ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ تەدبىرلىرى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ تەدبىرلىرى

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۆزىنى قاچۇرۇشنى سىغدۇرالمايدۇ» بۇ يەردە!

 

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ تەدبىرلىرى

 

ياخشىلاش پۇرسىتىنى ئىز قوغلاش ھەمدە ئالدىن مۆلچەرلەش. كارخانا بىر ئىز قوغلاش ھەمدە مۇلازىمەت سەۋەنلىكىنى تونۇيدىغان سېستىمىنى قۇرۇشقا موھتاج، بۇنى خېرىدارلار بىلەن كارخانا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە ساقلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەتنى ياخشىلاش تەدبىرى كارخانىلاردىن خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئارقىلىق سەۋەنلىكنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى پاسسىپ ھالدا خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاڭلاۋەرمەستىن بەلكى ئاكتىپلىق بىلەن يوشۇرۇن بولغان مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىكلەرنى تەكشۈرۈش لازىم. بازار تەكشۈرۈش ئېنىقكى بىر ئۈنۈملۈك چارە، مەسىلەن، خېرىدارلارنىڭ تەنقىدىنى يىغىش، خېرىدارلارنىڭ  ئاغرىنىشىنى ئاڭلاش، ئەرز قوبۇل قىلىش قىززىق لېنىيىسىنى ئېچىپ خېرىدارلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار. ئۈنۈملۈك بولغان كاپالەت ۋە پىكىر ساندۇقىمۇ كارخانىلارنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

خېرىدارلار مەسلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش. خېرىدارلار مۇنداق دەپ قارايدۇ، ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بولسا كارخانا بىرىنجى سەپ خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن نەق مەيداندا پەيدا بولۇپ، مەسلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، خېرىدارلاردىن كەچۈرۈم سورىشى، ھەمدە مەسلىنى يۈزتۇرانە ھەل قىلالىشىدۇر. ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، مالنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ، مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، پارچە سېتىش سودىسىدىكى شەرتسىز مالنى قايتۇرۇش، خېرىدارلار ئالدىن زاكاس قىلغان بېكى ماشىنىسى ئىجارىگە بېرىۋېتىلگەن بولسا، ماشىنا ئىجارە بېرىش شىركىتى رولس رويىس ماشىنىسىنى بېكىنىڭ ئورنىغا خېرىدارلارغا ئىجارە بېرىش قاتارلىقلار.

 

ئىلاج بار مەسلىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش. مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىكنى بايقىغان ھامان، مۇلازىمەتچى خادىملار چوقۇم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەسلىنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىش كېرەك. بولمىسا،ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىك ناھايىتى تېزلا يامراپ كېتىدۇ ھەم ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. بەزى ئەھۋال ئاستىدا، مۇلازىمەتچىلەر سەۋەنلىكنى ئالدىن پەرەز قىلىشى ۋە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەلۇم ئايروپىلان ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن قونۇشى كېچىكتۈرۈلمەكچى بولسا، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنىڭ قوسقىنىڭ ئېچىپ قېلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ يىمەكلىك تەييارلىشى لازىم، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا. مۇلازىمەتچى خادىملار ئايروپىلاندىكى قورسىقى ئېچىپ كەتكەن يولۇچىلارغا مۇنداق دېيىشى لازىم: «سىلەرنىڭ ماسلىشىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، بىز ھازىر بىخەتەر قونۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئايروپىلاندا يېتەرلىك بولغان تاماق ۋە خۇرۇچلار بار، ئەگەر قوشۇلساڭلار ئاۋۋال بالىلارغا كەچلىك تاماق تەييارلىغان بولساق». يولۇچىلار باش لىڭشىتىپ مۇلازىمەتچىلەرنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئېچىرقىغان، ۋاقىراپ يىغلىغان كىچىك بالىلارنىڭ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مۇلازىمەتچىلەر مەسلىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىن پەرەز قىلدى. ئۇ يامراشتىن بۇرۇن مۇلازىمەتچىلەر مەسلىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالدى.


بىرىنجى سەپ خادىملىرىغا مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى ھوقۇقنى بېرىش. بىرىنجى سەپ خادىملىرىغا نىسبەتەن، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ مۇلازىمەتنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئالاھىدە تەربىيەلەشكە موھتاج. بىرىنجى سەپ خادىملىرى مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى، ھوقۇقى ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش ئىقتىدارىغا موھتاج. ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى بولسا خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بېكىتىش، جانلىق ئالاقە باغلاش قاتارلىقلاردۇر.

خىزمەتچىلەرگە چوقۇم مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھوقۇقنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مەلۇم يول قويۇلغان دائىرە ئىچىدە، ھەر خىل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنجى سەپ خادىملىرى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن جازالانماسلىقى كېرەك. ئەكىسچە، كارخانا خىزمەتچىلەرنى يۈرەكلىك بىلەن مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە رىغبەتلەندۈرىشى كېرەك.

 

ياخشىلاش ھەرىكىتىدىن تەجرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەش. مۇلازىمەتنى ياخشىلاش مۇلازىمەتتىكى چاكنى تولۇقلاش، خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ يەنە ئىنتايىن قىممىتى بولغان، لېكىن دائىم تولۇق ئىشلىتىلىشى نەزەرگە ئېلىنماي قالغان، دىئاگنوز خاراكتېرىدىكى كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشتىكى ئۇچۇر بايلىقىدۇر. مۇلازىمەتنى قۇتقۇزۇشتىكى پۈتكۈل جەريانغا ئەگىشىش ئارقىلىق، باشقۇرغۇچى مۇلازىمەت جەريانىدىكى نۇرغۇنلىغان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەرنى بايقايدۇ، ھەمدە مۇلازىمەت سېستىمىسىدىكى بەزى ھالقىلارنى تۈزىتىدۇ، شۇ ئارقىلى «مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ھادىسىنى قايتا پەيدا قىلمايدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى