ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى تاختا كومپيۇتېر --بىلكان پەدنىڭ ئىختىراچىسى

ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى تاختا كومپيۇتېر --بىلكان پەدنىڭ ئىختىراچىسى

ۋاقتى: 2015-08-19 ئاۋاتلىقى: 1176 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەدياسىن، بىز سىزنى«بىلكان پەد» ئارقىلىق تونۇدۇق، ئۆزىڭىزنى ئۆز ئېغىزىڭىزدىن بىلىپ باقساق دەيمىز.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەن 1977-يىلى چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما يېزىسىدا، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە چوڭ دادامنىڭ تەربىيەسىدە بولغان. باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا مەنمۇ كىچىكىمدە نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىققان. شۇ چاغلاردا سەرەڭگە قاپلىرىنى ئۇزۇن يىپ بىلەن باغلاپ،«تېلېفون» دەپ ئاتىۋېلىپ، سۆزلىشىپ ئوينايتتۇق، سەرەڭگە تېلىنى سېلىپ ئېتىلدۇرىدىغان ئويۇنچۇق تاپانچىلارنى ياساپ باشقىلارغا سېتىپ يۈرگەنلىرىممۇ يادىمدا بار، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەزگىلىدىن باشلاپ باتارېيە ئىشلىتىشكە تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل، كىچىك، توكلۇق بۇيۇملارنى ياساپ ئوينىغان. شۇ چاغلاردىلا مەندە ئېلېكتىرون ئىلمىگە بىر ئوت تۇتاشقان چېغى. شۇ ئوتنىڭ مېھرى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىغا كېلىپلا دەرستىن سىرتقى فىزىكا كۇرجىكىغا كىرىۋالدىم. بۇ يەردە مەن بۇرۇنقى فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قالدۇرغان نۇرغۇن«ئەسەر»لىرىنى كۆرۈپ چىقتىم، كۇرجىكتىكى بالىلارمۇ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەن. بىرلىكتە«تاسقاش ماشىنىسى»،«ئېلېكتىرونلۇق بۆشۈك» قاتارلىق كۆپ نەرسىلەرنى ياسىدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زور ئىلھام بولدى. ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتىرون ئۇچۇر ئىنژېنېرلىقى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، بۇ كەسىپتە تولۇق كۇرسنى تاماملىدىم. ئىستۇدېنتلىق ھاياتىمدا ئاساسلىقى يۆنىلىشلىك ھالدا سىڭدۈرمە سىستېما ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر نەچچە كومپيۇتېر ئىجادىيەت تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىدىم، ماشىنا ئادەم ئىلمى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر لايىھەلەش ۋە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئاساس سېلىۋالدىم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، تەجرىبىخانا ۋە فاكۇلتېتقا قاراشلىق«ئېلېكتىرون ئىجادىيەت تەجرىبىخانىسى»، قىزىل تاغدىكى تېڭۋىي ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى مېنىڭ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشىمگە ياخشى مەيدان بولدى.
تەجرىبىخانىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئاساسىي جەھەتتىن چەكلىك دائىرىدىكى تەجرىبىلەرگىلا ماس كەلگەچكە، كېيىن تەجرىبە سايمانلىرىنى ئۆزۈم سېتىۋېلىشقا توغرا كەلدى. شۇ چاغلاردا شىركەت، شەخسلەرگە ھەر خىل باشقۇرۇش سىستېمىلىرى، تور بېكەت تۈزۈپ بېرىپ تاپقان تاپاۋەتلىرىمگە تايىنىپ، ئېلېكتىرون ئىجادىيىتىگە ئائىت ھەر خىل ئۈسكۈنە-سايمانلارنى سېتىۋېلىپ، دەرسلىكتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەجرىبە قىلىپ ماڭدىم. يېڭىسىنى ئالالمىسام، كونىسىنى تېپىپ ئالدىم، ئۇچراشقان نەرسىلەر، تەجرىبىلەر كۆپەيگەنسېرى كەسپىي سەۋىيەممۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ قالدى.«كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى» قاتارلىق بەزى ئىجادىيەتلىرىم مەكتەپ ئىچىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.«ئىنتېرنېت تورىدا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يىراقتىن كونتروللاش» ناملىق تۈردە ئىنتېرنېت، كومپيۇتېر ۋە سىڭدۈرمە سىستېمىلار زىچ بىرىككەن بىر قۇرۇلمىنى ئۈزۈم لايىھەلەپ، ياساپ چىقتىم. بۇ قۇرۇلمىدا يان تېلېفونداGPRS  ئارقىلىق يىراقتىن ئۆي ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزىتىش، كونترول قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق كەسىپ ساھەسىدىكى خېلى يۇقىرى ھېسابلانغان تېخنىكىلارنى قوللىنىش سەۋىيەسىگە ئىگە بولدۇم.
ئارىدا ئوقۇشۇمنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، دوستلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن شېنجېن شەھىرىگە بېرىپ، كەسىپ جەھەتتىكى ئەمەلىي بىلىملىرىمنى تولۇقلىدىم، شەرقى شىمال دارىلمۇئەللىمىنگە بېرىپ، ياپون تىلىدىن بىلىم ئاشۇردۇم.
#p#
ئېلېكتىروننىڭ سەزگۈسى ھېسابلانغان سېنزور تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم ياساپ چىققان«ئىزچى ماشىنا ئادەم» ساۋاقداشلارنىڭ قىزىقىشى، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلىك، ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلىرىم نەتىجىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاخىرقى ۋاقىتلىرىمدا ھەر قانداق بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى لايىھەلەپ كومپيۇتېردا ئالدىن تەقلىدلەش، توك يولى سىزىپ چىقىش، بېسىش قاتارلىقلارنى قىلالايدىغان، يۇمشاق دېتال پىروگراممىسىنى تۈزەلەيدىغان بولدۇم.
ئوقۇش تاماملانغاندىن بېرى، بىر قانچە كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى يۇقىرى ئېقىمغا ئايلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات سىستېمىسىAndroid  ۋە قوللانما ئۈسكۈنىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
 
سىز  يۇقىرىدا«سىڭدۈرمە سىستېما» دېگەن بىر سۆزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز، ئۇ قانداق سىستېما؟ تۇرمۇشىمىزدا قانداق قوللىنىشى بار؟
سىڭدۈرمە سىستېمىمۇ چوڭ جەھەتتىن بىر كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتىكى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ئوخشاش قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تۈزۈلىدۇ. لېكىن ئىنچىكىلەپ كەلسەك، سىڭدۈرمە سىستېما ئادەتتىكى كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن يەنىلا چوڭ پەرق قىلىدۇ. تۈپكى پەرق ئۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك مەخسۇسچانلىقىدا. يەنى ئۇ ئىشلەتكۈچىگە، مەھسۇلاتقا، تاپشۇرۇق (ۋەزىپە)قا قارىتا يۈكسەك دەرىجىدە مەخسۇسلاشتۇرۇلغان، سىستېما مۇقىملىقى، ئىقتىدارى، تەننەرخى، جىسمى (ھەجىمى) ۋە سەرپىياتىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلىدىغان مىكرو كومپيۇتېر سىستېمىسىدۇر. بىر سىڭدۈرمە سىستېمىدا قاتتىق، يۇمشاق دېتاللار ئۆزى بېجىرمەكچى بولغان ئىش سالمىقىغا قاراپ«جىسمى» تەڭشىلىدۇ، ئىقتىدارلىرى بېكىتىلىدۇ. شۇ ئاساستا قاتتىق دېتالغا بىردىنبىر ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتالى تۈزۈپ چىقىلىپ قاتتىق دېتالغا سىڭدۈرۈلىدۇ (ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ماس ئورۇنغا قويۇلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىر سىڭدۈرمە سىستېما پۈتۈنلىنىدۇ. بۇ سىستېما پەقەت ئالدىن بېكىتىلگەن ئىقتىدارلاردىن باشقا ھېچقانداق سىرتقى ئىقتىدار ئىپادىلىيەلمەيدۇ. ئىشلەتكۈچى ئۇنىڭ قاتتىق ياكى يۇمشاق دېتالىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باشقا ئىقتىدار قوشالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭ قاتتىق، يۇمشاق قىسمى ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، ئۆزى بېجىرمەكچى بولغان ئىشقا نىسبەتەن مەخسۇسلاشقان بولىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ ئۇنىۋېرسال بولغان كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن پەرقى دەل مۇشۇ يەردە.
بىر كىچىك ئېھتىياج ئۈچۈن، ئادەتتىكى كومپيۇتېرنى«ئاۋارە» قىلىش بايلىق ئىسراپچىلىقى ئەلۋەتتە، شۇڭلاشقا كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزى كىچىك، تەننەرقى بەكلا ئەرزان سىڭدۈرمە سىستېما مەيدانغا كەلگەن. دېمەك، ئۇ مىكرولاشتۇرۇلغان بىر كومپيۇتېردۇر. ئۇ ئائىلىدىن ئالەم قاتنىشىغىچە ئىنتايىن كەڭرى قوللىنىلىدۇ. ئومۇمەن زامانىۋى ئېلېكتىرون تېخنىكىسىدا ئۇنى قوللانمايدىغان ساھە يوق، ئۇنى قوللانماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. قولىمىزدىكى يان تېلېفوندىن باشلاپ، ماشىنىمىزدىكى ھەر خىل ئالاھىدە ئىقتىدارلار، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىڭدۈرمە سىستېما مەۋجۇت. نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان«ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر»نىڭ ھەممىسى سىڭدۈرمە سىستېمىنىڭ مەھسۇلىدۇر، جۈملىدىن«بىلكان پەد»مۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
 #p#
«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنى ئاساسىي نىشان قىلىپ تاللاپ قالدىڭىز؟
«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنە دائىرىسى بەك چوڭ بولۇپ، ھەر قايسى يېڭى تېخنىكا دەۋر-باسقۇچلىرىدا ئۆزىگە خاس تەبىر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە»لەرگە بولغان ئۆلچەم-تەلەپلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر خىل ساھەلەرنىڭ تەلەپلىرىمۇ بىر-بىرسىدىن پەرقلىنىدۇ. ھازىرغا كەلگىچە كۆپ ساھەلەردە ئۈسكۈنىگە چۈشكەن تاپشۇرۇق (ۋەزىپە)نى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى ئۆزلۈكىدىن بېجىرەلەيدىغان ئۈسكۈنىلەر »ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە» قاتارىدىن سانىلىپ كەلگەن (بەزى ساھەلەردە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆلچىمى يەنىلا مۇشۇنداق ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ). مەسىلەن: ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە يورۇقلۇق، ئاۋاز ۋە تېگىشىشنى سېزەلەيدىغان ئۈز-چات كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە بىنا كارىدورلىرىغا، ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپرەك ئورنىتىلىدۇ. بۇ ئۈز-چات كەچ كىرگەندە (يورۇقلۇق بولمىسا)، يېقىن ئەتراپقا ئادەم كەلگەندە (تىۋىش ئاۋازىنى  سېزىدۇ) ئۆزلۈكىدىن چېتىلىپ لامپىنى يورۇتىدۇ. لامپىنى يورۇتۇپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتا ئادەم بايقىمىسا (تىۋىش ئاۋازىنى  سېزەلمىسە)  ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ لامپىنى ئۆچۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ بىر ئاددىي ئۈسكۈنىمۇ ئۆز ساھەسىدە بىر«ئەقلىي ئىقتىدارلىق» ئۈسكۈنە بولىدۇ. شۇڭلاشىقىمۇ ھازىر بازارلاردا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن تاماملىيالايدىغان بەزى ئىقتىدارلىرىنى بەكرەك نامايان قىلىش ئۈچۈن،«ئەقلىي ئىقتىدارلىق» دەپ قوشۇۋېلىشمۇ بىر ئېقىم بوپقالدى. ئەمما بەزى ساھەلەردە بۇ ئۆلچەم ئاللىقاچان ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالغان. بۇ ئەھۋال ئومۇمىي، زۆرۈر ئېھتىياجغا ئايلانغان ساھەلەردە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ. جۈملىدىن سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسى. تۆۋەندە مۇشۇنى بويلاپ سۆزلەپ ئۆتەي.
بۇ ئۇقۇمنىڭ سىمسىز ئالاقە ساھەسىدىكى قوللىنىشىدىن مىسال ئالساق، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان«ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون» تىپىكرەك مىسال بولالايدۇ. نۆۋەتتە بۇ ساھەدە ئالما تېلېفونلىرى،Android  ۋە Windows  تېلېفونلىرى«ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون» دەپ قارىلىدۇ. بۇ سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇشتەك بىر ئورتاقلىقى بار. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى تېلېفوننىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان قورال پىروگراممىلىرى ئۈچۈن سۇپا بولۇپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كۆپلىگەن قوللانما پىروگراممىلارنىڭ بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ھەر قانداق ئۈسكۈنىدە نورمال يۈرەلىشىدەك ئەۋزەل مۇھىت ھازىرلىغان. شۇ ئارقىلىق تېلېفون ئىقتىدارىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆستۈرگىلى بولۇش تەلىپى ئورۇندالغان ھەمدە ئۆز ساھەسىدە«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر» ئۆلچىمى بولغان بۇ سىستېمىمۇ«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. دېمەك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە---ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە، ئاۋۇتۇشقا بولىدىغان ئۈسكۈنىلەردۇر.
لېكىن مېنىڭچە، بۇرۇنلاردىكى«كۆپ ۋاسىتە ئىقتىدارى» دېگەن ئۇقۇم ھازىر تۆردىن قالغاندەك، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ تەبىرنىمۇ تولۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر تولۇقلاش كېرەك بولسا پەرىزىم:CPU ، ئېكرانىنىڭ چوڭلۇقى، ئېنىقلىقى، سەزگۈرلۈكى قاتارلىق قاتتىق دېتال ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ھېس قىلالايدىغان ۋە ماس ئىنكاس قايتۇرالايدىغان دېگەن تولۇقلىمىلار بېرىلىشى مۇمكىن.
#p#
مەن مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغان، ئوقۇغاندىمۇ ياخشى ئوقۇپ مەكتەپتىلا يۇمشاق ھەم قاتتىق دېتال ساھەسىدە بەلگىلىك ئاساس تىكلەپ، تەبىئىي يوسۇندا بۇ بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدىم. بىزدە ئېلېكتىرون-ئۇچۇر كەسپىدە كەسپىي ئىقتىساسلىقلار بەك كەمچىل. بۇ كەسىپلەردە مەخسۇس ئوقۇغانلارمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. شۇڭا ھەمكارلىشىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا كېرەكلىك ئىقتىساسلىقلار كۈچىمۇ چەكلىك. ئېلېكتىرون-ئۇچۇر كەسپىدىكى سىڭدۈرمە سىستېما ئىجادىيىتىدە ئىجادكارغا نىسبەتەن قۇلايلىق ھەم ئىجادىيەت سالمىقى تۆۋەنرەك بولغىنى«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر» ئىجادىيىتىدۇر. شۇڭا مەن ئىجادىيەت قۇلايلىقى ۋە ئىجادىيەت كۈچى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئالدى بىلەن مۇشۇ ساھەنى تاللىدىم.
يەنە بىر جەھەتتىن زامانىمىزدىكى دائىمىي ئىستېمال ئېلېكتىرونىدا ئېھتىياج خىلمۇ-خىل، ئېھتىياج توختاۋسىز كۆپىيىدۇ. ھەر بىر ئېھتىياج ئۈچۈن بىر ئۈسكۈنە ئېلىپ يۈرۈش تېخى ئەپسىز. بۇنداق زور ھەم زۆرۈر ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپلىك چارىسى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان مەلۇم  ئۈسكۈنىنى«ئەقلىي ئىقتىدار»لاشتۇرۇش، بۇنداق بولغاندا ئىستېمالچى ئۆزىگە كېرەكلىك خالىغان ئىقتىدارنى ئۈسكۈنىگە ئۆزى قوشالايدۇ، كۆڭلىدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ساھە كەلگۈسىدە ئېھتىياج كۆپ چۈشۈدىغان تەرەققىيات ئىستىقبالى بار ساھە. ھازىر ئىستېمال قىلىۋاتقان ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرىنى«ئەقلىي ئىقتىدار»لاشتۇرۇپ، مەلۇم بىر ئۈسكۈنىنى كۆپ ساھەدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىش كىشىلەر ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىقتىدار. شۇڭا مەن بۇ يوشۇرۇن بازارنى -«ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات سىستېمىسى» بولغانAndroid  نى تاللىدىم.
 
Android ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسىڭىز؟
Android نىڭ سۆز مەنىسى«ماشىنا ئادەم». بۇ سىستېماGogole  شىركىتى ھەقسىز تارقاتقان، ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن، يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. سىستېما يادروسىLINUX  بولۇپ، نۆۋەتتە يان تېلېفوندىن باشقا يەنە تاختا كومپيۇتېرلاردىمۇ كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 2012-يىلى 2-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرە، Android نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىكى قوللىنىش نىسبىتى %52.5 بولۇپ، بۇ نىسبەت ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. قوللىنىش ساھەسىمۇ ئىستېمال ئېلېكتىرونىدىن ھالقىپ، سانائەت، مېدىتسىنا قاتارلىق باشقا ساھەلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلماقتا. نۆۋەتتەNokia  دىن باشقا دۇنياغا داڭلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسىمى دېگۈدەك ئۆز مەھسۇلاتلىرىغاAndroid  نى ئاساسىي مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى Android نىڭ مەيدانغا كېلىشى، پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى بىلەن ئۆزىنىڭ زامانلاردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، زور مەبلەغ بىلەن يېڭىدىن ئىختىرا قىلىنغان سېستېمىلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتى. كەسىپ رىقابىتىدە سەپتىن چۈشۈپ قالغان كارخانىلارمۇAndroid  بىلەن قايتىدىن گۈللەپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتتى.Android  تەرەققىياتىدا بۇ چوڭ كارخانىلارنىڭ رولى پەۋقۇلئاددە چوڭ ئەلۋەتتە.
#p#
G3 تورىنىڭ كېڭىيىشى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇرۇنقى تېلېفون ئۇرۇپ، خەتلىك ئۇچۇرلارنىلا قوبۇل قىلالايدىغان يان تېلېفونلار ھازىر سىنلىق سۆزلىشىدىغان، تور بېكەتلەرنى بىمالال كۆرەلەيدىغان بولدى. قاتتىق دېتال تەرەققىيات سۈرئىتى جەھەتتىنمۇ شەخسلەر كومپيۇتېر تەرەققىياتىدىن ئېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە G3 تورىنى قوللايدىغان بولۇش ئەقەللىي تەلەپكە ئايلاندى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنى مۇشۇنداق يۇقىرى قاتتىق دېتال مۇھىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان يۇمشاق دېتال سىستېمىسىAndroid  بولدى. شۇنىڭ بىلەن زامانىمىزدىكى ئىلغار قاتتىق دېتاللار سەپلەنگەن، Android نى مەشغۇلات سىستېمىسى قىلغان، كومپيۇتېرغا ئوخشاش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدىغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك كۆچمە توردىن بىمالال پايدىلىنالايدىغان كۆچمە ئۈسكۈنە-«ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون» پەيدىنپەي شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ ئائىلىلەردىكى مونوپوللۇق ئورنىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. سىستېمىنىڭ بۇنداق زور كۆلەمدە كېڭىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى كېلىش مەنبەسىنىڭ ھەقسىز ۋە كودىنىڭ پۈتۈنلەي ئوچۇق ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
 Androidسىستېما ئىجادىيەت تىلى ئاساسلىقى مۇنەۋۋەر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تىلى بولغانJAVA  بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك يۇمشاق دېتال ئىجادكارلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئەۋزەللىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ سىستېما ئۈستىدە يۈرىدىغان ئەپلەر سانىمۇ نەچچە مىليونغا يەتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھەر قانداق بىر كومپيۇتېر تىلى ئۆگەنگەن ئادەمگەAndroid  ئىجادىيىتىگە كىرىشىش ناھايىتى ئوڭاي. ئىستۇدېنتلىرىمىز بوش ۋاقىتلىرىدا ئازراق ۋاقىت، زېھىن قويسا تېزلا ئىگىلىيەلەيدۇ. ئەگەر ئۆزىدە بار بولغان تەسەۋۋۇر، تەپەككۇرلىرىنى ئازراقلا ئىشلىتىپ قويسا، ئوبدان«ئەسەر»لەرنى يارىتالايدۇ. ئۆز«ئەسەر»لىرىنىGoogle  ئەپ بازىرى ئارقىلىق، ياتىقىدا ئولتۇرۇپمۇ جاھانغا جاكارلىيالايدۇ. ئۆزى لاياقەتلىك دەپ قارىغان بىر ئەپنى بىر پۇڭ پۇلغا ساتسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىقAndroid ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ خېرىدارغا ئايلىنىدۇ. ناۋادا بۇنداق پۇرسەت كىمگە نېسىپ بولسا، ئۇ ئاتا-ئانىسى بەرگەن خىراجەتكە تايىنىش ئەمەس، مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئاتا-ئانىسىنى خىراجەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىش ئورنى ۋە پۇل تېپىش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ قالمايدۇ. بۇ تولۇق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن بولغان بىر ئەمەلىي مىسال، خالاس.
ئەسلىAndroid  ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال قوللىمايدىغان بولۇپ، ئىجادىيەت ئەترىتىمىزدىكى تۆھپىكارلارنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىشى، تىل-تەرجىمە ئەھلىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىقنى مۇكەممەل قوللايدىغان، ئۇيغۇرچە تىل قوشۇلغان«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات سىستېمىسى» 2011-يىلى 5-ئايدا بىلكان تەجرىبىخانىسىدا دۇنياغا كەلدى، ھەم يان تېلېفونغا ماسلاشتۇرۇلۇپ توردا تارقىتىلدى. شۇندىن بېرى ئەل ئارىسىدا تارقاپ تىل-يېزىقىمىزنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىكى كۆركىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرچە Android ئۈچۈن ئىگە تەرەپ بەلگىسى بولغان يېشىل رەڭلىك ماشىنا ئادەم قونچىقىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدۈرۈپ، مۇشۇ بەلگىنى ئالاھىدە سىمۋول قىلىپ ئىپادىلىدۇق. شۇندىن بېرى دوپپا كىيگەنAndroid  خەلقىمىز ئۈچۈن سالامدا تۇرۇپ كەلدى.
#p#
بۇنىڭدىن كېيىنكى زامانىۋى ئېلېكتىرون تەرەققىياتىدا كۆچمە تورنىڭ توختاۋسىز كېڭىيىشى مۇقەررەر، قوللىنىشى چەكسىزدۇر. ھەرخىل كۆچمە تور تېرمىناللىرىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزگە مۇنداق بىر يېڭى خىزمەت ئېقىمى شەكىللىنىدۇ. يەنى، بۇرۇنقى ئىنتېرنېتقا تايانغان، يەككە كومپيۇتېرلارغا بېجىرىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەر تەدرىجىي كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئورۇن يۆتكەپ، كۆچمە تورنىڭ قوللىنىشى دائىرىسىنى توختاۋسىز كېڭەيتىدۇ. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا كۆچمە تورنى ئاساس قىلغان، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئىجادىيىتىگە بولغان زور بىر ئېھتىياجنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر ساھە بولغاچقا تەرەققىيات پۇرسىتى كۆپ. شۇڭا ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىستۇدېنتلىرىمىز، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىزغا تەۋسىيەم: مۇشۇ ساھەنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزسە مېنىڭچە ھەر قايسى جەھەتتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.
 
بۇ جەھەتتە قانچىلىك ئەمەلىي خىزمەت قىلدىڭلار ۋە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار؟
ئۇيغۇرچەAndroid  سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى خېلى ئۇزۇن مۇساپە ۋە جاپالىق جەريان بولدى. ئالدى بىلەن ئىجادىيەت سېپىنى تۈزۈپ بىلكان تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ ئىجادىيەت كوللېكتىپى ئىچىدە ئاخىرى بۇ خىزمەتتىن كۈتكەن نەتىجە ئالدۇق. قىلىنغان خىزمەتلەر ئاساسلىقى ھەتتا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ھەر قانداق تىل-يېزىق تېخى مۇكەممەل بىر تەرەپ قىلىنمىغان بۇ سىستېمىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى سىستېمىنىڭ يادرولۇق قوللىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇندا نورمال كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىشلەنگەن تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ياساپ، سىستېمىنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، سىستېمىدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياساپ چىقىش، يان تېلېفونغا مـــاسـلاشتۇرۇپ ھەقسىز تارقىتىش، سۈپەتلىك قاتتىق دېتال مۇھىتى ھازىرلاپ مەھسۇلاتلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ خىزمەتلەر تولۇق نەتىجىلىك بولدى. لېكىن بۇ جەرياندا بىز ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالمىدۇق، شۇنداقتىمۇ بىز تور يۈزىدە بولمىسۇن، تېلېفون، ئېلخەت ۋە سالام-سائەتلەردە بولمىسۇن رەھمەت، ئالقىشلارغا ئېرىشتۇق.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىققاندەك بولدى. توختىماي ئىزدەندۇق، ئىزدىنىشلەردىن ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىمىزمۇ كۆپ بولدى، ھوسۇلنىمۇ ئالدۇق. نەتىجىمىز ئەل ئارىسىغا تارالدى، ئىشلىتىلدى. بۇلاردىن ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان ئۈسكۈنىلەردىمۇ ئىشلىتىش ئۈچۈن تېكىست ئوقۇغۇچ، ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ، خەۋەر ئوقۇغۇچ، خەۋەر كۆرگۈچ، ماقال-تەمسىللەر، يۇمۇر-لەتىپىلەر قاتارلىق بىر قاتار ئەپلەرنى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ ئەپلەرنى تۈزۈپGoogle  ئەپ بازىرىدا ھەقسىز تارقاتتۇق. بۇ نەتىجىلەر ئەمەلىيەتتە بىر كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىدۇر. بۇ نەتىجىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2011-يىلى 4-ئايدا بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات پىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ نامغا مەركەزلەشتۈردۇق. 2011-يىل 8-ئايدا ئانا تىلىمىزدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات«بىلكان پەد» روياپقا چىقتى. يېقىندا بازارغا سېلىنىدىغان«بىلكان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون»مۇ نەتىجىلىرىمىز قاتارىدىن. شۇنداقلا بۇ تۈردىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيدانغا چىققۇسى.
ھازىر ئۇيغۇرچەAndroid  تەرجىمىسىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىگە تەرەپكە يوللاش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىكى تىل-يېزىق مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مەخسۇس مۇزاكىرىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز.
 #p#
بۇ جەرياندا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار؟
Android سىستېمىسىدا قوللىنىش دائىرىسى شۇنچە چوڭ ئەرەب يېزىقىمۇ تېخى تولۇق ھەل بولمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خېلى مۇرەككەپ تەتقىقات جەريانى بولدى. Android سىستېما قۇرۇلمىسىدا ھەر بىر بۆلەك نىسبىي ھالدا مۇستەقىل ھالەتتە بولۇپ، شۇنداقلا بۆلەكلەرنىڭ ئەسلى كودىمۇ بىرخىل تىلدا يېزىلمىغان بولغاچقا، ئۇنى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشمۇ چوڭ بىر قىيىنچىلىق بولدى. باشقىلار ھەل قىلىپ بولغان مەسىلىنى ئىزدەپ–سوراپ، تور ئاقتۇرۇپ ھەل قىلىش نىسبەتەن ئاسان بولغان بىلەن ھەل بولمىغان مەسىلىنى ئىزدىسە توردىنمۇ ھېچنېمە تېپىلمايدىكەن. بىزدىكى قەتئىي ئىرادە ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق ئاخىرى بۇ قىيىنچىلىقلارنىمۇ بوي ئەگكۈزدى. ئىجادىيەت سېپىمىزدە تالانتلىق سىستېما ئۇستىلىرى بولغاچ، بۇ قىيىنچىلىقتىنمۇ ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇ ئىزدىنىشلەردىن كېيىن ھازىرغا كەلگەندە ئىگە تەرەپمۇ بۇ مەسىلىنى ئەمدى تېخى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلدى.
بىلكان شىركىتىمىز ئىگە تەرەپنىڭ ياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھېچقانداق قوللىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرچەAndroid  تەتقىقاتىنى مۇستەقىل، نەتىجىلىك تاماملاپ ھەم ئۆز نەتىجىسىنى مەھسۇلاتتا جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ساھەسىدە يېڭى يول ئاچتۇق. يېڭى يولنىڭ قىيىنچىلىقىمۇ يېڭىچە بولىدىكەن. تۈرلۈك سەۋەبلەردىن باشقا كەڭ خەلقىمىزگە بۇ ئۈسكۈنە تېخى يېڭى شەيئى بولغاچقا، مەھسۇلاتىمىز بازارغا كىرگەندىن كېيىن كەڭ ئىستېمالچىلار ھېلىھەم بۇ«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە» بىلەن ئادەتتىكى بىر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ پەرقىنى ئاڭقىرىپ ئۈلگۈرمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەۋر ھەم كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات زۆرۈر بولىدىغان ئوخشايدۇ. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ئالدىدىكى قىيىنچىلىق بولدى.
بۇ بىر يېڭى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ساھە بولغاچقا، نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈش مەسىلىسىمۇ بىر قىيىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە ئاساسلىق ۋارىسلىق قىلىش، قوشۇمچە ئىجادىي يول تۇتتۇق. مەسىلەن، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن«ئەپ»،«ئەپچە» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى يېڭىدىن ياسىدۇق. بۇ يېڭى ئاتالغۇلارمۇ تېزدىن خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ، تېزلا قوبۇل قىلىندى. تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆلچەملىك ئاتالغۇ قاتارىدا بېكىتتى.
ئادەم كۈچىمۇ بىر قىيىنچىلىق بولدى، كەسىپ ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساسلىقلارغا مۇھتاجمىز. ئىنتايىن ئاددىي ئۆلچەم-«ئۆگەتكەننى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇش» پىرىنسىپى بىلەن خادىم قۇبۇللاپ تەربىيەلەۋاتىمىز. بىلكان ئەترىتىنىڭ ئىجادىيەت كۈچى زورايغانسېرى، تېخىمۇ يېڭىچە ئەپلەر ئىستېمالچىلار ھۇزۇرىغا سۇنۇلغۇسى.
 #p#
بىلكان پەد قانداق ئۈسكۈنە؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ نېمىلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
ﺑﯩﻠﻜﺎﻥ پەد – بىر تاختا ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ بولۇپ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، بىلكان ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪAndroid  نى ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، بالىلاردىن چوڭلارغىچە ھەممىگە باب كېلىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىسى.
ئۇنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللاش بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن تىللارنى ئورتاق قوللايدۇ، بىلكان ئىجادىيەت ئەترىتىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىق ئەپلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ، كومپيۇتېر خاراكتېرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە بولغاچقا، ئىشلەتكۈچى ئۆزىگە قانداق ئىقتىدار زۆرۈرىيىتى تۇغۇلساGoogle  تەمىنلىگەن ئەپ بازىرىغا ياكى بىلكان ئەپ بازىرىغا چىقىپ، شۇ ئىقتىدارنى تەمىنلىگەن ئەپلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈۋالسىلا بولىدۇ.
بىلكان پەدكە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك، سەزگۈر ئېكران سەپلەنگەن، ئېكران يۈزىگە بىۋاسىتە كۆپ بارماق بىلەن ھەتتا ئون بارماقنىڭ ھەممىسى بىلەن چېكىپ مەشغۇلات قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شەكلى كۆركەم، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك.
بىلكان پەدتەWiFi  غا ئۇلىنىشتىن باشقا، يان تېلېفون سىگنالى بار ھەر قانداق ئورۇندا يان تېلېفون كارتىسى ئارقىلىق، G3 تورغا چىقىشقا بولىدۇ. يان تېلېفون ئورنىدا سۆزلەشكىلىمۇ بولىدۇ.GPS  ئۆزىكى سەپلەنگەن، يول باشلاش سىستېمىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كۆكچىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇلاشقا بولىدۇ. يېڭى ئەۋلاد بىلكان پەدتە يەنە كومپاس، گىروسكوپ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدارلار سەپلەندى.
بىلكان پەدتە ئۆز ئىجادىيىتىمىز بولغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارنىڭ لۇغەت يۇمشاق دېتالى بولۇپ، قايسى تىلدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزسىلا، بارلىق تىللاردىكى مۇناسىۋەتلىك مەنىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەنئەنىۋى لۇغەتلەردەك تىل تاللاش، لۇغەت تاللاش دېگەندەك ئارتۇقچە مەشغۇلاتلار قىسقارتىلغان.
بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈش خاراكتېرىدىكى ئاۋاز، سۈرەت، تېكىست، سىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ساۋاتىنى چىقىرىش، تەپەككۇرىنى ئويغىتىش مەقسەت قىلغان ئېلىپبە، سان تونۇش، رەڭ تونۇش، ھايۋاناتلارنى تونۇش، شەكىل تونۇش، سانلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇش، تۆت ئەمەل، رەسىملىك كىتاب،... قاتارلىق ئەپلەر ياسىلىپ تەمىنلەندى.
 Microsoft Officeئائىلىسىنىڭ ھۆججەت فورماتىنى بىۋاسىتە قوللايدۇ، ھەرخىل ئۈن-سىن فورماتلىرىنى قوللايدۇ. سىمسىز تور ياكىG 3 تورىدا سىنلىق، ئاۋازلىق پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. تۈرلۈك ھەقسىز ئويۇنلار بار.
دېمەك، بىلكان پەدنى خىزمەت، مائارىپ-ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بىلكان پەدنىڭ 7 دىيۇمWiFi  ۋەG 3 نۇسخىسى، 8 دىيۇمWiFi  ۋەG 3 نۇسخىسى بولۇپ تۆت خىل مەھسۇلات تۈرى بار.
 #p#
بىلكان شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
بىلكان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى مول كەسىپ تەجرىبىسىگە ئىگە يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر، ئېلېكتىرون ئىنژېنېرلىرى ۋە قابىل كارخانىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تەتقىقاتنى ئاساس، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى قوشۇمچە قىلغان ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال شىركىتى بولۇپ، كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتە ئۆزىمىزدىكى تەجرىبە-ساۋاقلاردىن پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇپ يېڭىچە كارخانا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسى تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا كەسىپ جەھەتتىكى ئىقتىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ تېخنىك كۈچىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.
شىركىتىمىزدە مەخسۇس قاتتىق دېتال ۋە سىستېما بۆلۈمى، سىڭدۈرمە سىستېما يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت بۆلۈمى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، بازار ۋە مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر بولۇپ ھەممىسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن كەلگەن، ئۆز كەسىپلىرىنىڭ ئەھلىگە ئايلانغان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.
شىركىتىمىز بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىدا ئېلېكتىرون سىستېمىلىرى ئىجادىيىتىدە«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر» يۆنىلىشىنى ئىزچىل ساقلايدۇ. نۆۋەتتىكى تۇنجى مەھسۇلات-«بىلكان پەد»تىن باشقا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىمىز. مىللىي خاسلىققا ئىگە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايمىز ۋە لايىھەلەش، ياساش مۇلازىمىتىنى قىلىمىز. بىلكان تەجرىبىخانىسىنى ئېلېكتىرون ئىجادىيىتى يۆنىلىشىدىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەۋەسكارلار، ئىجادچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىمىز بار.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىلار ئۈستىدە توختاۋسىز ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى سىستېمىلارنى شۇنداقلا يېڭى ئىجادىي ئۈسكۈنىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىمىز. كەسىپداش شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات پىلانى ئۈچۈن لايىھە بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش، ۋاكالىتەن لايىھەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كۈچەيتىمىز.
 
ئاخىرقى يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىساق؟
مەن بىر«ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر سىستېمىسى»نىڭ ئۆز قولىمىزدا بارلىققا كەلگىنىدىن پەخىرلىنىمەن، بۇ خىزمەتنى بىلكان شىركىتى تاماملىغىنىمىزدىن تېخىمۇ خۇشالمەن. بۇ تېخى تۇنجى قەدەم بولۇپ، ئىشنىڭ باشلىنىشىدۇر، بۇ نەتىجىلەر خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇندىن كېيىن كەڭ ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ بىزنى تېخىمۇ قوللىشىنى مەدەت بېرىشىنى، سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەلقىمىزنىڭ ھەربىر ئارزۇسى تەلەپ-تەنقىد پىكىرلىرىنى شوتا قىلىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلارنى ئىستېمالچىلىرىمىزغا سۇنۇش« بىلكان»لىقلارنىڭ نىشانىمىز.
مەن يەنە بۇ نەتىجىلەر ئۈچۈن كۈچ قوشقان، ئەجىر سىڭدۈرگەن، ھەمدەمدە بولغان، ياخشى تىلەكلەر تىلىگەن بارلىق يارانلارغا، مېنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، ئائىلەمدىكىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
 * زىيارەت قىلغۇچى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
----------------------------------------
بۇ ماقالە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى