دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ۋاقتى: 2016-09-07
ئاۋاتلىقى: 1784 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بايلار ناۋادا سىز قۇلاق سېلىشنى خالىسىڭىزلا ئۆز تەجرىبىلىرىدىن سىزنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە سىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىزلا، ئىشلىرىڭىز ھەم ھاياتىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ.
1. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتس
بىل گايتس مۇنداق دەيدۇ: «بىلەمسىزكىن؟ 1975-يىلى بىز مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغاندا، ھەربىر ئائىلىدە، ھەربىر ئىشخانىدا بىردىن كومپيۇتېر بولىدۇ، دېگەنىدۇق. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزمۇ بۇنچىۋالا چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم مەن ئاھ، تەڭرىم، بىز يەنىمۇ زورىيالارمىزمۇ، دەپ ئويلايتتىم.»
بىر چوڭ كارخانا قۇرۇش بىل گايتسنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭكەلگۈسى ئىستىقبالىنى قۇرۇپ چىقىشقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچى بار ئىدى ھەمدە بۇلارنى روياپقا چىقىرىشقا ئاكتىپ ئاتلانغانىدى.
2. ئالما شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى ستېۋى جوبس
جوبس مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىنىش مەن ئۈچۈن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس. ھەركۈنى كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ئۆز-ئۆزۈمگە: بىزنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلالىشىمىز ماڭا تولىمۇ مۇھىم دەيتتىم.»
3. ئارتىس، يازغۇچى سىلۋېستېر ستاللون
ستاللون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۇنيادا مەن ئەڭ باي كىشىمۇ ئەمەس، ئەڭ ئەقىللىقمۇ، ئەڭ تەلەيلىكمۇ ئەمەس، ئەمما مەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىمدىن نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.»
4. ياپونىيە يۇمشاق دېتال بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ماسايوشى سون
ماسايوشى مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە ئېرىشكەنلىرىمىز پەقەتلا چۈش ۋە قىلچە ئاساسسىز ئىشەنچلا بولسىمۇ، ئەمما بارلىق ئىشلار دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغانىدى.»
5. سودا ماگناتى ئالىكو دانگوت
ئالىكو مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا سىزدە ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە بولمىسا، بۇ دۇنيادا ياشىمايلا قويۇڭ.»
6. IPP گۇرۇھىنىڭ رەئىسى رېگىنالد مېنگى
مېنگى مۇنداق دەيدۇ: «مەن نامراتچىلىقتا چوڭ بولساممۇ، ئەمما ئىزچىل ھالدا بۇنى بىر خىل رىقابەت دەپ قارايتتىم. ياخشى تەرىپى شۇكى، ناۋادا سىز بەدەل تۆلەشنى خالىسىڭىزلا رىقابەتلەرنى بويسۇندۇلايسىز، بۇ خىل بەدەل دەل تىرىشىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت.»
7. سودا ماگناتى كارلوس سلىم خېل
خېل مۇنداق دەيدۇ: «رىقابەت سىزنى تاۋلايدۇ، شۇڭا مەڭگۈ رىقابەتلەشسىڭىزلا تېخىمۇ بەكرەك كۆزگە كۆرۈنەلەيسىز ھەمدە رىقابەتتە غالىب كېلەلەيسىز، يەنە ئۆسۈپ يېتىلەلەيسىز.»
Tags: