ئەمگەك توختامىنى چوقۇم ئىدارە ساقلىشى كېرەكمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختامىنى چوقۇم ئىدارە ساقلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى ئەسلىدە ئىدارە بىلەن ئەمگەكچى ئىككىسى بىر نۇسخىدىن ساقلىشى كېرەك. شۇڭا، ئەمگەك توختامىنىڭ يازما ھۆججىتى ئاز دېگەندە ئىككى نۇسخا بولۇشى كېرەك.
نۆۋەتتە بەزى ئىدارىلەر ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى يىغىۋېلىپ بىر تۇتاش ساقلايدۇ، بۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تەمىنلىگەن ئەمگەك توختامىنىڭ ھۆججىتىگە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىدا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك ماددىلار ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنىڭ يازما ھۆججىتىنى ئەمگەكچىگە تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.