ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

غەربىي دىياردىكى مۇۋەپپەقىيەتچى--ئەركىن ھاشىم

غەربىي دىياردىكى مۇۋەپپەقىيەتچى--ئەركىن ھاشىم

ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 553 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئەگەر تاغ چوققىسىدىكى مەزمۇت قارىغايغا ئايلىنالمىسا، ئۇنداقتا تاغ جىلغىسىدىكى بىر تۈپ كۆچەت بولۇش ــ ئەمما كۆچەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇش.»
بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيانقى 20 يىل ۋاقىت ئېچىدە، ئۇ بىر كېچىك مەخسۇس ئامبولاتۇرىيەدىن ھازىرقى ئالتە 1-دەرىجىلىك ئونىۋېرسال دوختۇرخانىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتەك مۇۋاپىقىيەتلىك بۇرۇلۇشنى تاماملىدى ھەم شۇ جايدىكى داڭلىق داۋالاش ماركىسىنىڭ داڭلىق مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى. بۇ جەرياندىكى جاپالىق مۇساپە ئەركىن ھاشىم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىزدۇر. ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى بولسا «غايىگە ئىگە بولۇش.»
2005-يېلى 6-ئاي، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ھاشىمنىڭ دوكلاتى ئارقا ئارقىدىن نەق مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ ئاپتونوم رايون ئۇيۇشتۇرغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تۇنجى مەيدان دوكلات يېغىنى ئىدى.
 
تولۇپ تاشقان ئارزۇ بىلەن يۇرتىغا قايتىش
شىنجاڭدىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىتى مەكتەپداشلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن ھاشىم مۇنداق دەيدۇ: بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتىتى ئۆزى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقارمايدىغان جاي.
ئەركىن ھاشىم ھازىرغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بارلىق ئىشلارنى ئىنتايىن ئېنىق ئەستە تۇتقانىدى. ئۆز ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا قېلىپ خىزمەت قىلسا بولاتتى، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇن يۇرتقا قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانىدى، شۇغۇللانماقچى بولغان كەسپى--ئەرلەر كېسەللىكى ئىدى.
#p#
تاللىغان بۇ كەسپى توغرىسىدا، ئۇمۇ ئىلگىرى گاڭگىراپ قالغانىدى، كېيىن بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ ئەرلەر كېسەللىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن بولسا بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داڭلىق شۆ جاۋيىڭ پىروفېسسور ئىدى. شۆ پىروفېسسور دائىم ئۇنى ئېلىپ بەزى ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشاتتى ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى مۇستەقىل تاماملاتقۇزاتتى، بۇ ساھەگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەتىسىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدى.
ئۇ ۋاقىتتا بۇ ساھە دۇنيادا يېڭىلا بارلىققا كەلگەن، يۇرتى شىنجاڭدا بولسا ئىختىساسلىقلار بەكمۇ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدىكى بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدە، ئۇ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە  ئەرلەر كېسەللىكى جەھەتتە ئاز ئەمەسلىگىنى كۆردى، بۇ كاتتا بازار ئۇنىڭغا ئەرلەر كېسەللىكى بولسا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى، ھەم باشقىلارغا ياردەم بەرگىلى، ھەم ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى.
ئۇ كۆڭلىدە «ئەگەر تاغ چوققىسىدىكى مەزمۇت قارىغايغا ئايلىنالمىسا، ئۇنداقتا تاغ جىلغىسىدىكى بىر تۈپ كۆچەت بولۇش ــ ئەمما كۆچەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇش.»نى نىيەت قىلغانىدى.
1991-يىلى، ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىگە پۈتكەن ئەركىن ھاشىم يۇرتىغا قايتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇردى.
لېكىن، ئەركىن ھاشىم ناھايىتى تېزلا ئۈمۈدسىزلەندى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ رادىئوئاكتىۋ بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغانلىقىنى ئۇققانىدى، بۇ ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادە بىلەن ئەرلەر كېسەللىكى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىشكە تەييارلانغان ئەركىن ھاشىم ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز نەتىجە ئىدى، ئاخىرى ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى «تۆمۈر تاۋاق»دىن ۋاز كەچتى.
ئاشۇ ۋاقىتلاردا، ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىدا، بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ۋېلسىپىتنى مېنىپ كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ باشقىدىن بىر يېڭى خىزمەت تېپىشنى قارار قىلدى، قىسقىسى ئەرلەر كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تاپماقچى ئىدى.
ئاخىرىدا، بىر تار كارىدوردا ئاپتونۇم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت تەتقىقات ئورنىنى تاپتى، ئۇ يەردە «ئەرلەر كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئىشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىقلىق تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى بۇ يەرنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىدارىدە ئىش ئالدىراش ئەمەس، مەن بۇ ساھەدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى ئۆگەندىم. مۇشۇنداق بىر يىلنىڭ ئىچىدە، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، نەزەرىيەۋى كىتابلارنى سىستېمىلىق ھالدا كۆرۈپ تۆگەتتىم. ئەمەلىي مەشغۇلاتنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم.»
#p#
«تۆمۈر تاۋاق»نى تاشلىۋېتىپ، قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەش
بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1997-يىلنىڭ بېشى، كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر قەۋەتلىك ئۆيدە، ئەركىن ھاشىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر مەخسۇس ئەر ئاياللار توغماسلىق كېسىلىنى داۋالايدىغان ئامبۇلاتورىيە قۇرۇلدى، بۇ بولسا ئۇ قەرز ئېلىپ ھۆددىگە ئالغان شىپاخانا ئىدى.
ئەركىن ھاشىم ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى ئەسكە ئېلىپ، ئىختىيارسىز ئويغا چۆمدى: «ئامبۇلاتورىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتا، بىر قېتىم بىزنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئەڭ تۈۋەن كىرىمىمىز تۆت يۈەن بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئىجارە ئالغان ئۇ ئۆي، ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ئاشخانىسى ئىدى. بىز باشقىدىن رەتلىگەن ۋاقىتتا، ئوچاقنى ئېلىۋەتمەي، ئېچىگە تۇپا تىندۇرۇپ، ئۈستىگە فارفۇر خىش ياتقۇزۇپ، مەشغۇلات ئۈستىلى قىلىۋالغان ئىدۇق. مەن ئەگەر يېرىم يىلغىچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسام، ئۇچاقنى ئېچىپ تاماق ساتىمەن دېگەن. مېنىڭ ئۆزۈمگە قالدۇرغان ئاخىرقى چېكىنىش يولۇم بولسا كوچىدا ئاياق سۈرتكۈچىلىك قىلىش ئىدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا مەن بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئون ياشلار چاممىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئاياق سۈرتۈپ بىر كۈندە يىگىرمە ئوتتۇز يۈەن تاپاتتى. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن قورقمايتتىم.»
 
ئەركىن ھاشىمنىڭ بىمارلارغا قىلغان قىزغىن مۇلازىمىتى  ئامبۇلاتورىيەنى يېرىم يىلدىلا ئىزغا چۈشۈردى.
ھازىر، بوغدا دوختورخانىسى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئىگە بولدى، پۈتۈن شىنجاڭدا داۋالاش ئورنىدىن ئالتىنى تەسسىس قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەممە ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىرى دېگۈدەك بىلىدىغان داۋالاش ماركىسىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇقۇم ئورنىنى تىكلىدى.
ھەم تېز تەرەققىي قىلغان بۇ ئون نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە، ئەركىن ھاشىم بۇ ساھەدىكى چوڭ نەتىجىلىك مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى:
ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئەرلىك ئەزاسى تىكلىنىش تەقلىدىي ئاپپاراتى» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە 206-يىلى دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تارقىتىپ بەرگەن «ئىشلىتىلىشچان يېڭى تىپتىكى پاتنېت كېنىشكىسى»گە ئېرىشتى. مەزكۇر ئاپپارات مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. ئۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان، بىر نەچچە پارچە كىتاب يېزىپ چىققان. مەسىلەن: «ئەرلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش»، «جىنسىيەت ۋە روھ» قاتارلىقلار.
ئەركىن ھاشىم ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئارزۇ، تەۋرەنمەس روھنىڭ گەۋدىلەندۈرۈشىگە مۇختاج. بۇ ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىلا نامايەن بولغان.
#p#
كىچىكىدىن باشلاپ غايىگە ئىگە بولۇش
كۇچا ناھىيەسى جەنوبىي شىنجاڭغا جايلاشقان، قەدىمكى ئاتىلىشى كۈسەن، تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئەركىن ھاشىم مۇشۇ يەردە ياشىغان.
ئەركىن ھاشىم بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشقا تەڭ ياشتىكى بالىلار ھېچ نىشانسىز ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئاتا ئانىسىنىڭ تەلىمى ئاستىدا ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاساسىي ئوقۇش يېزىشنى ئۆگۈنۈپ بولغانىدى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە كىرىپلا نەتىنجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەركىن ھاشىم غايىگە ئىگە بولغانىدى.
كىچىك ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئارزۇسى پۇشكىندەك شائىر بولۇش ئىدى، كېيىن خۇا لوگېڭنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كىتاب ئۇنىڭ غايىسىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ ماتېماتىكا ئالىمى بولۇشقا نىيەت باغلىدى، چەكلىك شارائىت ئاستىدا، ئۆزى تېخى بىر قانچە كىچىك نەرسە ئىجاد قىلغانىدى.
ئەركىن ھاشىم دەل ماتېماتىكا ئالىمى دېگەن نىشانغا قاراپ تىرىشۋاتقان ۋاقىتتا، دادىسىنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۇنىڭ نىشانىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتتى، بۇ ۋاقىت دەل ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى يىل ئىدى، دادىسى ئۇنىڭغا: «پۈتۈن ناھىيەدە، ناھىيە باشلىقىدىن قالسىلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بىزنىڭ كۆز دوختۇرىمىز. دوختۇر گەرچە بىر ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ.» مۇشۇنداق قىلىپ، ئەركىن ھاشىم دادىسىنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئارزۇ توشقۇزغان ۋاقىتتا بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىغان ئىدى.
 
بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش
ھازىرقى ئەركىن ھاشىم خەنزو تىلىنى راۋان سۆزلەپلا قالماستىن، ئېنگلىز تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ. ئەمما، كىممۇ ئۇنىڭ ئوقۇشقا بېرىشتىن بۇرۇن بىر ئېغىزمۇ خەنزو تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭى بارغاندا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىقىم بولسا خەنزۇ تىلىنى سۆزلىيەلمەسلىك ئىدى.
بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشتىن بۇرۇن، ئەركىن ھاشىم مەكتەبنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ ئىككى يىل خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ئەركىن ھاشىم كىچىگىدىن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن چاغدا ھەتتا ئاددى خەنزۇچە سۆز جۈملىلەرنىمۇ پەرىقلەندۈرەلمەيتتى.
«غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 45 ئوقۇغۇچى بىللە دەرس ئوقۇدۇق، ھەممىسى ئۇيغۇر بىلەن قازاق ئوقۇغۇچىلار، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۇيغۇر، فاكۇلتېت مۇدىرىمىز خەنزۇ مۇئەللىم ئىدى، ئۇ كىرىپلا سۆزلەشكە باشلىدى، تەخمىنەن يېرىم سائەت، پۈتۈن خەنزۇچە سۆزلىدى، مەن بىر جۈملىنىمۇ چۈشەنمەي، تېخى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ تەرجىمە قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغانىدىم، لېكىن مۇئەللىم "مېنىڭ تەرجىمە قىلىشىم لازىممۇ؟ چۈشەندىڭلارمۇ؟"دەپ سورىغاندا، كۆپچىلىك بىردەك "چۈشەندۇق" دەپ جاۋاب بەردى، مەن ئۇ ۋاقىتتا خۇدىمنى يۇقاتقان ئىدىم، ئۆزەمگە ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەن مەن، بۇ ئىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆزەمنى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدىم....» ئۇ دائىم ئادەم يوق تاغ باغرىغا بېرىپ، ئاسمانغا قاراپ، قايتا قايتا مەشىق قىلىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە، كانىيىمۇ پۈتۈپ كېتەتتى.
1985-يىلى، ئىككى يىللىق تەييارلىق سىنىپنى تاماملىغان ئەركىن ھاشىم رەسمىي ھالدا بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردى.
#p#
گەرچە ئەركىن ھاشىم ۋە ھەمراھلىرى ئىككى يىللىق ئۆگىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇچە ئېغىزتىلى يەنىلا ئۆتكەلدىن ئۆتمىگەن ئىدى. ئەركىن ھشىم ئۆزىنىڭ يېڭى ياتاققا كىرگەن ۋاقتىدا، بىر جۈملە ئاددىي تۇرمۇش سۆزىنى دېيىش ئۈچۇن كاللىسىدىكى ئۇيغۇرچە تەپەككۇرنى كۆڭلىدە خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئىچىدە بىر قانچە قېتىم يادقا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىزىدىن چىقىرالايدىغان كۆرىنىشنى ئەسكە ئالدى؛ ئاشۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى بىلەن، مۇئەللىم تەلەپ قىلغاندەك خاتىرە قالدۇرالمىغان ۋاقىتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابىنى بايان قىلدى. ئۇ «مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىم» دەپ بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆگىنىش تۇرمۇشىغا يەكۈن چىقاردى.
 
غەربىي رايۇندا ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى تەسىراتى
ئەركىن ھاشىمنىڭ كارخانىسى چوڭايدى، لېكىن ئۇ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىغى بار بىمارلار ئۈچۈن يىگىرمە تۈمەنگە يېقىن داۋالاش پۇلىنى كېمەيتىپ بەردى، نامرات رايون، ئاپەت رايونىنى ئۈچ تۈمەن سوممىسىدىكى داۋالاش ئۈسكىنىسى ۋە دورىلار بىلەن تەمىنلىدى، ھەم نامرات چەت يېزىلارغا ئىچكىرلەپ كىرىپ ھەقسىز داۋالاش مەسلىھەت بېرىش بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ يەنە يىل بويى SOS كەنتىدىكى بالىلارغا ياردەم قىلىدۇ؛ ئىتتىپاق تەشكىلاتى بىلەن «ئۈمۈد قۇرۇلۇشى» كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، كۆپلىگەن رايوندىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە-پۇرات خىراجەتلىرىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ خىل ياردەمنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۈچ يۈزدىن ئاشتى.
غەربىي رايونغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر يېڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، ئەگەر پاك ۋىجدانى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايىغا قايتىشنى خالىسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىشى لازىم، ھازىر جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇن قائىدىسىمۇ باغانسېرى سۈزۈلۈپ، ھەممە ئىشتا ھەقىقىي قابىلىيەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، قەيەرنى پۈتتۈرۈشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، غەربىي رايونغا قايتىش چوقۇم ھەممە ئىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئوخشاشلا سوقۇلىدىغان، جەمئىيەت تەرىپىدىن سۈركىلىدىغان گەپ، شۇڭا يېتەرلىك روھىي تەييارلىق كۆرۈش لازىم. مېنىڭچە، ھايات نىشان بەلگىلەشكە مۇھتاج.»
ئەركىن ھاشىم شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ غەربدىكى خىزمەت تەسىراتىغا مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «بۇ يەر مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مەنبەسى، بۇ يەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن نەچچە تېمىم تەرىمنى ئارتۇق ئاققۇزۇش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىم.»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى