ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار

تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار

ۋاقتى: 2015-04-28 ئاۋاتلىقى: 975 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئىلكىدە ئەتراپىمىزدىكى بىزگە لايىق كۆرۈلگەن شەيئىلەرگە، يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىمىز ھەم ئاشۇ ئىنتىلىشنى ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى، بەردەملىكىنى ھەم قابىللىقىنى نامايان قىلىش بىلەن نەتىجىلەشكە ئۇرۇنىمىز. چۈنكى، ئاشۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋام قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۇرۇنۇش ئۆز ھالىدا مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتنى شەرت قىلىدۇ. ئىلكىمىزدىكى قان-تەرىمىزنى تۆكۈۋاتقان نىيەتلىرىمىزنى بەلكىم باشقىلارمۇ قان-تەر تۆكۈپ، بىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە نەتىجىلىك قىلىشقا نىيەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇنداق ۋاقىتتا بىزگە كېرەك بولىدىغىنى ئاشۇ نىيەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىداردىن باشقا، يەنە يۈكسەك مەسئۇلىيەت، سەمىمىيەت ھەم تىرىشچانلىقتۇر. 
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، تۇرمۇشىمىزغا تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرنى ئاتا قىلغان ھەر ساھەدىكى يېڭىلىقلار ئۆزىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىدە كۆزىمىزگە رەڭدارلىق بېغىشلاپ، ئەقلىمىزگە ئەقىل قوشىدۇ. يېڭىلىقلار ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزغا ھەم تونۇتۇشىمىزغا ۋاسىتە بولىدۇ. لېكىن، ئاشۇ يېڭىلىقلارنىڭ روياپقا چىقىشى ھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىنچىكە ھەم نازۇك تېخنىكا كۈچىنى شەرت قىلىدۇ. 
سىز ئۆمۈچۈك تورىنى بىلىسىز، لېكىن، ئۇچۇر تورىنى قاچان بىلدىڭىز؟ ئىنتېرنېت تورى، كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال، تور بېكەت، بىلوگ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تور دۇكىنى ... دېگەندەك ئۇچۇر تورىغا باغلانغان ئاتالغۇلارنىچۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىسىز، چۈنكى بۇ ئۇقۇملار 10-15يىل بۇرۇنلا كومپيۇتېردىن ئىبارەت يېڭىلىققا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى، بىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھازىر ھەممە ئائىلە دېگۈدەك كومپيۇتېر ھەم تور بىلەن سەرەمجانلاشتى. ھازىر بىز كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مائۇسنى چەكسەكلا، ئالدىمىزدا رەڭدار بىر دۇنيا ھازىر بولىدۇ. لېكىن سىز ئاشۇ رەڭدار دۇنياغا ئۆز خاسلىقى ھەم تىرىشچانلىقى بىلەن رەڭدارلىق قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك كۆپ ھەم سەرخىل مەزمۇنلۇق بولۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىلغار تېخنىكا ئاساسى بىلەن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئەزىمەتلىرىمىزدىن كىملەرنى بىلىسىز؟ 
سىز بەلكىم كۈندە نەچچە رەت تور دۇنياسىغا شۇڭغۇپ، ئانا تىل-يېزىقىمىزدا ئېكرانىڭىزدا چاقناۋاتقان تالاي ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كېزىپ چىقىشىڭىز مۇمكىن. ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئېكرانىڭىزدا چاقنىشى ئۈچۈن ئەجىر قىلغانلارغا ئاپىرىن ئېيتىشىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ ھەم ئاپىرىن ئېيتىمەن.
#p#
 مەنمۇ ئەنە شۇ تور دۇنياسىدا كېزىپ يۈرۈش داۋامىدا يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى، تور تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆزىگە خاس يولدا تىرىشىۋاتقان بىر ياشنى ئۇچراتتىم. »قىسمەت« دەل ئۇنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىسمى ئىدى. »قىسمەت« بىلەن تونۇشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەن پەقەت ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە تور تېخنىكىسىغا ئائىت خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ھەم ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ پۇختىلىقىغا، تەرتىپتە ئەستايىدىللىقىغا ۋە لايىھەلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە قايىل ئىدىم. كېيىنچە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەمەتجان رۇسۇل ئىكەنلىكىنى، ئىقتىدارى ۋە ئىجتىھاتىغا تايىنىپ، ئۆز ئەتراپىغا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى قابىل ياشلارنى يىغىپ،» كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى« نامىدىكى بىر تېخنىكا ئەترىتىنى قۇرغانلىقىنى ھەم شۇ ئەترەتنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
 ئەسلىدە مەن تور دۇنياسى ئارقىلىق تونۇشقان ئەمەتجان رۇسۇل نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ۋە تور تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىغا، قىسقىسى كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان، تېخنىكىسى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئۆز قوشۇنىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان تىرىشچان ياش ئىدى.
ئۇ 2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تەربىيەلەش مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. كېيىنچە رايونىمىزنىڭ تور تېخنىكا ساھەسىدە ئىقتىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2008-يىلى ئۆزىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش مەقسىتىدە، »گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمىي باغچىسى«دا تور قۇرۇلۇشى بويىچە ئالتە ئاي بىلىم ئاشۇرىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، »تور قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرى« ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىغا كۈچلۈك ئاساس سالىدۇ. 2010-يىلى 2-ئايدا »كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى«نى قۇرۇپ، ئارقىدىنلا گۇرۇپپىنىڭ مەخسۇس كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان تور بېكىتىنى ئاچىدۇ. گۇرۇپپىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرچە تور بېكەت ھەم بىلوگلارنى ئىشەنچلىك، مۇقىم، تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە تور بوشلۇقى ۋە تور نامى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان، رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەزمۇنى سەرخىل ئۇيغۇرچە تور بېكەت ھەم بىلوگلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ مەزمۇنلۇق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تېخنىكىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ ھەم تۈرتكە بولىدۇ. بۇ تىرىشچان ياشنىڭ ئىقتىدارى ھەم ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئىچكىرىدىكى نوپۇزلۇق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 2010-يىلى 7-ئايدا ئەمەتجان رۇسۇل ئۆز نەتىجىلىرى ئاساسىدا شاڭخەي جوجو تور پەن-تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ھەم بىر يىلغا يېقىن ھەمكارلىشىش ھەم تىرىشىش نەتىجىسىدە، مۇكەممەل ئۇيغۇرچە، قازاقچە تور بېكەت سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ، ئاشكارا تارقىتىدۇ. بۇ شىركەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ھازىرغىچە بۇ خىل بېكەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە بېكەتلەر 30 دىن ئاشىدۇ. 
#p#
رايونىمىزدا كومپيۇتېر گەرچە ھەممە ئائىلىلەرگە ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى تار دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىشتا تېخنىكا بىلمەسلىك مەسىلىسى ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا تېخنىكا ئۆگىتىدىغان يۇمشاق دېتال بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى.» كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى« بۇ خىل ئەمەلىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر يىلغا يېقىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈش ئاساسىدا، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك يۇمشاق دېتاللار مەشغۇلاتىنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلغان يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈپ، بازارغا سالىدۇ. يۇمشاق دېتال بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇلار يەنە يۇقىرىقى خىزمەتلىرى ئاساسىدا ھەر ساھەدىكى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاھالىلەر (مەھەللە) كومىتېتى ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى، دوختۇرخانا (ئامبۇلاتورىيە) خىزمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ۋە شىركەت باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق بىر قاتار قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈپ، شۇ ساھە كىشىلىرىنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىدۇ. بۇ خىل يۇمشاق دېتاللار ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
بىز ئۆز نىيەتلىرىمىزگە يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن يانداشساق، باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ زەپەر تىلەكلىرىدە بىزگە ياندىشىدۇ. ئەلۋەتتە شەرەپ مەسئۇلىيەت ئارقىلىق كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن خىزمەت ئەمەلىيىتى تورغا باغلانغان، تور بېكەتنى خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ۋاسىتىسى قىلغانلار ئۇلارغا ئىشىنىدۇ، قول بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئىشىنىدۇ. 2011-يىلى 6-ئايدا ئۇلار دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە كۆركەم ھەم كۆپ ئىقتىدارلىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىدۇ، تېخنىكىلىق مۇلازىمەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. 2011-يىلى 9-ئايدا ئۇلار يەنە ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئورگان تورى-ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە مۇكەممەل تېببىي ئۇچۇر-مۇلازىمەت تورى بولماسلىقتەك بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلۇشىغا تېخنىكىلىق ھەسسە قوشىدۇ.
»تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار« دېگەندەك، بۇ ياشنىڭ يېتەكلىشىدىكى »كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى« كۈنسايىن زورىيىپ، تېخنىكىدا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، كۆلەملەشكەن ھالدا 2011-يىلى 12-ئايدا كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس ۋە ئەمەلىي كۈچ ھازىرلايدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، 2012-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى باشقۇرۇشىدىكى »كۈلگىن تورى« قۇرۇلۇشىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. 
 ئەلۋەتتە، بىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، سۈپەت بىلەن ئىناۋەت تاپىمىز. بىزگە ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچى ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خاس قىياپەت ھازىرلايمىز. سۈپەت بىلەن ئۆز ئىناۋىتىنى ھەم قىياپىتىنى تاپقان ئەمەتجان رۇسۇل باشچىلىقىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تۈرلىرىدە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى يۇقىرىقى سۆزىمىزنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.
#p#
ئەمەتجان رۇسۇل ئۆز نىيىتىگە ياندىشىپ، تىرىشچانلىق ھەم ئەستايىدىللىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە رازىمەنلىك، ئۆزىنى قوللىغانلارغا سەمىمىيلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تور تېخنىكىسىغا ئالاقىدار تۈرلۈك تەلەپلىرىنى سۈپەتلىك ئادا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ۋە ئۇ قۇرغان شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ دەسلەپ تەشكىللىگەن» كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى«دىن ھازىرقى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىگىچە بولغان تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ ھەم ئۇ باشچىلىقىدىكى قابىل شىركەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى، رايونىمىزنىڭ تور قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مەخسۇس زىيارەت شەكلىدە كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىدۇ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. تور تېخنىكىسىغا ئائىت تۈرلۈك سۆھبەتلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرىدۇ. ئۇ يەنە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىدىكى ۋە ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدىكى تەجرىبە ۋە قاراشلىرى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز ئارزۇسى يولىدا بوشاشماي ئىزدىنىشكە، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەسلىككە ئىلھام ھەم مەدەت بېرىدۇ.
خوش، ئەمدى سىز ئەمەتجان رۇسۇل، تور تېخنىكىسى، ئۇيغۇرچە تور بېكەت، كومپيۇتېر... دېگەن سۆزلەرنى ئۆز چۈشەنچىڭىز بويىچە، تەلەپچان خۇلقىڭىزغا باغلاپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. چاۋاك چېلىشقىمۇ ھەقلىقسىز! تېخىمۇ زور ئۈمىد كۈتۈشكىمۇ ھەقلىقسىز! قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە باش-تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەتلىكسىز! ئەلۋەتتە، ئىپادىسىز ھەم ساداسىز تۇرسىڭىز ئۇمۇ سىزنىڭ پەيلىڭىز ھەم مەيلىڭىز...
مانا بۇ ئەمەتجان رۇسۇل توغرىسىدىكى مەن بىلىدىغان قىسقىچە بايان. شۇنىسى ئېنىقكى، يۇقىرىقىلار ئۇنىڭ ئۆز نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش سەپىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى. چۈنكى، ئۆز نىشانىغا قاراپ ئۈنسىز ئەجىر قىلىۋاتقان مېھنەت ئىگىلىرى ئەزەلدىن ھەشەم-دەرەمسىز ھالدا ئۆز نىيىتىگە ياندىشىدۇ. تېخىمۇ كۆپ بايانلار ئۇنىڭ ئاشۇ خىل سۈكۈت ئىچىدە ئىلگىرىلەش روھىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ئۈنسىز مېھنەت قىلغۇچىلار ھامان زەپەر تەنتەنىسى بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. مېھنەت ئەزەلدىن زەپەرگە تالاي ئىمكانلارنى بەرگەن ھەم بەرگۈسى.
 
* ئاپتورى: ھەزرەتئەلى ئەخەت، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى »تارىم« ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن، »چۈشتاق« بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى
 
----------------------------------------
بۇ ماقالە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى