ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانىغا دائىر تۆلەم دەۋاسى قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانىغا دائىر تۆلەم دەۋاسى قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مامۇت بارات
ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك مەھسۇلاتلار تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانىغا مۇناسىۋەتلىك زىيانلارنى تۆلەشكە دائىر تالاش- تارتىشلارمۇ يۈز بەرمەكتە . مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش- تارتىشلار ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانى تۈپەيلىدىن جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك جەھەتتە ئۇچرىغان مۇناسىپ زىيانلىرىنى تۆلىتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەق تەلەپ دەۋا پائالىيىتىدىن ئىبارەت. ئىستېمالچىلار ھەقتىكى دەۋا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانىغا مۇناسىۋەتلىك زىيانلارنى تۆلەشكە دائىر دەۋالارنى قىلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :
1. مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسانى تۈپەيلىدىن بولغان زىياننى تۆلەش دېلولىرىدا دەۋالاشقۇچىلارنى توغرا بېكىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنداق دەۋالاشقۇچىلار زىياننى تۆلىتىشكە ھوقوقلۇق تەرەپ ۋە زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى بار تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىياننى تۆلىتىشكە ھوقوقلۇق تەرەپ مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن ماددىي ۋە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغۇچى، مەھسۇلاتنى سېتىۋالغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى بار تەرەپ- نۇقسانى بار مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن دەۋادا كىمنىڭ جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسانى تۈپەيلىدىن بولغان زىياننى تۆلەش دېلولىرىدا مەھسۇلاتنى ساتقۇچىمۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىمۇ جاۋاپكارلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. يەنى ھوقوقى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ساتقۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسىمۇ، تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسىمۇ، ھەتتا ھەر ئىككىسى ئۈستىدىن دەۋا قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

2. دېلونى قايسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك . «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 19- ماددىسىدا : «ھوقوققا دەخلى- تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن قىلىنغان دەۋالار دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى جاۋاپكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا ھوقوققا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلولىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەم قىلمىش سادىر قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەم قىلمىش سادىر قىلغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ھوقوقى دەخلى -تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىلار بۇ ئىككى جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايسى بىرسىگە دەۋا قىلسا بولىۋېرىدۇ . ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ . قايسى بىر سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا قۇلايلىق بولۇشنى ئاساس قىلىپ تاللىسا بولىدۇ.
3. بۇنداق دېلولاردىكى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسانى تۈپەيلىدىن بولغان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا ، دەۋاگەر پەقەت ئۆزى ئۇچرىغان زىياننىڭ شۇ مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىلا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ، زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسىلا بولىدۇ. جاۋاپكار تەرەپ ئۆزىدە سەۋەنلىك بار- يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دىگەنلىك دەۋاگەر ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات كۆرسەتمىسىمۇ دەۋادا يېڭەلەيدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. دەۋاگەرمۇ زىياننى تۆلىتىۋالىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۆزىگە بولغان مال- مۈلۈك ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان بولغانلىقىدەك پاكىت ھەم بۇ زىياننىڭ مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى كېرەك.
4 . دەۋا سۈرۈكىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك . «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سېتىۋالغۇچى سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسانى تۈپەيلىدىن ماددىي ۋە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، جاۋاپكاردىن زىياننى زىياننى تۆلىتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلىشنىڭ سۈرۈكى ئىككى يىل بولۇپ، بۇ سۈرۈك ۋاقتى ئىستىمالچى ئۆزىنىڭ ھوقوقى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولغانلىقى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقوقى زىيان پەيدا قىلغان مەھسۇلات خېرىدار ياكى ئىستىمالچىغا تاپشۇرغاندىن باشلاپ ئون يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما بىخەتەر ئىشلىتىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولسا، بىخەتەر ئىشلىتىش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىرى بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
5 . تەلەپ قىلىشقا بولىدىغان تۆلەمنىڭ دائىرىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر تۆلەم دېلولىرىدا تەلەپ قىلىنىدىغان تۆلەمنىڭ دائىرىسى ئادەتتە مەھسۇلاتىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن دەۋاگەرگە بولغان مال- مۈلۈك زىيىنى، جىسمانىي زىيان ۋە روھىي زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مال- مۈلۈك زىيىنىنى تۆلەش ئاساسلىقى جاۋاپكارغا مال- مۈلۈكنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرگۈزۈش ياكى پۇلغا سۇندۇرۇپ تۆلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. جىسمانىي زىيان دىگىنىمىز- داۋالىنىش چىقىمى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈش ھەققى، ئىشتىن قالغان مەزگىلدىكى كېمىيىپ كەتكەن ئىش ھەققى، مېيىپ بولغانلارنىڭ مېيىپلىق ياكى ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، مېيىپلىق قورال- سايمان پۇلى ياكى دەپنە چىقىمى، بېقىلغۇچىلارنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش راسخۇتى، جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ روھىي زىيان تۆلىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولغانندا مۇشۇ دائىرە ئىچىدە تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋالدا، يەنى: (1) تېخى ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلمىغان مەھسۇلات بولسا؛ (2) مەھسۇلات ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان چاغدا زىيان پەيدا قىلىدىغان نۇقسانى مەۋجۈت بولمىغان بولسا؛ (3) مەھسۇلات ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان چاغدىكى پەن- تېخنىكىنىڭ سەۋىيىسى شۇنداق نۇقساننىڭ مەۋجۈتلۇقىنى بايقىيالمىغان بولسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئىستىمالچىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت نۇقسانى تۈپەيلىدىن بولغان مال- مۈلۈك ۋە جىسمانىي زىيىنىغا قارىتا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدا، يەنى: (1) مەھسۇلاتتىكى نۇقساننىڭ مەۋجۈت بولۇشىدا ساتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بولمىسا، (2) ساتقۇچى نۇقسانى بار مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بولسا، ئۇ ھالدا ساتقۇچى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى