ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

ۋاقتى: 2015-11-18 ئاۋاتلىقى: 755 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن» بۇ يەردە!

 

 ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

 

بەزى دوستلار ئېھتىياجىنى قامداشنى سىناق قىلغاندا: «مۇنداق قىلىشىم بەك شەخسىيەتچىلىك بولامدۇ – قانداق؟» دەپ ئويلاپ قالىدۇ، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئازراق ئىزاھات بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ تەدبىر ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى، بىز ھېسسىيات جەھەتتە باشقىلار ئۈچۈن ياشىدۇق ياكى باشقىلارنىلا نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىز بەك ئۇزاق بولۇپ كەتتى.


ئەگەر نىشانىڭىز ئائىلىدە تېخىمۇ بوش، تېخىمۇ ئەركىن – ئازادە بولۇش بولسا، بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۆزىڭىزگە خاس بىر رەسىم – قائىدە يارىتىپ بېرىدۇ. مىسال ئالساق، مېنىڭ ئادىتىم — ئائىلە بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادەم بولۇش. مەن بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلىمەن، جىم ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىمەن، ئاندىن ئۆزۈم ئامراق كىتابتىن بىر – ئىككى ئابزاس ئوقۇپ قويىمەن. بەزىدە جىم ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىمەن ياكى تۇرمۇشۇمنى ئەسلەيمەن. بۇ بىر كۈندىكى ئۆزۈمگە تەئەللۇق پەۋقۇلئاددە ۋاقتىمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن.


دەرۋەقە، ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاز – تولا ۋاقىت چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىشقا، ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئامراق. بەزىلەر كىتابخانا ئارىلاشقا ياكى خىزمەتكە كىرىشىشتىن ئىلگىرى بىرەر ئىستاكان قەھۋە ئىچىشكە ئامراق، يەنە بەزىلەر قەرەللىك يۇيۇنۇشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئالدىنئالا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ قويغانلىقىڭىزدا.



مەن يەنە بىر ئادىتىمدىن دائىم باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىمەن، يەنى خىزمىتىمنى تۈگىتىپ ئائىلەمگە قايتىشتىن ئىلگىرى، ئۆيىمىزگە يېقىن بىر جايدا بىردەم توختىۋالىمەن. بۇ بوش جايدا نۇرغۇن دەل – دەرەخ ۋە گۈل – گىياھ بار. مەن ئۇ يەردە بىر قانچە مىنۇت تۇرۇۋېلىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھر ئالىمەن. بۇ قانداقتۇر ھەشەمەتلىك ئېكىسپېدىتسىيە ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا كۆپ ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ. لېكىن، جاپالىق خىزمەت ۋە گادىرماچ ئۆي ئىشلىرى ئارىلىقىدا بەخىرامان ئارام ئالىدىغان پۇرسەت چىقىرىۋالغان بولىمەن. بۇ بىر قانچە مىنۇتتا قېنىپ – قېنىپ نەپەس ئالىمەن، گۈزەل ئائىلەمنىڭ بارلىقى بىلەن شۇنچە بەختلىك ئىكەنلىكىمنى سەمىمگە سېلىپ تۇرىمەن. مۇشۇ چىرايلىق دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلارغا كۆڭلۈمگە پۈككەن ھۆرمەت – ئېھتىرامىم بىلەن نەزەر سالىمەن. يەنە بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىمەن. بۇنداق ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇغىنىمدا، ئۇ ماڭا باشقىچە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. مېنىڭ ئۆيگە قايتقان ۋاقتىمدىكى سەزگۈم ھارغىن ۋە تېرىككەك بولماي، بەلكى ئەركىن – ئازادە، مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ. مەنمۇ ئائىلىمىزدىكىلەردە شۇنداق بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمەن، شۈبھىسىزكى، ئۇلارمۇ روھىي ھالىتىمنىڭ مۇلايىملىقىنى ھېس قىلىدۇ.


مەيلى سىز بالدۇرراق ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ يۇيۇنۇڭ ياكى ئۆيگە قايتقۇچە گۈللۈكتە بىردەم تۇرۇۋېلىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش. بۇنىڭ مۇھىم يېرى شۇكى، سىز ئۆزىڭىزگە خاس بىر رەسىم – قائىدە ئورنىتىۋالغان. سىز بىرقانچە مىنۇتقا يەتمىگەن مەنزىرە تاماشىسىدىن شۇنچە كۆپ بەھر ئالغانلىقىڭىزنى ھەيران قالغان ھالدا بايقايسىز.
---------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى