ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باشقۇرغۇچى خادىملار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟

باشقۇرغۇچى خادىملار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-03 ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 باشقۇرغۇچى خادىملار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟

 

جاۋاب: تۇرمۇشتا بەزى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئىش قۇرۇلۇش ساھەسىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، بىخەتەر ئەمگەك مۇھىتى ۋە شارائىتى ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.

ئەمگەك بىخەتەر مۇھىتى ۋە شارائىتى جەھەتتە، ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ھوقۇقى ۋە بۇ ئىككى تۈرلۈك ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

 

1. ئەمگەكچى ئەگەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ باشقۇرۇشىنى، مەجبۇرىي ھالدا خەتەرلىك مەشغۇلات قىلدۇرۇشىنى رەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ۋە ئەمگەكنى قىلمىسا، بۇ قىلمىشى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارالمايدۇ، ئاقىۋىتىنى يەنىلا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.


2. ئەمگەكچىلەر ھايات بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان ئەمگەك شارائىتىغا قارىتا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننى ئەيىبلەشكە، پاش قىلىشقا ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى