ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: بازار چەكسىز (2)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: بازار چەكسىز (2)

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!
Tom Tomlinson (لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى): 
بۇ شىركەت بىر شىركەتكە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتكە ئوخشاپ قالغانىدى. 1813-يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاللىبۇرۇنلا بىز چۈشىنىدىغان «شىركەت» ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، گەرچە شىركەت دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇبىر ھۆكۈمەت ئىدى. 
شىركەتنىڭ كېڭىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغان ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيە ئۇرۇش قىلىش، مۇرەسسەلىشىش ھوقوقى، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ھوقوقلارنى شىركەتكە بەردى. گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ھەربىي كۈچى 300 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئىدى. شىركەت دۆلەت ھوقوقىغا تايىنىپ، ھەر قايسى مۇستەملىكىلىرىدە جەڭ قوزغاپ، بايلىقلىرىنى ۋەھشىيلەرچە تالان-تاراج قىلدى. شىركەت ۋە ئالاھىدە ھوقوقنىڭ بىرىكىشى ئۆز تارىخىدا بىر پارلاق چوققىنى ياراتتى. 
18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىر قېتىملىق ئەتىگەنلىك تاماق زىياپىتىدە ھاياجانلانغان ھالدا: «بىزنىڭ پاراخوتلىرىمىز خۇشپۇراق ماتېرىياللار، ماي، ھاراقلارنى لىققىدە بېسىپ قايتىپ كەلدى، ئۆيلىرىمىز پرامىدا شەكىللىك فار-فۇر بويۇملار، ياپونىيە قول-ھۈنەر بويۇملىرى بىلەن بېزەلدى، بىز ئامېرىكىنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن سالامەتلىكىمىزنى ياخشىلاپ، ھىندىستان چېدىرلىرىدا ئارام ئېلىۋاتىمىز.» دېگەنىدى. بۇنىڭدىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن كىشىلەر بۇلاپ كېلىنگەن بۇ بايلىقنىڭ ئويلىمىغان نەتىجە بېرىشىنى نەدىن بىلسۇن؟!
تارىختىكى بۇرۇلۇش بىر ئىقتىدارلىق قىمارۋاز تەرىپىدىن باشلانسا كېرەك. شوتلاندىيەلىك زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدىلا ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرىگە كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن John Law مول ساياھەت تەجرىبىسى ۋە بىلىمى، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماتېماتىكا تالانتى بىلەن بانكا ساھەسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. كۆپ قىسىم بانكىرلارنىڭ مۇتەئەسسىپ خاراكتېرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى تەرتىپسىز ئىدى.
 
Pierre Daux (فرانسىيە لىئون ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى): 
ئۇنىڭ ئىلگىرى بىر چىرايلىق ئايال بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى، بۇ ئايالغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئەر بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان، ئاخىرىدا ئۇ قېچىپ قۇتۇلۇشنى تاللىغان، چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كېيىن قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى.
 John Law قول قوۋۇشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن قېچىپ، گوللاندىيەگە بارماقچى بولدى. ئامىستېردام ئاكسىيە ئالماشتۇرۇش مەركىزىدىكى ئەسەبىيلەرچە كەيپىيات ئۇنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇ بىر بانكىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاي چېكى بازىرى بانكىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ گوللاندىيەلىكلەرنى زىيادە مۇتەئەسسىپ كۆرەتتى، دۆلەتنىڭ ئىشەنچى ئارقىسىدا قەغەز پۇل تارقىتىشنى ھۆددىگە ئالغاندا، ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىنى تېز سۈرئەتتە چەكسىز كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھوقوقنىڭ پايدا يارىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن John Law بىر دۆلەتنى تېپىپ سىناپ باقماقچى بولدى.
#p#
1715-يىلى، John Law دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى بىلەن فىرانسىيە زېمىنىغا قەدەم قويدى. شۇ يىلى ئۇرۇشخۇمار پادىشاھ لۇئى 14 تەختتىن چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنبىر مىراسى فەرانسىيەنىڭ 10 يىللىق مالىيە كىرىمىدىنمۇ يوقىرى بولغان غايەت زور قەرز ئىدى. نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن نايىب پادىشاھ كىنەز Orleans  قىمار سورۇنىدا تونۇشقان پۇل-مۇئامىلە ماھىرى John Law نى ئەسكە ئالدى. فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا John Law مىسسىسىپپى شىركىتىنى قۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ سودىسىنى ئىزىغا چۈشۈردى. بىراق ئۇ شىركەتكە تايىنىپ پايدا يارىتىشنى ئەمەس، ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ ئىقتىسادىي كىرزىسنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغانىدى. 
 
Pierre Daux (فىرانسىيە لىئون ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى): 
ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىزىقارلىق ھادىسە شۇكى، كىشىلەر پاي چېكىنى بانكا تارقاتقان پۇل بىلەن سېتىۋالسىمۇ، ئىلكىدىكى دۆلەت قەرزىگە سېتىۋالسىمۇ بولاتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىزنىڭ فىرانسىيەدە قەرزىڭىز بولسا، ئۇ ئارقىلىق مىسسىسىپپىنىڭ پېيىغا ئېرىشەلەيسىز. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇسۇلغا ئاچكۆزلۈك بىلەن يېپىشتى، چۇنكى مىسسىسىپپى پېيىنىڭ ئۆسۈمى %4 بولۇپ، فىرانسىيە دۆلەت قەرز ئۆسۈمىدىن كۆپ يوقىرى ئىدى. 
پۇتۇن فىرانسىيە ئەسەبىيلىككە تولدى، كەم بولغاندىمۇ 300 مىڭ ئادەم مىسسىسىپپىنىڭ پېيىنى بەس-بەستە سېتىۋالدى. پاي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، ئەسلىدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئۆستى. John Law گە دۆلەت بانكىسى قۇرۇش ھوقوقى بېرىلدى، پۈتۈن فىرانسىيەنىڭ بارلىق باج كىرىمى ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، مالىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. زور ھوقوقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئەمدىلىكتە بىر مەيدان چوڭ قىمارنى باشلىدى.
 
Anthony • Murphy (دۇبەي لىنشېن 1-مارت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى):
ئۇ ئۇنۋېرسال بانكىنى، يەنى خانلىق بانكىنى كونترول قىلىۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ قەغەز پۇل تارقىتىش ھوقوقىغا ئېرىشتى ۋە پايچېكلارغا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قەغەز پۇل تارقاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەمەلىيەتتە خان جەمەتى پۇل باسما سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ شىركەت پېيىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
John Law نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، فىرانسىيە ئىقتىسادى ئۈچ يىل شىددەت بىلەن ئاشتى، بۇ گۈللىنىش ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قەرزگە بوغۇلغان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى جەلپ قىلدى. ئۇلارمۇ دۆلەت قەرزىنى پايغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز شىركىتىنى تاللىدى.
#p#
John • Cairns (ئىدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى): 
خان جەمەتىنىڭ ئالاھىدە ھوقوق بېرىشىگە ئېرىشكەن جەنۇبىي دېڭىز شىركىتى 1711-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا سودىسى ئاساسەن شۇنىڭ مونۇپۇللۇقىدا ئىدى. بۇ ھەم مەركۇز شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى.
دۆلەتنىڭ  3 مىليون فوندستېرلىڭغا يېقىن قەرزىنى ئۆتكۈزىۋالغان جەنۇبىي دېڭىز شىركىتى يېڭى پاي چېكى تارقىتىشقا باشلىدى، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە پاي چېكى باھاسى 125 فوندستېرلىڭدىن بىراقلا 1000 فوندستېرلىڭغا ئۆرلىدى. شۇ مەزگىللەردە، پاي چەكلىك شىركىتى كىشىلەر نەزىرىدە خاسىيەتلىك تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخقە ئايلانغانىدى. ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدە شۇ بىر يىل ئىچىدىلا 202 پاي چەكلىك شىركىتى نەلەردىندۇر پەيدا بولدى، پاي چېكىنىڭ پاخاللىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە ئىدى.
جەنۇبىي دېڭىز شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1720-يىلى ئاپرېل ئەنگىلىيە پارلامېنتى «كۆپۈك قانۇن لايىھەسى(泡沫法案)»نى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت قانۇن لايىھەسى ياكى پادىشاھنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتىدىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق قانۇنىي ھوقوقلۇق ئورگاننىڭ شىركەت نامى بىلەن پاينى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ جاكارلىدى. 
 
John • Cairns (ئىدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى): 
ئەمەلىيەتتە، قانۇن لايىھەسى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى جەنۇبىي دېڭىز شىركىتىنىڭ مۇدىر ياكى پايچېكلىرى ئىدى، بۇ لايىھە جەنۇبىي دېڭىز شىركىتىنىڭ كۆپۈكنى يوقىتىش(泡沫破灭)تىن ئىلگىرىلا تەستىقلانغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى باشقا شىركەتلەردىن جەنۇبىي ئاسىيا شىركىتىگە جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك. 
قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى پاي چەكلىك شىركىتى غايىب بولدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىمۇ يوقالدى، ئۇلار چۈشتىن يېڭىلا ئويغانغاندەك، تۇنجى قېتىم شىركەتلەرنىڭ قانداق پايدا يارىتىدىغانلىقىەك ھالقىلىق مەسىلىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشقا باشلىدى. جەنۇبىي دېڭىز شىركىتى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك كۆپ مەبلەغ سالغۇچىنى جەلپ قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پاي باھاسى تۆۋەنلەپ ئەسلىدىكىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. نۇرغۇنلىغان ئەنگىلىيەلىكلەر خانىۋەيران بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خانلىق پۇل قۇيۇش ئىدارىسى (铸币局)نىڭ باشلىقى Isaac Newton مۇ 2000 فوندستېرلىڭىدىن ئايرىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئون يىللىق ئىش ھەققىگە باراۋەر ئىدى. بۇ ئۇلۇغ ئالىم خۇرسىنغان ھالدا: «مەن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوربېتىسىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىرالىساممۇ، كىشىلەرنىڭ بۇنچە ئەسەبىيلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىزمەن.» دېگەن. كىشىلەر پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان شىركەتنىڭ ئاپەتمۇ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. 
بۇ چاغدا، مىسسىسىپپى شىركىتىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاشلا خاراب بولۇپ، فىرانسىيەدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 500 مىليون لىۋرېس (پۇل بىرلىكى)دىن ئايرىلدى. John Law ئالمان-تالمان قېچىپ، ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئاپەتتىن كېيىن، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىدى. دۆلەتنىڭ چەكلىشى ئاستىدا، كېيىنكى 100 يىل جەريانىدا پاي چەكلىك شىركىتىدىن بىرەرىمۇ قۇرۇلمىدى.
#p#
نىك.خاررىي (ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى): 
ئەمەلىيەتتە، ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلىشىشى سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئەمەلگە ئاشقان.
John Law تاكى ئۆلگىچە ئۆزىنىڭ پىلانى فىرانسىيەنى گۈللىنىشكە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇ كېيىنكىلەرگە ئۆز قەبرىسىگە «فىرانسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق مالىيە مۇتەخەسسىسى» دېگەن بىر قۇر خەتنى ئويۇشنى جېگىلىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بانكىر شىركەتنى دۆلەتنىڭ قورالى دەپ قارىغاندىلا ساقلانغىلى بولمايدىغا ئاپەت ئۇنى كۈتۈۋاتقانىدى. كىشىلەر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا تېنىگە تىترەك ئولىشىدىغان بولۇپ قالغان يىللاردا، دۆلەتنىڭ قورالى ھېسابلانغان باشقا شىركەتلەرمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانىدى. 
مىلادىيە 1770-يىلى لوندوننى ئەنسىزلىك قاپلىدى. ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرقتىكى مۇستەملىكىسى بېنگالدا ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئالتىدىن بىر قىسىم پۇخرا ئاچلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە نىسبەتەن، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بولدى. 5 يىل ئىلگىرى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بېنگالنىڭ ۋالېيلىق ھوقوقىنى بەرگەن بولۇپ، يەر بېجى يىغىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى، ئەپسۇس، بۇ شىركەتكە ئەكسىچە ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. 
 
Tom Tomlinson (لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى): 
مۇنداق بىر مەشھۇر ھېكايە بار:  ھىندىستان ۋاراناسىدىكى ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 1000 فوندستېرلىڭ ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كىرىمى 40000 فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. ئېشىنچا كىرىمنىڭ ھەممىسى قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە پارا يېيىش بەدىلىگە كەلگەن.
 
Adrian • Wooldridge (ئەنگىلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى): 
ئالاھىدە ھوقوقلۇق شىركەتلەر ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە بولۇپ، كوللىكتىپقىمۇ، شەخسكىمۇ تەۋە بولماستىن، ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ. ئۇلار بەلكىم قىسقا مەزگىل ئىچىدە گۈللىنىشكە ئېرىشىشى مۇمكىن، بىراق ئوخشاشلا ئويلىمىغان چوڭ خەتەرلەر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.
زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ بايلىق توپلايدىغان بىر شىركەت ئاخىرىدا دۆلەتكە يۈك بولۇپ قالدى، شىركەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەنگىلىيە پارلامېنتى 1773-يىلى «شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى قۇتقۇزۇش نىزامنامىسى»نى تەستىقلاپ، شىركەتكە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ چاي سودىسىنى مونۇپۇل قىلىش ھوقوقىنى بەردى. بىراق بۇ ئالاھىدە سىياسەت شىركەتنى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىككە سەۋەب بولدى. ئۆز ئىگىلىكىگە ئەركىن ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن، مۇستەملىكە دۆلەتلەردىكى پۇخرالار ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى، يەنە كېلىپ، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغانلار ئۇلارلا بولماستىن، ئەنگىلىيە پۇخرالىرىمۇ شۇ سەپتە ئىدى.
#p#
نىزامنامە تەستىقلانغان يىلى، ئەنگىلىيە ستاففوردشىردىكى Wedgwood فار-فۇر بويۇملىرى زاۋۇتى جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرلىك زاكاز تالونىدىن بىرنى تاپشۇرۇۋالدى. تالون روسىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئايال پادىشاھ Alexeevna بىر يۈرۈش 952 دانە ئاق رەڭلىك قاچا بۇيرۇتقانىدى. بىر يىلدىن كېيىن، زاۋۇت 1244 پارچە جۇڭگوچە رەسساملىق بىلەن ۋەزىپىنى مۇكەممەل ئورۇندىدى. بۇ زاۋۇت باشلىقى Josiah نىڭ ئابرويىنى بىراقلا ئۆستۈردى. 15 يىل ئىلگىرى، 29 ياشلىق Josiah Wedgwood  ئۆز ئىگىلىكىنى ياراتقانىدى، ساپالچىلىق ئائىلىسىدىن چىققان بۇ كارخانىچى ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئومۇمىي ئىشلاپچىقىرىش جەريانىنى ئون نەچچە كىچىك بۆلەككە بۆلۈۋەتتى. 
ئۇنىڭ زاماندىشى، سۇ كۈچى بىلەن ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ ئىختىراچىسى Arkwright مانچىستېردا تۇنجى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى زاۋۇتنى قۇردى. بۇ چاغدا، ئەنگىلىيىدە %40 يېشى 20 دىن ئاشقان ئەر ئەمگەك كۈچلىرى سودا ياكى ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەنە شۇلار دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە سانائەت ئىنقىلابىنى قوزغىغانىدى. 
 
نىك.خاررىي (ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى): 
پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى يۈزلىگەن كىچىك شىركەتلەر سانائەت ئىنقىلابىغا سۆرەپ كىرىلدى، سانى كۆپ بولمىسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى.
 
Alexander Stan Ziani (فىرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى): 
كاپىتالىستلارنىڭ تارىخى دەل ئالاھىدە ئىجازەتكە ئېرىشمەستىن ئەركىن تىزىمغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تارىخىدۇر.
1776-يىلى8-مارت، ئەنگىلىيە بىرمىڭخام، ئىككى شېرىكنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بوردون-ۋات شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. گەرچە كونا تىپتىكى بولسىمۇ، 100 ئادەمنىڭ ئىشىنى ئۈستىگە ئالالايتتى. پار ماشىنىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ۋە تەبىئىي كۈچكە تايىنىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىنقىلابنى مەيدانغا چىقاردى. بۇنىڭغا قارىتا، شىركەتنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بوردون خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دەپ يازغان: «ماڭا نىسبەتەن، ئۈچلا ۋىلايەت ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشلا ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.» ئەمما، بوردون ناھايىتى تېزلا ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىزلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەرقانداق ئۈسكۈنىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول قويمايتتى، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلاتتى. ئۇنداقتا، شىركەتنىڭ تەقدىرىگە زادى كىم ئىگە بولىدۇ؟
#p#
بىر 50 ياشلىق ئالىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلانماقتا ئىدى، شىركەت پار ماشىنىسىنى بازارغا سېلىپ 4 كۈندىن كېيىن، گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئادام.سمېت «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابنى نەشىرىن چىقاردى. بۇ ئەسەردە، دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ بايلىق قوغلىشىشتەك سودا ھېرىسلىقى مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىپ، باراۋەر ھوقوقلۇق توختام ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئەركىن ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانىدى.
 
Nicholas carat Fuzi (ئەنگىلىيە ۋورۋىك ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى): 
ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مەشھۇر قاراش كۆرۈنمەس قولدىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: بازار ئىگىلىكى داۋامىدا شەخسلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي سودا يوقىرى ئۈنۈملۈك بايلىق تەقسىملىنىش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بازار ئىگىلىكىدىكى كىرىم سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
سمېتنىڭ قارىشىچە، ھەربىر ئادەم ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرەش قىلسا ھەم يېتەرلىك ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشسە، بۇ ناھايىتى قايىل قىلارلىق پىرىنسىپتۇر. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: باشقا ۋاسىتىلەرسىزمۇ، بۇ خىل تىرىشچانلىق بىلەن جەمئىيەتنى گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە باشلاپ كىرىش مۇمكىن. بۇ خىل كۆرۈنمەس قولنىڭ يېتەكلىش ئاستىدا، ئەنگىلىيەدىكى تۈمەنلىگەن كىچىك شىركەتلەر بىر مەيدان سانائەت ئىنقىلابىنى قوزغىدى، بۇ ئىنقىلاب ھۆكۈمەتنىڭ زورلۇق كۈچىگە تايانمىغانىدى، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ھۆكۈمەت ئىجازىتى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركەتلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى.
نىك.خاررىي(ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد تارىخى پىروفېسسورى): 
سانائەت ئىنقىلابى جەريانىدا جانلانغان شىركەتلەرنىڭ كۆلىمى ئاساسەن دېگۈدەك كىچىك بولۇپ، ئائىلىۋى ئىگىلىك دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇلار قانۇنىي جاھەتتىن ھەمكارلىق تۈزۈمى ئورناتقان بولۇپ، ھەمكارلاشقۇچىلار شىركەتنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەت مۇستەقىل ھالدا قانۇنىي ئىگىلىك ئورنىغا ئىگە بولمايدۇ.
ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان كىچىك شىركەتلەر ئۆز پايدىلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، كەشىپ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى جەمئىيەت ئىقتىسادىي كۈچلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى، بۇ يەنە ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازادلىق ھەرىكىتى ئىدى.
 
L•E•Small Pozer (ئامېرىكىلىق قانۇنشۇناس): 
بۇ بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ يوقىرى قاتلامدىكىلەردىن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىدەك مۇھىم بۇرۇلۇش.
شىركەتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، سودا ھېرىسلىقى مەزگىللىرىگە سېلىشتۇرغاندا مۇنداق بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولدى: زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان سانائەت شىركەتلىرى ئەنئەنىۋىي سودا شىركەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىقتىساد سەھنىسىدە باش رول ئېلىشقا باشلىدى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دەل شۇلار ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنى %63 رەخت، %54 كۆمۈر، %58 پولات-تۆمۈر بىلەن تەمىنلىگەنىدى. ئەنگىلىيە بارلىققا كەلتۈرگەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دۇنيا سەۋىيەسىنى بېسىپ چۈشكەندىن كېيىن، يېڭىچە سودا-سانائەتچىلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى سىرتقا قارىتا سودا مونۇپۇلىيەسى يۈرگۈزۈپ، يېڭىچە ئىقتىسادىي تۈزۈم بەرپا قىلىش ئىدى.
 (1733-يىلى Jog نىڭ كەشپ قىلىنىشى بىلەن توقۇمىچىلىق سۈرئىتىنى تېزلىتىلدى؛ 1765-يىلى جېننى ئېگىرىش ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىپ، پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ئېشىش كۆرۈلدى؛ 1771-يىلى سۇ كۈچى بىلەن يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى زاۋۇتىدىن ئىبارەت زامانىۋىي زاۋۇت بارلىققا كەلدى.)
#p#
چيەن چېڭدەن (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى): 
سانائەت ئىنقىلابى بىر تۈركۈم زاۋۇت، كىچىك كارخانا ئىگىلىرىنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئۇلارنى ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغۇزغان مەزگىلدە، ئۇلار دۆلەتنىڭ مونۇپۇلىيە سىياسىتى ۋە بەزى چوڭ سودا گورۇھلىرى، سودا شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىساىي مونۇپۇلىيە ھەرىكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ قويغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ، ئازادلىققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى.
 
Paul • Kennedy (يالې ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى): 
بىز داۋاملىق سودا قورۇقچىلىقى ئارقىلىق تاشقى ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەرنىڭ مونۇپۇلىيە ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ زور پايدىغا ئېرىشسەكمۇ بولىدۇ، بىراق ئەگەر ئەركىن سودىنى تاللىساق، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز باشقىلارنىڭ بېيىشىغا يول قويغاندىلا، ئۇلار بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى تېخىمۇ كۆپلەپ سېتىۋالالايدۇ.
1815-يىلى، ئەنگىلىيەلىك كىنەز Wellington Waterloo دا ناپولېئوننى مەغلۇب قىلدى، ياۋروپانى سۈپۈرۈپ تاشلىغان فىرانسىيە پادىشاھىنىڭ كىچىك دۇكاندار دۆلىتى ئالدىدا رەڭگى ئۆچتى. دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ھەربىي كۈچكىلا تايانماستىن، بەلكى ئەۋزەل ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئىلغار ئىقتىسادىي تۈزۈمگە تايىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە-فىرانسىيە ئارىسىدىكى كۈچ ئېلىشىشقا بەزىلەر مۇنداق باھا بەرگەن: ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى پەقەتلا برىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسى بولماستىن، بازار ئىگىلىكىنىڭ غەلىبىسىدۇر. Waterloo ئۇرۇشىدىن ئىككى يىل بۇرۇن، ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيەگە بولغان سودا مونۇپۇلىيەسى پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تىرىشچانلىق بىلەن دۆلەت شىركىتىنى باشقۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆز رولىنى ئۆزگەرتىپ، شىركەتنى بازارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 
1830-يىلى 23-سىنتەبىر كېچىچە ياغقان يامغۇر سەھەردىمۇ ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق ھاۋادىمۇ 200 مىڭ ئادەم يامغۇردىن قورقماي لىۋېرپولدىن مانچېستېرغىچە بولغان 30 ئىنگلىزمىلى تۆمۈر يول لېنىيەسى تۈۋىدە شىركەت تەرىپىدىن ئېچىلغان دۇنيادىكى تۇنجى ئاممىۋىي قاتناش تۆمۈر يولىنىڭ رەسمىي قاتناشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە شاھىت بولدى. پويىز يېتىپ كېلىشى بىلەن، پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت كۆپ تالاش-تارتىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئېگىز چوققىدىن بىراقلا چوڭقۇر ھاڭغا دومىلاپ چۈشكەن ئىقتىسادىي تەشكىلاتمۇ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى.
James • Morris (نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى): 
كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلار ئىچىدە، تۆمۈر يول ئەڭ مەشھۇر. ئەلۋەتتە، يەنە قانال قۇرۇلۇشى، مەسىلەن، سۇۋەيش قانىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زور مەبلەغ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلار بۇلۇپ، بۇنچە كۆپ مەبلەغنى قانداق توپلاش كېرەك؟ بۇ چاغدا پاي شىركىتى كىشىلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپلا قالماي، كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سىياسەت ھېسابلىناتتى.

داۋامى داۋاملىق تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى