ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش دېگەن نېمە؟

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2015-11-29 ئاۋاتلىقى: 504 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى، «ئەمگەك توختام قانۇنى» تۇنجى قېتىم قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش شەكلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قېلىپلاشتۇردى، بۇ مەزمۇنلار «ئەمگەك قانۇنى»دا بەلگىلەنمىگەن.

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىجارىگە ئېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئورگانغا ئېھتىياجلىق بولغان خادىملارنىڭ ئۆلچىمى ۋە مائاش تەمىناتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەۋەتىش ئورگىنى بازار خادىم قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق لاياقەتلىك خادىملارنى تېپىپ، لاياقەتلىك بولۇپ تاللانغان خادىملارنى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئەۋەتىدۇ.

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئورۇن بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بولغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، مەسىلەن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈش دېگەندەك. شۇڭا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتە، ئادەم كۈچى ئەۋەتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى، ئەمەلىي ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەتلا ئەمگەك مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان كارخانىلار «خادىم قوبۇل قىلىدۇ ئەمما ئادەم ئىشلەتمەيدۇ»، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن «خادىم قوبۇل قىلمايدۇ ئەمما ئادەم ئىشلىتىدۇ».

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى