ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياراملىق خىزمەتچى چوقۇم باسىدىغان 7 قەدەم

ياراملىق خىزمەتچى چوقۇم باسىدىغان 7 قەدەم

ۋاقتى: 2015-05-12 ئاۋاتلىقى: 504 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھاياتىڭىزنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

ھەركۈنى خىزمەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇشىڭىز ھەرگىزمۇ تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خۇشاللىقى قالمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ يەنە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاقتىڭىز ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىز بار. كارخانىغا يېڭى كىرگەن خىزمەتچىلەردە مائاشلىق دەم ئېلىش پۇرسىتى ئازراق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەرقانداق كىشى ھاياتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.

خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەڭ

خىزمەتداشلىرىڭىز سىزنىڭ پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن تەشۋىشلىرىڭىزگە ھېسداشلىق قىلىشقا ئامالسىز،  چۈنكى، ئۇلارمۇ بۇنداق ئىشلەشنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرغان. ئەگەر، سىز ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرسىڭىز، ئۇلار سىزدىن نارازى بولىدۇ، ئۇلار سىزنى ياقتۇرمىسا سىز قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى تېخىمۇ مەنىسىز ھېس قىلىسىز.

خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەڭ

خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىسىلا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز خىزمىتىڭىزنى جان كۆيدۈرۈپ ئەستايىدىل ئىشلىسىڭىزلا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالىسىز.

ئۆزىڭىزگە يېتەكچى تېپىڭ

ئەتراپىڭىزدا ئۇزاق يىل سىزگە ئوخشاش خىزمەت بىلەنلا مەشغۇل بولغانلار بولسا، سىز ئۇلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىڭ. ئۇلارنىڭ روھىدىن قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك خىزمەتچى بولغىلى بولدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىڭ. گەرچە، بۇ سىزنىڭ ئاخىرقى كەسپىي نىشانىڭىز بولمىسىمۇ، ئەمما، سىزنىڭ بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىڭىز سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزدا زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئازراق پۇل يىغىۋېلىڭ

ھەر قانداق كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئايلىق كىرىمىدىن مۇئەييەن قىسمىنى ئايرىم قويۇشى كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان پۇل يىغىش ھەرگىزمۇ پۇل يىغىپ بىر نەرسە سېتىۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس. سەپەردە ئاپتوموبىلنىڭ تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ قالغىنىغا ئوخشاش، خىزمەتنىڭمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشى ناتايىن. شۇڭا، ھەر ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ %10ىنى ئامانەت قويۇڭ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز چوقۇم مۇشۇ تەكلىپىمىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىسىز.

داۋاملىق تەربىيەلىنىڭ

سىزنىڭ خىزمەت تاپقىنىڭىز ئۆگىنىش دەۋرىڭىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر، سىز ھازىرقى كەسپىڭىزدە مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا، چوقۇم ئۆز كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئوقۇشىڭىز، ھەم بۇ ئارقىلىق مۇشۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشىڭىز كېرەك.

ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئۈچۈن كەلگۈسىڭىزنى نابۇت قىلماڭ

دوستلىرىڭىز ئارىسىدا سىزنى ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. دوستلىرىڭىزنىڭ بۇنداق تەكلىپلىرىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن. خىزمەت پۇرسىتى ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ، خىزمەت تەجرىبىسى يوقلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر سىز بۇ خىزمەتتىن ئايرىلسىڭىز يېڭى خىزمەت تېپىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

يىغىنچاقلىغاندا، چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئادەم كۆكتات يېيىشنى خالىمىسا يېمەسە بولىدۇ، ئەمما، خىزمەتنى چوقۇم قىلماي بولمايدۇ.#p#分页标题#e#

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى