ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئائىلە روزغارچىلىقىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟

ئائىلە روزغارچىلىقىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟

ۋاقتى: 2012-08-24 ئاۋاتلىقى: 772 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئائىلە ئىقتىسادىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بەختلىك ۋە ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . 
 
ئائىلە روزغارچىلىقى تار مەنىدىن ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ روزغار باشقۇرۇش ۋە بوغالتىرلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىنىڭ كىرىمى ۋە چىقىمىنى پىلانلاپ ۋە باشقۇرۇپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تېجەپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش پىرىنسىپى بويىچە، بىر ئائىلىنى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي نىشانغا يەتكۈزىدۇ. 
 
ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى، شۇنداقلا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە روزغارچىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى. ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، ئىستېمال ۋە پۇل ئامانەت پىلانى. بۇ ئايلىق كىرىمىڭىزدىن قانچىلىك پۇلنى ئىستېمالغا ئىشلىتىش ۋە قانچىلىك پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇشنى پىلانلىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، قەرز پىلانى. بۇ قەرز پۇل سوممىڭىزنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سەۋىيەدە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، سۇغۇرتا پىلانى. ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق قىممەت باھالىق مۈلۈكلەرنى سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىلنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا مەلۇم ئىقتىساد سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا بۇنى چوقۇم ئالدىن ئويلىشىش لازىم. ئائىلە ئەزالىرىنى تاسادىپىي يارىلىنىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشنىمۇ ئويلىشىش لازىم.
تۆتىنچى، مەبلەغ سېلىش پىلانى. مەبلەغ سالغاندا مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمدارلىقى ناھايىتى مۇھىم.
بەشىنچى، دەم ئېلىشقا چىقىش پىلانى. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى ئىستېمال ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى قانداق قاندۇرۇرۇشنى ئالدىن ئويلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇڭا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئالدىن ئويلىشىش مۇھىم.
ئالتىنچى، مىراس پىلانى. بۇ ھايات ۋاقتىدا مال-مۈلۈكلەرنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھايات ۋاقتىدا مال-مۈلكىنى مىراس قالدۇرسا تاپشۇرۇلىدىغان باج نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئارتۇقچە چىقىمدىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. 
 
ئائىلە روزغارچىلىقىدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق قەرز پۇل چىقىمى شۇ ئائىلىنىڭ ئايلىق مۇقىم چىقىمىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر بۇ نىسبەتتىن ئېشىپ كەتسە تۇرمۇش چىقىمى تېگىشلىك كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سالغاندا سېتىپ چىقىرىشنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىش بەلگىلىك مەبلەغ ئەمەلىي كۈچى بار مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بىراق قەرز پۇل ئېلىپ ئۆي-زېمىن سودىسى قىلىشنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆي-زېمىن سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ قەرز بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-زېمىننى سېتىپ چىقىرىش تەسرەك بولغاچقا، ئۆي-زېمىننى جىددىي سېتىشقا توغرا كەلسە پۇلنىڭ تولۇق نەقلىشىشى قىيىنغا چۈشىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تاللىشى، ھەرگىزمۇ جىددىي ئىشلىتىلىدىغان پۇل ۋە ئائىلىدىكى ھەممە پۇلنى ئۆزى بىلگەنچە مەبلەغ قىلىپ سېلىۋېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. #p#分页标题#e#

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى