ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تۆتىنچى]

[تۆتىنچى]

ۋاقتى: 2016-06-22 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «[ئۈچىنچى]» بۇ يەردە!

 

[تۆتىنچى]

 

توردا تارقالغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر چوڭ ئەمەلدارنىڭ ئوغلى چەتئەلدە مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە پۇل-مۇئامىلە ياكى MBA ئوقۇيدۇ-دە، كېيىن بىر مەبلەغ سېلىش بانكىسىدا خىزمەت قىلىپ ئازراق پۇل توپلىغان بولسا كېرەك، پۇلى بولمىسىمۇ، مۆلچىرىمچە باشقىلار ئۇنىڭغا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدۇ.

 

ئۇسۇلى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر دۆلەت ئىچىدە يېقىلغۇ گاز تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، لېكىن تىجارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان پاېچېكى بازارغا سېلىنغان شياڭگاڭ شىركىتىنىڭ پايچېكىنى ھەدەپ سېتىۋاپتۇ. ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ نورمال يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىپ ھەم باشقۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم چوڭ پايچېكى كونترول قىلىنىدىغان نېفىت شىركىتىنى زور مەبلەغ چىقىرىپ بۇ يېقىلغۇ گاز شىركىتىگە پاي قوشقۇزۇپتۇ. بۇ ئەمەلدار ئوغلى ئەلۋەتتە بۇ يېقىلغۇ گاز شىركىتىنىڭ لېدىرى بولىدۇ-دە. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، يېقىلغۇ گاز شىركىتىنىڭ پايچېكى باھاسى ئۇدا ئۆسۈپ، ئىككى ئاي ئىچىدە بىر قاتلىنىپتۇ. پايچېكى بولسا ئەسلىدىكى ئەخلەت پايچەكتىن ئىتتىك پايچەككە ئايلىنىپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغىنىنى پەرەز قىلالايمىز، چوڭ ئەمەلدارنىڭ ئوغلىمۇ كاتتا بايغا ئايلىنىپتۇ.

 

باھا: بۇ مىسال تىپىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسى بىلەن بايلىق ياراتقان مىسال. گەرچە ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنىڭغا ھەرخىل گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن مەن ئىشىنىمەن، بۇنداق ئاقىل ئەمەلدار ئوغلى ھەرگىز بۇ سەۋەبلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلمايدۇ. چۈنكى ھەممە ئىش ئۆز يولى بويىچە بولغان، قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ. مىسالدىكى تىجارەتكە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى دېمىسىمۇ بىلىمىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى