ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈن: تاڭ سېڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل قوشۇندۇر

ما يۈن: تاڭ سېڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل قوشۇندۇر

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 751 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

غايە زادى قانچىلىك مۇھىم؟
«ئادەم 10 كۈن سۇ ئچمىسىمۇ ھايات تۇرالايدۇ، يەتتە سەككىز كۈن تاماق يېمىسىمۇ ياشىيالايدۇ، ئىككى مىنۇت نەپەس ئالمىسىمۇ ئۆلۈپ قالمايدۇ، لېكىن ئادەم بىر مىنۇتمۇ غايىسىز ياشاشقا بولمايدۇ. غايىسىزلىق نامراتلىقتىنمۇ قورقۇنچلۇق، چۈنكى بۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدنى يوقاتقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋاقتى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلمەي ياشاشتۇر. غايىلىك ئادەم باشقىلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن قورقمايدۇ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، ھەم ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.»
«بەزىدە ئۆزۈمنىڭ توختىيالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ ياخشى غايىلىرىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. مەن ئالى بابادا ئىشلەۋاتقىلى 13 يىل بولدى، ئەگەر توختاپ قالمىسام، ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ كۆپ غايىلىرىمنى يوقىتىپ قويىمەن. شۇڭا چوقۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىم كېرەك.»
نېمە ئۈچۇن ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
«شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئەڭ بۇرۇن مەن ئۆزۈم ئۈچۈن چىڭ تۇردۇم، كېيىن باشقىلار ئۈچۈن چىڭ تۇردۇم، خۇددى تاۋباۋغا ئوخشاش، نۇرغۇنلىغان كىچىك دۇكاندارلار ۋە تېز توللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردىم. لېكىن بەزىدە ئويلاپ باقسام، ئىلگىرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ نەرسىلەر ئۈچۈن چىڭ تۇرۇپتىمەن، شۇڭا تەۋرىنىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە ۋاقتىم كۆپ بولماي قالسا، چىڭ تۇرالماسلىقىممۇ مۇمكىن.»
#p#
قانداق قوشۇن ئەڭ مۇكەممەل ھېسابلىنىدۇ؟
«تاڭ سېڭغا ئوخشاش بىر رەھبەر ئۆزىنىڭ نىشانىدا بەك چىڭ تۇرىدۇ. سۈن ۋۇكوڭ گەرچە دائىم ئۆزى بىلگەننى قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان، ئىقتىدارلىق. جۇ باجىيې سەل ھۇرۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنتايىن ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار. شا سېڭ ئەزەلدىن ئارزۇ- ئارمان توغرىلىق ئېغىز ئاچمايدۇ، دائىم ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز خىزمىتىنى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ تۆت كىشى بىرلىشىپ جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل بىر قوشۇننى شەكىللەندۈرگەن.»
 
قانداق قىلغاندا قوشۇننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؟
«ھازىر مېنىڭ قارىشىمچە، بىر كارخانا مەلۇم بىر كۆلەمگە ئىگە بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال قىلىشقا تېگىشلىك ئىش-ئۆزىنى ئۇنتۇش! كوللېكتىپنى ئويلىغاندا، باشقىلارنى ئويلىغاندا، ئاندىن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ، ھەم ھەقىقى بىر قوشۇننى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا غايە پەقەت بىر قۇرۇق خىياللا ئەمەس بەلكى كۆپچىلىكنىڭ غايىسىگە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ ۋە قوشۇننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.»
 
خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟
«ھازىر شىركىتىمىزدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئشچى-خىزمەتچى بار، لېكىن مەن ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ باقمىغان. چۈنكى تەرجىمىھالدا يالغان نەرسىلەر بەك جىق، نەچچە يىللىق ئوقۇش مەلۇماتى بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى ئسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەكسىچە مەن ئۆزىنى ئاددىي ئادەم دەپ ئويلايدىغانلارنى ياقتۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ئۆگىنىشنى ۋە سىناپ بېقىشنى خالايدۇ.»
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى