ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4Ps بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى

4Ps بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى

ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 366 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 4Ps بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى
(يېڭلانغان 4P يۆنىلىشلىك بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى)

4Ps بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى (The Marketing Theory of 4Ps)


4Ps بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4P نەزەرىيەسى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، بازارشۇناسلىق بىرىكمىسى نەزەرىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن. 1953-يىلى، نېل بوردېن (Neil Borden) ئامېرىكىدىكى بازارشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىگە خىزمەتكە چۈشۈش نوتۇقىدا "بازارشۇناسلىق بىرىكمىسى"(Marketing mix) دېگەن ئاتالغۇنى ئىجاد قىلدى. بۇ بولسا بازار ئېھتىياجى ئازدۇر-كۆپتۇر مەلۇم دەرىجىدە ئاتالمىش "بازارشۇناسلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارى" ۋە "بازارشۇناسلىق ئامىلى" نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مۇئەييەن بولغان بازار تەسىرىنى قوغلىشىش ئۈچۈن، كارخانا مۇشۇ ئامىللارنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەڭ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


بازارشۇناسلىق بىرىكمىسى ئەمەلىيەتتە ئون-نەچچە ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  (بودېن ئوتتۇرغا قويغان بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىلا 12 ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئىچىگە ئالىدۇ)، جېلو مەيكاشى (McCarthy) 1960-يىلى «ئاساسىي بازارشۇناسلىق» (Basic Marketing) ناملىق كىتابىدا بۇ ئامىللارنى يىغىنچاقلاپ 4 تۈرگە ئايرىغان: مەھسۇلات(Product)، باھا(Price)، سېتىش يولى(Place)، سېتىشنى تېزلەشتۈرۈش (Promotion)، يەنى داڭلىق بولغان  4Ps نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1967-يىلى، فىلىپ كېتىل ئۇنىڭ بازارلىق كىتابى «بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشى: تەھىلىل قىلىش، پىلانلاش ۋە تېزگىنلەش» نىڭ بىرىنچى نەشىرىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 4Psنى مەركەز قىلىپ بازارشۇناسلىق بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يەنى: مەھسۇلات(Product): ئىقتىدارىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدە بولغان سېتىش نۇقتىسىنى تەلەپ قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدار تەلىپىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش.


باھا(Price): ئوخشاش بولمىغان بازار ئورنىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان باھا تاكتىكىسىنى تۈزۈپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ باھا تاكتىكىسى كارخانىنىڭ ماركا ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن بېكىتىلىپ، ماركىنىڭ ساپلىق مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

سېتش  يولى(Place): كارخانا ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يۈزلەنمەستىن بەلكى سودىگەرنى تەربىيەلەش ۋە توردىكى سېتىشنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كارخانا ۋە خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئارقىلەق ئورۇندىلىدۇ.

سېتىشىنى تېزلىتىش(Promotion): كارخانا سېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خېرىدارنى غىدىقلاپ، قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت (مەسىلەن: پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، بىرنى سېتۋالسا بىرنى سوۋغا قىلش، سېتش نەق مەيدان مۇھىتى قاتارلىقلار) ئستېمالنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىپ، باشقا ماركا خېرىدارلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ ياكى ئالدىن ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق سېتىشنى ئاشۇرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى