ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى

ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى

ۋاقتى: 2013-01-12 ئاۋاتلىقى: 470 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى (Washington Company Law)

ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى
بىر ئادەم ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويىدۇ، ئىككى ئادەم ئىشنى ئۆزئارا ئىتتىرىشىدۇ، ئۈچ ئادەم مەڭگۈ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بۇ بىزدىكى «ئۈچ راھىب» نىڭ ھېكايىسىگە ئازراق ئوخشايدۇ. ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ھەمكارلىقى ئادەم كۈچىنىڭ ئاددىي يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلىلا مۇرەككەپ ۋە نازۇك. ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى 1 دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا 10 ئادەمنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى بەزىدە 10 دىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا 1 دىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ. چۈنكى ئادەم جىم تۇرىدىغان ھايۋان ئەمەس، بەلكى يۆنىلىشى ھەرخىل بولغان ئېنېرگىيەگە بەكرەك ئوخشايدۇ، بىر-بىرىگە تۈرتكە بولغان ۋاقىتتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ، بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشقان ۋاقىتتا بولسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش نەزەرىيەسىدە، ھامكارلىشىش توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئانچە كۆپ ئەمەس، بۇنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى، ھازىر نۇرغۇن باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە ساھەلەرنىڭ تەشكىللەشتىن پايدىلىنىپ ئادەمنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى ئادەم كۈچىنىڭ بىكار سەرپ بولۇشىنى ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقۇرۇشنىڭ مەقسىتى ھەربىر ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشلىشىنى  قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى سەرپىياتنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش.

« ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى» نى يېشىش
ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى ھەمكارلىشىشنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، قانداق ھەمكارلىشىشنىڭمۇ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «بىر راھىب ئەپكەشتە سۇ توشۇپ ئىچىدۇ، ئىككى راھىب بىر چېلەك سۇنى تەڭ كۆتۈرۈپ توشۇيدۇ، ئۈچ راھىبنىڭ ئىچكىدەك سۈيى بولمايدۇ.» بۇ خىل چۈشەنچە دائىم بىزنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ.
بىر ئورۇن، بىر كارخانىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، باشقا جەھەتتىن سەۋەبىنى ئىزدىمەي، گۇناھنى «راھىب»نىڭ كۆپلىكىگە ئارتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خادىملارنى ئازايتىدۇ، ئىشتىن قالدۇرىدۇ.
ئەمما، ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس، بەزى ئورۇنلار، كارخانىلار خادىملىرىنى ئازايتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى ياخشىلانمايدۇ، «راھىب» ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىچكىدەك سۈيى بولمايدۇ.
قارىغاندا، ئىچىدىغان سۈيى بولۇش-بولماسلىقنىڭ راھىبنىڭ سانى بىلەن مۇقەررەر مۇناسىۋىتى يوق. قانداق قىلغاندا «ئۈچ راھىبنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بولماسلىق»تەك قىيىن ئەھۋالنى بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدۇ؟
 #p#
ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى: بىر راھىب بىز نۆۋەتلىشىپ ئەپكەشتە سۇ توشۇيلى دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، نەتىجىدە، سۇ ئىچىش مەسىلىسى ئوڭايلا ھەل بولىدۇ.

ھەل قىلىشنڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى: بىرىنچى راھىب ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەن سۇ توشۇغىن، مەن ئوتۇن ياراي، ئۇ تاماق ئەتسۇن دەيدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلىدۇ.

ھەل قىلىشنىڭ ئۈچۈنچى خىل ئۇسۇلى: بىرىنچى راھىب بىر ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كىم ئاكتىپلىق بىلەن سۇ توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالسا، ئىبادەتخانىغا چوڭ تۆھپە قوشقان بولۇپ، ماددىي ئەشيا تەقسىماتى، ۋەزىپىسى ئۆسۈش قاتارلىق جەھەتلەردە  ئالدى بىلەن سۇ توشۇغۇچى ئويلىشىلىدۇ، ئەگەر سۇ توشۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولسا، كاتتا مۇكاپات بېرىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا سۇ ئىچىش مەسىلىسى بىر مەسىلە بولمايدۇ، يەنە تېخى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ «مەنىۋى مەدەنىيەت» قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرۇشى   بىر يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدۇ.

ھەل قىلىشنىڭ تۆتىنچى خىل ئۇسۇلى: ئۈچ راھىبنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن چېلەك بېرىلىدۇ، ھەر قېتىم سۇ  توشۇغاندا ئۈچى بىللە  توشۇيدۇ. سۇ توشۇش جەريانىدا، ئۈچ راھىبنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى كۈچىيىدۇ، قارىماققا ھەر بىرى ئايرىم ئىش قىلغاندەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئوخشاش بىر چوڭ نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى باشقۇرۇشتا.
#p#
باشقۇرۇش ئىلھامى
بىز چوقۇم باشقۇرۇشتىن ئۈنۈم تەلەپ قىلىدىغان پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىشتىن باشلاپ، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ۋەزىپە ئېنىق، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئايدىڭ بولغان باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خادىملارنىڭ بىر پۈتۈن ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ رىقابەتلىشىشىگە، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق سەھنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئامال بار جاھاندىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئىشخانا سىياسىتى
ھەرقانداق بىر كارخانا، مەيلى ئىش تەقسىملىۋېلىپ ھەمكارلاشسۇن، ياكى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرسۇن، ۋەياكى پايدا تەقسىملىسۇن؛ چىقىش نۇقتىسى قانچىلىك پاك، ئادىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بەزى كىشىلەرنىڭ «سۇبيىكتىپ ئامىلى» سەۋەبلىك چىگىش-مۇرەككەپ، پەرق ئەتكىلى بولماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ «سۇبيىكتىپ ئامىل» لارنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدە ئاددىي بولغان يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋىتى، خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، ئىشخانىدا خۇددى كۈندە ئىس-تۈتەك ۋە ئۇرۇش ئوتى بولمىغان بىر   مەيدان ئېلىشىش يۈز بەرگەندەك بولىدۇ. مانا بۇ «ئىشخانا سىياسىتى»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى