى. كېيىن بلوگ تەخمىنەن ھەرقانداق بىر تور بەتنىڭ ئاساسىي سەپلىمىسى بولۇپ قالدى، تور بەتلەر ئاسانلا فاڭ شىڭدوڭ قاتارلىقلار جاپالىق ئىزدىنىپ ئاچقان يولنى دورىدى. ئاخىرىدا فاڭ شىڭدوڭ يۇرتىغا قايتىپ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ھەپىلەشتى، ھازىر ئۇ بۇ ساھەدىن ئاساسىي جەھەتتىن چېكىندى.

داۋامى بار.... (جىددىي تەھرىرلىنىۋاتىدۇ)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى